پىسخىكا مەسلىھىتى | تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى | ساغلاملىق بىلىملىرى | ئۇيغۇر تىبابىتى | باش بەت
  جىنسىيەت ھەققىدە | تۇرمۇش ۋە ساغلاملـــىق | ئانا-بالىلار ھەققىدە | ياشانـــغـانـــلار | ئەيـــدىز
باس -باس ئۇچۇرلار  
  • زەكەرنىڭ چوڭ كىچىكلىكى ھەم جىنسىي تۇرمۇش
  • جىنسىي ھېسسىيات سۇسلىشىش
  • جىنسى ئالاقە قىلىش قېتىم سانى مۇۋاپىق بولۇش كىرەك
  • چىراي گۈزەللىكىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان 10ناچار ئادەت
  • زېرىكىشلىك جىنسىي تۇرمۇشنى تەڭشەشنىڭ 6 خىل ئۇسۇلى
  • پۇراق ۋە جىنسىي تەلەپ
  • ئەرلىك جىنسىي ئاجىزلىق
  • جىنسى لەۋنىڭ ھەددىدىن زىيادە يوغان بولۇشى
  • جىنسىي ئالاقىدىكى ئاغرىش
  • ئاياللاردا جىنسىي تەلەپنىڭ كەمچىل بولۇشى
  • تويدىن بۇرۇنقى جىنسي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنىڭ زىيىنى
  • جىنسىي ئاجىز لىقنى ئوزۇقلۇق بىلەن داۋالاشنىڭ پرىنسىپل ...
  • مەنىنى بەدەن سىرتىغا چىقىرۋەتسە ، ھامىلدار بولامدۇ؟
  • ھاراق ۋە مەنى بالدۇر چىقىپ كېتىش
  • جىنسىي تۇرمۇش چىكىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغا ...
  • تاماكا تاشلاش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟
  • سېمىزلىك ۋە جىنسىي ئىقتىدار
  • ئەرلەرنىڭ جىنسىي جەھەتتە قېرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ...
  • ئەرلەردىكى بۆرەك ئاجىزلاشنىڭ ھەر خىل ئالامەتلىرى
  • ئېغىز پۇراش
  • خانىم قىزلار ئورۇقلاشنىڭ 20 خىل ئۇسۇلى
  • مېۋىنى خاتا يەپ قويسىڭىز سەمىرىپ كېتىسىز ...
  • ئەرلەرنىڭ يېشى چوڭايسىلا چوقۇم ئەرلىك جىنسىي ئاجىزلىق ...
  • مەنى قانچە كۆپ بولسا ، شۇنچە ياخشى دىگەن كۆز قاراش خاتا ...
  • بۆرەككە بىۋاستە ئەكس تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار
  • كۆزگە قاراپ كېسەللىكلەرنى پەرقلەندۈرۈش
  • بەدىنىڭىزدە قايسى ۋىتامىنلارنىڭ كەملىگىنى بىلەمسىز ؟ ...
  • قىشتا بۇ خىل يىمەكلىكلەرنى كۆپرەك يەپ بېرىڭ
  • جىنسىي تۇرمۇش پەرزەنتلىك بولۇشقا تەسىر كۆرسىتەمدۇ
  • يۈرەك كېسىلى بارلارغا تۆۋەندىكى ئون ئىش مۇۋاپىق ئەمەس
  •  
    جىنسىي ھورمۇنلار يېتەرلىك بولۇش
    يوللىغان ۋاقىت:2009-03-12 ئاۋاتلىقى:58
    كىچىك | نورمال | چوڭ             
    ئەرلەرنىڭ ئۇرۇقدېنى بىلەن ئاياللارنىڭ تۇخۇمدېنى مۇھىم جىنسىي بەزلەر بولۇپ،بۇلار سىتروللار (كۆپ ھالقىلىق ئالكوھول تۈرىدىكى ئورگانىك ماددا(strollar)غا ئوخشاپ كېتىدىغان ماددىنى ئىشلەپ چىقىرالايدۇ. بۇ خىل ماددىلار جىنسىي ئەزالارنىڭ ئۆسۇپ يېتىلىپ تەرەققى قىلىشى ۋە جىنسىي ئىقتىدار قاتارلىقلار بىلەن ناھايىتى زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان جىنسىي گورمۇنلار دەپ ئاتىلىدۇ. ئەرلەرنىڭ ئۇرۇقدېنىدا ئىشلىنىپ چىققان جىنسىي گورمۇنلار ئەرلىك گورمۇنلار(تېستوستېرون .testosteron)ئاياللارنىڭ تۇخۇمدېنىدا ئىشلىنىپ چىققان جىنسىي گورمۇنلار ئاياللىق گورمۇنلار(ئانىلىق گورمون-ئىستىرىن estrinبىلەن ھامىلدارلىق گورمىنى پروگستىن progestinدەپ ئاتىلىدۇ.ئۇرۇقدان ياكى تۇخۇمداندىن ئاجرىلىپ چىققان گورمۇنلار بىۋاستە قانغا ئۆتۇپ پۇتۇن بەدەنگە تارىلىپ ئوخشىمىغان فىزىئولوگىيلىك رولنى جارى قىلدۇرىدۇ.
    ئۇرۇقداندا ئىشلىنىپ چىققان ئەرلىك گورمۇنلار ئەرلەرنىڭ ئاساسىي ۋە قوشۇمچە جىنسىي ئەزالارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۇرۇپ جىنسىي ئىقتىدارنىڭ نورمال ھالىتىنى ساقلايدۇ.
     رەڭلىك قوڭغۇراق موزىكىلىرى 

    تۇخۇمداندا ئىشلىنىپ چىققان ئاياللىق گورمۇنلار بالىياتقۇ،تۇخۇم نەيچىسى،جىنسىي يول ۋە تاشقى جىنسىي ئەزالارغا تەسىر كۆرسىتىپ،ئۇلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۇرىدۇ ۋە جىنسىي ئىقتىدارنىڭ نورمال ھالىتىنى ساقلايدۇ. تۇخۇمداندا ئىشلىنىپ چىققان ھامىلدارلىق گورمۇنى(پروگىستىنprogestin)بىلەن ئانىلىق گورمۇن(ئىستىرىن estrin)ناھايىتى ئەپچىللىك بىلەن ئۆز ئارا ماسلىشىپ،ئاياللاردىكى ھەيز كېلىش ۋە تۇغۇت قاتارلىق فىزىئولوگىيلىك جەريانلارنى ئۇرۇندايدۇ.
    جىنسىي گورمۇنلار ئىككىلەمچى جىنسىي ئالاھىدىلىكلەرنىڭ پەيدا بولۇشىنى ئىلگىرى سۇرىدۇ شۇنداقلار ئىككى خىل جىنىسنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى پەرىقلەندۇرىدۇ. ئەرلىك گورمۇن (تېستوستېرون .testosteron)ساقال-بۇرۇتلارنى ئۆسۇتۇرش  رولىغا ئىگە بولسا، ئانىلىق گورمۇن ئىستىرىن estrin ساقال بۇرۇتلارنىڭ ئۆسۇشىنى تىزگىنلەش رولىغا ئىگە شۇڭلاشقا ئەرلەرگە ساقال بۇرۇت چىقىدۇ،ئاياللارغا چىقمايدۇ. ئەرلىك گورمۇنلار ئاقسىللارنىڭ بىرىكىشىنى ئىلگىرى سۇرۇش،مۇسكۇللارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۇرۇش كۇچىگە ئىگە.شۇڭلاشقا  ئەرلەرنىڭ مۇسكۇللىرى تەرەققىي قىلغان بەدەنلىرى چىڭ،گۇرۇي،كۇچلۇك كېلىدۇ. ئانىلىق ھورمۇنلار تېرە ئاستىغا مايلارنىڭ يېغىلىشىنى ئىلگىرى سۇرۇش رولىغا ئىگە. شۇڭا ئاياللارنىڭ تېرىسى يۇمغاق ۋە تېرە ئاستىدا ماي كۆپ بولىدۇ. بولۇپمۇ گەۋدە،كۆرەك،ساغرا قاتارلىق ئۇرۇنلاردا مايلار كۆپلەپ يېغىلىپ ئاياللارغا خاس فىگۇرا، بەدەن قىياپىتىنى شەكىللەندۇرىدۇ. ئەمما ئاياللارنىڭ مۇسكۇللىرى ئانچە تەرەققى قىلمىغان بولىدۇ.
    ئانىلىق گورمۇن(ئىستىرىن estrin)لەر يەنە ئەمچەك كاناللىرىنىڭ ئۆسۇپ كۆپىيشىنى،ھامىلدارلىق گورمىنى (پىروگسىتىن-progestin) ئەمچەك بېزى پۇۋەكچىلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ.شۇنىڭ ئۇچۇن ئاياللارنىڭ ئەمچىكى چوڭ ۋە توشقان بولىدۇ.ئەرلەرنىڭ تەرەققىي قىلمىغان بولىدۇ.
    ئەرلىك گورمۇنلار يەنە بۇغدىيەكنىڭ يوغىنىشىنى ئىلگىرى سۇرۇش،ئاۋاز پەردىسىنى قېلىنلىتىش قاتالرىق روللارنى ئوينايدۇ. شۇڭا ئەرلەرنىڭ ئاۋازى بوم چىقىدۇ.
     مۇنبەر ئۇچۇرلىرى 

    ئەر-ئاياللارنىڭ جىنسىي بەزلىرى ئوخشاش بولمىغانلىقى ئۇچۇن،ئۇلارنىڭ ئۇرۇقدان ۋە تۇخۇمدانلىرىدا ئىچكى ئاجراتما گورمۇنلارمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. ئەر-ئاياللاردا  بولغان ۋە قەتئىي ئوخشاش بولمىغان جىنسىي ئالاھىدىلىكلەر، يات جىنسىقا قىزىقىش قوزغايدىغان مۇھىم ئامىل ھىساپلىنىدۇ. ھالبۇكى ئەرلەرنىڭ بەدىنىدە ناھايىتى ئاز مىقداردىكى ئاياللىق گورمۇنلار ،ئايالارنىڭ بەدىنىدىمۇ ناھايىتى ئاز مىقتاردىكى ئەرلىك گورمۇنلار بولىدۇ. ئەمما نورمال ئەھۋال ئاستىدا ئىنسان بەدىنىدە يات جىنىسلىقلارنىڭ گورمۇنلىرى تولىمۇ ئاز بولىدۇ ھەمدە بەكمۇ ئاز مىقتاردىكى بۇ خىل گورمۇنلار بىلىنگۇدەك تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. كېسەللىك سەۋەبىدىن ئەرلەرنىڭ بەدىنىدىكى ئانىلىق گورمۇن كۆپيىپ كەتسە ،ئەرلەرنىڭ ئەمچىكى يوغىنايدۇ. ئەگەر ئاياللارنىڭ بەدىنىدىكى ئەرلىك گورمۇن كۆپيىپ كەتسە،ئاياللارغا ساقال بۇرۇت چىقىدۇ.
    جىنسىي گورمۇنلار جىنسىي ھەۋەس جىنسىي تەلەپنى قوزغىتىپ جىنسىي ئىقتىدارنىڭ نورماللىقىنى كاپالەتلەندۇرىدۇ. جىنسىي ھەۋەسنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە جىنسىي مۇناسىۋەت ناھايىتى مۇرەككەپ نىرۋا رىفلىكىسلىق جەريان ھېساپلىنىدۇ.  بۇنىڭ يىلتىزى يەنىلا جىنسىي گورمۇنلارنىڭ تەسىرى دېيىشكە توغرا كېلىدۇ. مۇ بادا  ئەرلەرنىڭ بەدىنىدە ئەرلىك گورمۇن(سىتوستىرون)ياكى ئاياللارنىڭ بەدىنىدە ئانىلىق گورمۇن(ئىستىرىن)كەم بولدىغان بولسا، جىنسىي ھەۋەس (تەلەپ)ئاجىزلىششنى ياكى جىنسىي ئىقتىدارنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئەرلەردە سىتوستىرۇن مىقدارى زىيادە كەم بولسا، مەنى سۇيۇقلۇقىنىڭ ئازىيىپ كېتىشىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئانىلىق گورمۇنلارنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى ئايايالردا تۇخۇم ئىشلىنىپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۇرىيدۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ تۇخۇم چىقىرىشىنىڭ ئالدى-كەينىدە كۇچلۇك جىنسىي ئىنكاس (كۇيلەش)نى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ. دېمەك بۇلاردىن جىنسىي گورمۇنلارنىڭ ئەر-ئاياللىق جىنسىي ئىقتىدارىنى ساقلاشتا كەم بولسا بولمايدىغان ماددىي ئاساس ئىكەنلىكىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. بەدەندە جىنسىي گورمۇنلار يېتىشمىگەن ۋاقىتتا جىنسىيەت جەھەتتىكى فىزىئولوگىيلىك ئىقتىدارمۇ ئاجىزلايدۇ.نورمال جىنسىي پائالىيەت ئېلىپ بارغىلى بولمايدۇ.
    گورمۇنلار ئورگانىزىمدىكى ماددا ئالمىشىشنى ئىلگىرى سۇرىدۇ. ئەرلىك گورمۇنلارنىڭ ماددا ئالمىشىشقا نىسبەتەن كۆرسىتىدىغان ئەڭ مۇھىم تەسىرى بەدەندە ئاقسىللارنىڭ بېرىكىشىنى ئىلگىرى سۇرۇپ، ماددا ئالمىشىشنى كۇچەيتىپ بەدەننىڭ ئۆسۇپ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ. يىلىكنىڭ قان ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئىلگىرى سۇرۇپ، قىزىل قان ھۇجەيرىلىرى بىلەن قان قىزىل ئاقسىل(ھىموگلوبىن)لىرىنى كۆپەيتىدۇ. بەدەندىكى ساقلىنىۋاتقان مايلارنى ئازايتىدۇ ئانىلىق گورمۇنلارنىڭ ماددا ئالمىششقا نىسبەتەن كۆرسىتىدىغان ئەڭ روشەن تەسرى، بەدەندىكى مايلارنىڭ تارقىلىش ئەۋالىنى ئۆزگەرتىدۇ. يەنى تېرە ئاستىدىكى ماي مىقدارىنى كۆپەيتىدۇ، بەدەندە قەنىت ئالمىشش بىلەن ئاقسىللارنىڭ ئالمىشىشىغا مەلۇم تەسىر كۆرسىتىدۇ. سۆڭەكلەرگە كالتىسىينىڭ چۆكۇشىنى ئىلگىرى سۇرىدۇ.ھامىلدارلىق گورمۇنى بەدەندىكى ئاساسىي ماددا ئالمىششنى كۇچەيتىپ بەدەن ھارارىتىنى (تىمپىراتۇرىيسىنى)سەل پەل ئۆرلىتىپ بۇ خىل جىنسىي گورمۇنلار،بەدەندىكى سۇ ۋە ئانئورگانىك تۇزلارنىڭ ئالمىشىشىغىمۇ مەلۇم فىزىئولوگىيلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ.
    دىمەك، جىنسىي بەزلەر گەرچە ناھايىتى كىچىك بولسىمۇ ،ئۇلارنىڭ يۇقىرقىدەك فىزىئولوگىيلىك تەسىرلىرىدىن بەدەندىكى ئالاھىدە مۇھىم ئەزا بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. 
    تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
    Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
    新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064
    250704869    280137398   
    ئالاقىلىشىش تېلېفۇن: 13139888848,15999163133
       
    !تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ