ئەر-خوتۇننىڭ بىرى ياكى ھەر ئىككىسىنىڭ جىنسىي تەلىپى تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردا ناھايىتى تېز پەيدا بولىدۇ.
1-كۆڭلى ئازادە،خوشال-خۇرام ۋاقىتلاردا، ئائىلىدە بىرەر خوشاللىنارلىق ئىش بولغاندا ياكى مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن قارشى تەرەپ ئالاھىدە سۇيۇملۇك ۋە قەدىرلىك يېقىن تۇيۇلغان ۋاقىتلاردا ناھايتى ئاسانلا جىنسىي تەلەپ قوزغىلىدۇ ياكى قارشى تەرەپنىڭ جىنسىي تەلىپىنى رەت قىلالايدۇ.
2- تەن ساقلىقى ئىنتايىن ياىشى ۋاقىتلاردا ئاسانلا جىنسىي تەلەپ قوزغىلىدۇ. ئەگەر تەن ساقلىقى راسا ياخشى بولمىسا ياكى بىرەر يېرى بىئارام بولۇۋاتقان بولسا ئۇنىڭدا ئەر-ىوتۇنلۇق جىنسىي تۇرمۇش كەيپىياتىغا تەسىر يېتىدۇ.
3-ھاۋا ئىللىق(ئىسسىق)كۇنلەردە ئاسانلا جىنسىي تەلەپ قوزغىلىدۇ. ئەگەر ھاۋا ناھايىتى سوغۇق بولسا كېشىلەر توڭلاپ تۇگۇلۇپ جىنسىي تەلەپنىڭ قوزغىلىشى تەس بولىدۇ.
ئەگەر ھاۋا ناھايىتى ئىسسىق بولسا ئادەم تەرلەپ،ئىسىسپ كېتىپ جىنسىي تۇرمۇشتىن سەسكىنىشى،سالقىنراق يەردە يېتىۋىلىشىنى خالايدىغان بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
4-تىپتىنىچ مۇھىتتا ئاسانلا جىنسىي تەلىپى قوزغىلىشى مۇمكىن، ئەگەر ئولتۇراق ئۆي، بىنا ئەتراپىدا تاراق تۇرۇق ئاۋاز،كېچىسى قۇرۇلۇش قېلىۋاتقانلارنىڭ ھەرخىل شاۋقۇنلىرى بولسا كېشىلەرنىڭ روھى ھالىتىگە تەسىر يەتكۇزۇپ بىئارام قىلىشى، جىنسىي تۇرمۇشىغا تەسىر كەلتۇرشى مۇمكىن، ئەتراپ،مۇھىتى تىپتىنىچ بولسا ئەر-ئاياللارنىڭ شەخسى پىچىر پىچىر شېرىن پاراڭلىرىغا ئوڭايلىق تۇغۇلۇپ، دىققەت ئىتىبارى ئاسانلا جىنسىي ئالامەت تەرەپكە يېغىلىدۇ.
5-سىرىتقى تەسىر،غىدىقلاشقا ئۇچرىغاندا جىنسىي تەلەپ ئاسانلا قوزغىلىدۇ. مەسىلەن:كىنو،تېلىۋزىيە تىياتىرلىرىدىكى مەلۇم كۆرىنىشلەر،بىر قىسىم رەسىم سۇرەتلەر،ھېكايە، رومانلاردىكى مەلۇم ۋەقەلىكلەر ئەر خوتۇنلاردا جىنسىي ئىمپولىسنى (ھاياجانلىنىشنى ) قوزغىتىدۇ.
ئۆزىدە جىنسىي ئالاقە قىلىش ئارزۇسى توغۇلغاندىن كېيىن قانداق قىلىپ ئۆز جورىسىغا بېشارەت بېرىش كېرەك؟ ئادەتتە جىنسىي ئالاقە قىلىش ئارزۇسى تۇغۇلغاندىن كېيىن ئۆز جورىسىغا سۆز ياكى ھەركەتتىن ئىبارەت ئىككى خىل ئۇسۇل بىلەن بىشارەت بېرىشكە بولىدۇ.سۆز-بىۋاستە ۋە ۋاستىلىق سۆزدىن ئىبارەت ئىككى خىل بولىدۇ. بىۋاستە سۆز بىلەن ئۆز تەلىپىنى ئېنىق ئېيتسا بولىدۇ. ۋاستىلىق ھالدا مەسىلەن:ئۆز جورىسى بىلەن جىنسىيەت توغرىسىدىكى پاراڭلارنى سېلىشش، شۇ ئارقىلىق قارشى تەرەپنىڭ جىنسىي تەلىپى قوزغىتىش ياكى جورىسىنىڭ بالدۇرراق كارىۋاتقا چىقىپ يېتىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىش ئارقىلىق يۇشۇرۇن بىشارەت بېرىش، سۆز-ھەرىكەت بولسا ئۆز يولدىشىنى قۇچاقلاش،سۇيۇش،سىلاش قاتارلىق مۇھەببەت ھەرىكەتلىرى ياكى مەلۇم بىر خىل ئۇسۇل بىلەن بېشارەت بېرىشلەردىن ئىبارەت. ئەر-خوتۇنلار ئارىسىدىكى بىشارەت ئېنىقراق بولۇشى، ئوقۇشماسلىقلار ساىدر بولۇشىدىن ساقلىنىشى، ئورتاق تۇرمۇش جەريانىدا بۇ جەھەتتىكى قانۇنىيەتلەرنى ئۆز-ئارا ياخشى ئىگىلىۋىلىشى لازىم.
جىنسىي ئالاقە قىلىشنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق ئەڭ ياخشى ۋاقتى كەچلىك ئۇخلاشتىن بۇرۇنقى ۋاقىتتىن ئىبارەت. چۇنكى جىنسىي ئالاقىدىن كېيىنكى شېرىن ئۇيقۇ ئارقىلىق كېشىنىڭ جىسمانيي كۇچ-قۇۋۋىتى ئەسلىگە كېلىدۇ. بەزىدە ئەرنىڭ كۇندىلىك خىزمەت ئېغىر بولۇپ ھارغىنلىق ھېس قىلسا، جىنسىي ئالاقىدا مەنىنىڭ بۇرۇن چىقىپ كېتىپ جىنسىي تەلەپنىڭ قانماسلىقىدىن ساقلىنىش ئۇچۇن ئەڭ ياخشى كەچتە بىر ئۇخلاپ ئويغانغاندىن كېيىن ئاندىن جىنسىي ئالاقە قىلىشقا بولىدۇ. تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە خىل ئەھۋال ئاستىدا ئەر-ئايال ھەر ئىككى تەرەپ ئۆزىنى تۇتۇۋىلىپ جىنسىي ئالاقىنى ئازايتىشى ياكى جىنسىي ئالاقىدىن ساقلىنىشى لازىم.
1-ئېغىر كېسەل بولۇپ ساقىيىپ، تەن سالامەتلىكى ئەسلىگە كېلىۋاتقان مەزگىلدە جىنسىي ئالاقە قىلىش مۇۋاپىق ئەمەس، ئادەتتە ھەرخىل كېسەل مەزگىلىدە جىنسىي ئالاقە قىلىشقا بولمايدۇ، چۇنكى ساقنىڭ جىنسىي تەلىپى قانغان بىلەن كېسەلنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى نىسبەتەن يېنىك بولغانلارمۇ ئادەتتە ئۆزىنى تۇتۇۋىلىشى كېرەك. كېسەللەرنىڭ تۇرلىرىمۇ ناھايتى كۆپ، كېسەلنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، شۇڭلاشقا ئەڭ ياخشى بۇ ھەقتە دوختۇردىن مەسلىھەت ئېلىش لازىم.
2-زىيادە ھېرىپ-چارچىغاندا،مەست ۋاقىتىدا ياكى روھىي كەيپىياتى ياخشى ئەمەس ،ئەرلەر زىيادە ھاراق ئېچىپ مەسىت بولغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئۇرۇقىدا غەيرىلىك پەيدا بولۇشى مۇمكىن، ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋالدا ئايال تەرەپ ھامىلدار بولۇپ قالسا ئۇنداق ھامىلىنىڭ ئۆسۇپ يېتىلىشىگە تەسىر يېتىپ غەلىتە تۆرەلمە كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.
3-ئاياللارنىڭ ھەيز مەزگىلىدە جىنسىي ئالاقە قىلىشقا بولمايدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋالدا جىنسىي يولدىن ئاجرىلىپ چىققان سۇيۇقلۇقلار كىسلاتا خاراكتېرلىك بولۇپ،سىرىتتىن كىرگەن مىكروبلارنى ئۆلتۇرەلەيدۇ.لېكىن ھەيىز مەزگىلىدىكى جىنسىي يولدىن ئاجرىلىپ چىققان سۇيۇقلۇقلار قان بىلەن نېيتراللىشىپ ئىشقارلىق خۇسۇسىيتىگە ئۆزگىرىدۇ-دە، مىكروبلار ناھايىتى ياخشى ئۆسەلەيدۇ.ھەيىز مەزگىلىدە بالىياتقۇ دىۋارلىرى ئاجراپ بالىياتقۇ ئىچى زەخمىلىنىدۇ، بالىياتقۇ ئېغىزى نھايىتى كىچىك دەرىجىدە ئېچىلىدۇ. بۇ مەزگىلدە جىنسىي ئالاقە قىلىشسا ئاسانلا مىكروب كېرىپ جىنسىي ئەزالاردا ياللۇغلىنىشپ پەيدا قىلىدۇ. ئەگەر بۇرۇن سۇزۇلما خاراكتېرلىك داس بوشلۇقى ياللۇغى بولسا ھەيىز مەزگىلىدىمۇ جىنسىي ئالاقە قىلىشسا ياللۇغلىنىشنىڭ جىددى غىدىقلىنىشىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ. ھەيز مەزگىلىدە قېلىنلىغان جىنسىي ئالاقە ھەيز ۋاقتىنى ئۇزارتىۋىتىدۇ. قان كۆپ كېتىدۇ. ياكى ئاياللاردىكى بىئاراملىق تېخىمۇ كۇچىيىپ كېتىدۇ.
4-ھامىلدارلىقنىڭ دەسلەپكى ئۇچ ئېيى ۋە ئەڭ ئارخىرقى ئۇچ ئېيى ئىچىدە جىنسىي ئالاقە قىلىشقا بولمايدۇ. ھامىلدارلىقنىڭ دەسلىپىدە بالا ھەمراھى بالىياتقۇ ئىچىدە تېخى مۇستەھكەملەنمىگەن بولۇپ بۇ مەزگىلدە جىنسىي ئالاقە قىلىشسا ئاسانلا بالىياتقۇغا تەسىر كۆرسىتىپ (بالىياتقۇ قىسقىرىپ)نەتىجىدە بويىدىن ئاجراپ كېتىشىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىشى مۇمكىن. ھامىلدارلىقنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدىمۇ جىنسىي ئالاقە قىلىش ناھايىتى ئاسانلا بويىدىن ئاجراپ كېتىشىنى ياكى بۇرۇن تۇغۇلۇپ قېلىشنى، بالىياتقۇنىڭ قانىشىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىشى مۇمكىن. بۇ ئىككى مەزگىلدە باشقا ۋاقىتلاردىمۇ جىنسىي ئالاقە چەكلىك بولۇشى، ھەرىكەت سىلىق-سىپايىرەك بولۇشى زىيادە قوپال،قاتتىق، قارام ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىش،ئايالنىڭ ئۇستىدىن قورسىقىنى زىيادە بەك بېسىۋالماسلىق لازىم.
5-تۇغۇتتىن كېيىن تاكى بالىياتقۇ ئۆز ئەسىلى ئورنىغا،ھالىتىگە كېلىپ بۇلۇشتىن بۇرۇن (40كۇن) جىنسىي ئالاقە قىلىشقا بولمايدۇ. بولمىسا جىنسىي ئەزالاردا ئاسانلا ياللۇغلىنىش ،بالىياتقۇ قانىشىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىشى ياكى يېرىق،جىنسىي يولىدىكى زەخمىلىنىشلەرنىڭ ئۆز ۋاقتىدا ساقىيشى ۋە تۇغۇتتىن كېيىن سالامەتلىكنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە توسالغۇ بولىشى،تەسىر يەتكۇزىشى مۇمكىن.
6-ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش ئۇزۇكى سالدۇرغان ياكى ئالدۇرۋەتكەن ۋاقىتتا ۋە ئەرلەر ئۇرۇق توشۇش نەيچىسىنى باغلىۋىتىش ئوپراتسىيسىدىن كېيىنكى ئىككى ھەپتە ئىچىدە جىنسىي ئالاقە قىلىشقا بولمايدۇ. ئاياللار تۇخۇم تۇشۇش نەيچىسىنى باغلىۋىتىش ئوپراتسىيسىنى قىلدۇرغاندىن كېيىنكى بىر ئاي ئىچىدە جىنسىي ئالاقە قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم .