بىر قىسىم كىشىلەر ھەمىشە كۆپ مىقتاردا تۇخۇم يەپ بەرسە، بەدەننى كۈچلەندۈرىدۇ، دەپ قارايدۇ. بىراق بۇنىڭمۇ ئەكس تەسىرى بولىدۇ، يەنى قورساق قىسمى ئېسىلىپ كۆڭلى ئاينىش، پۇت - قول ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىقلار. بۇ ھازىرقى زامان تىبابەتچىلىك ئىلىمىدە « تۇخۇم ئاقسىلى بىلەن زەھەرلىنىش ئۇنىۋېرسال كېسەللىكلىرى » دەپ ئاتىلىدۇ.
بەدەن سۈپىتى ئاجىزراق كىشىلەر كۆپ مىقتاردا تۇخۇم ئىستېمال قىلسا، ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنىڭ يۈكىنى زور دەرىجىدە ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىپ، بەدەن ئىچىدىكى ئاقسىل ماددىسى زىيادە يۇقىرىلاپ كېتىپ، ئۇچەي يوللىرىدا غەيرىي نورمالسىز ئاجرالمىلارنى ھەمدە زور مىقتاردىكى ئامىياكنى پەيدا قىلىپ، ئادەم بەدىنى ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزۈپ، يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.