رېتسېپ : پىششىق ئەگرىسۇنايدىن 30 گرام ، سېرىق يۆگەيدىن 30 گرام ، مالىنادىن 25 گرام ، چۆپچىندىن 20 گرام ، جىنكېۋىزىدىن 30 گرام ، ئالقاتتىن 30 گرام ، پاقىيۇپۇرمىقى ئۇرۇقىدىن 10 گرام ، قورۇلغان كۈدە يوپۇرمىقى ئۇرۇقىدىن 15 گرام ، دارچىندىن 10 گرام ، شازاندىرادىن 15 گرام ، بۇغا يۇمران مۈڭگۈزىدىن 5 گرام ، ئود ھىندىدىن 10 گرام ، ياڭاق مېغىزىدىن 5 گرام ، مورىندادىن 25 گرام . ئىشلىتىش ئۇسۇلى : دورىلارنى يۇمشاق تالقان قىلىپ ، ھەسەل قوشۇپ كومىلاچ ياساپ ، كۈندە ئىككى قېتىم ، ھەر قېتىمدا 10 گرامنى ئازراق تۇز سېلىنغان قايناقسۇ بىلەن يەپ بېرىلىدۇ . تەسىرى : بۆرەكنى كۈچەيتىدۇ . مەنىي تەركىبىدىكى ئۇرۇق ئازلىق ياكى ئۇرۇق بولماسلىققا دەۋا بولىدۇ . رېتسېپ : كىرەشدىن 30 گرام ، ئالقاتتىن 30 گرام ، كاشىمدىن 20 گرام ، ئانىماررېنادىن 20 گرام ، كاپراسدىن 20 گرام ئەيپىمدىيۇمدىن 60 گرام . ئىشلىتىش ئۇسۇلى : دورىلارنى يۇمشاق تالقان قىلىپ ، ھەسەل قوشۇپ كومىلاچ ياساپ ، كۈندە 3 قېتىم ، ھەر قېتىمدا 9 گرامى قايناقسۇ بىلەن يەپ بېرىلىدۇ .
|