قان ئېلىش بىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ئۆلۈم گىردابىغا بېرىپ قالغانلارنى ھاياتلىققا ئېرىشتۈرۈشتەك مۆجىزىلەرنى ياراتقان بولسىمۇ ، لىكىن ئەمىلىيەت بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى ، ئەگەر قان ئالغاندا ئەيدىز ۋېروسى بىلەن يۇقۇملانغان قاننى ئېلىپ قويساق بەخىتسىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىردۇ .
شۇنىڭ ئۈچۈن قان ئالغاندا ۋە قاندىن ياسالغان بۇيۇملارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ،ئەيدىز ۋېروسىنىڭ قان ئارقىلىق تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ تۈپ كاپالىتى .دۆلىتىمىز بۇ جەھەتتە بەلگىلىمە چىقاردى . بارلىق دوختۇرخانىلار ئىشلەتكەن قان سۇيۇقلۇغى ئەيدىز كىسىلى ۋېروسىنى تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن بولۇشى كېرەك . بىخەتەر قان ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلش - داۋالاش ، سەھيە تارمالىرىنىڭ مەسئۇليىتى . شۇڭا ھەر بىر ئادەم بىخەتەر قان ئىشلىتىشكە نازارەتچىلىك قىلىش لازىم .
1) زۈرۈر بولمىغان قان ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك .
2) ئەگەر قان ئېلىش زۈرۈر بولۇپ قالسا ،قان ئالغۇچى قاننىڭ ئەيدىز كىسىلى ۋېروسىنى تەكشۈرتۈشتىن ئۆتكەن - ئۆتمىگەنلىگىنى سۈرۈشتۈرۈشىكە ھوقوقلۇق .
3) ئاتالمىش << تاقابىل كۈچىنى ئاشۇرۇش >> ئۈچۈن قارغۇلارچە قاندىن ياسالغان بۇيۇملارنى ئىشلەتمەسلىك كېرەك .
كىچىك تەۋسىيە : نىمە ئۈچۈن خالىس قان بېرىش تەشەببۇس قىلىندۇ ؟
قان ھاياتلىقتا بولمىسا ياكى كام بولسا بولمايدىغان بىر خىل مۇھىم ماددا ،نۇرغۇن بىمارلار قان ياكى قان سۇيۇقلىغىدىن ياسالغان بۇيۇملار ئارقىلىق ھاياتنى قۇتقۇزۇشقا توغرا كېلىدۇ .
قان سۇيۇقلۇقى سۈپىتىنىڭ لايەقەتلىكىگە قانداق ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ ؟ مۇنتىزىم قان پونكىتلىرگە بېرىپ ، خالىسانە قان تەقدىم قىلىشقا مۇقتاج . مۇنتىزىم قان پونكىتلىرى بارلىق قان تەقدىم قىلىنغان قاننى تەكشۈرۈپ ، لاياقەتسىزلىرىنى بۇراككا چىقىردۇ . پەقەت مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن قان سۇيۇلىغى پاكىزە بولىدۇ . پاكىزە بىخەتەر قان ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ . شۇ مەندىن ئېيتقاندا ، قان تەقدىم قىلغۇچىلار بىر قېتىم قان تەقدىم قىلسا بۇ قان ئىشلەتكۈچىگە بولغان قەلىب ئىزھارى بولۇپ قالماستىن بەلكى دۆلىتىمىزنىڭ ئەيدىز كىسىلنى كونتىرول قىلىشقا بىر ئۈلۈش ھەسسە قوشقان بولىدۇ .