پىسخىكا مەسلىھىتى | تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى | ساغلاملىق بىلىملىرى | ئۇيغۇر تىبابىتى | باش بەت
  جىنسىيەت ھەققىدە | تۇرمۇش ۋە ساغلاملـــىق | ئانا-بالىلار ھەققىدە | ياشانـــغـانـــلار | ئەيـــدىز
باس -باس ئۇچۇرلار  
  • جىنسى تۇرمۇش ئۆتكۈزگەندە نىمە ئۈچۈن ئەيدىز ۋېروسى تار ...
  • ئەيدىز گىرىپتارلىرىنىڭ ۋەھشى پىلانى
  • ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئېغىز بوشلىقىدىكى ئالامەتلىرى
  • نىمە ئۈچۈن قىزلار ئەيدىز ۋېرۇسى بىلەن تىز يۇقۇملىندۇ ؟
  • ئامرېكىلىق دوختۇر ئەيدىز كېسىلىنى داۋالىدى
  • ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئالامەتلىرى قايسىلار ؟
  • نېمە ئۈچۈن قىزلار ئاسانلا ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بو ...
  • قانداق قىلغاندا ئەيدىز ۋېروسىنىڭ جىنسى ھەركەت ئارقىلى ...
  • بىخەتەرلىك قاپچۇقى 100% بىخەتەرمۇ؟
  • ئەيدىز كىسەللىكىنىڭ تۆت باسقۇچى
  • نېمە ئۈچۈن قىزلار ئەيدىز ۋىرۇسىغا تېخىمۇ ئاسان يۇقۇمل ...
  • مۇسۇلمانلار ۋە ئەيدىز
  • ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئالامەتلىرى قايسىلار ؟
  • جىنسى تۇرمۇش ئۆتكۈزگەندە نىمە ئۈچۈن ئەيدىز ۋېروسى تار ...
  • جىنسى تۇرمۇش ئۆتكۈزگەندە نىمە ئۈچۈن ئەيدىز ۋېروسى تار ...
  • ئەيدىز ۋە شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى
  • ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشتا نىزام چىقىر ...
  • ئەيدىز قاچان ، قەيەردىن تارقالغان ؟
  • ئەيدىز كېسىلىنى داۋالىغىلى بولامدۇ ؟
  • ئەيدىزنى داۋالاش
  • ئەيدىز كىسەللىكى ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغانلارنىڭ نىكاھلى ...
  • ئەيدىز (HIV) نىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا تارقىلىشىد ...
  • ئەيدىز كىسىلى ۋېروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار دەرھال ئۆل ...
  • ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ 4 باسقۇچى
  • ئەيدىز كىسىلىنى داۋالىغىلى بولامدۇ ؟
  • ئەيدىز ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى
  • ئەيدىز كىسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالدىغان 12تۈرلۈك پىرىنسى ...
  • دوستۇم ئەيدىز بولۇپ قالسا
  • دورا ئىچىشتىكى تەدبىرلەر!!!(مۇھىم)
  • ئەيدىز ھەققىدە 10 تۈرلۈك ئاساسىي ساۋات
  •  
    ئەيدىز كىسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ساۋاتلىرى
    يوللىغان ۋاقىت:2009-02-10 ئاۋاتلىقى:830
    كىچىك | نورمال | چوڭ             

     

          ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئەيدىز كېسەللىكى ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغانلىقىڭىزدىن گۇمان قىلسىڭىز، جەزمەن سەھىيە تارماقلىرى تەرىپىدىن ئەيدىز ۋىروسىنى تەكشۈرۈپ بايقاش شارائىتى ۋە سالايىھىتى بار، دەپ بېكىتىلگەن داۋالاش - سەھىيە ئورۇنلىرىغا بېرىپ ، ئۆزىڭىزنى تەكشۈرتىشىڭىز لازىم. مەملىكەت ئىچىدىكى ھەرقايسى چوڭ دوختۇرخانا، سەھىيە - ئالدىنى ئېلىش پونكىتلىرى، جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئورگانلىرىنىڭ ھەممىسى ئادەتتە ئەيدىز ۋىروسىنى تەكشۈرۈپ بايقاش شارائىتى ۋە سالايىھىتىگە ئىگە بولغان بولىدۇ. شۇڭا، سىز ئۆزىڭىزنى يۇقىرىقىدەك ئورۇنلاردا تەكشۈرتىڭ. ھەرگىزمۇ << يالاڭئاياق دوختۇر >> لارغا كۆرۈنۈپ داۋالانماڭ. ئەگەر لابوراتورىيىلىك تەكشۈرۈش نەتىجىسى مۇسبەت چىقسا، بۇ سىزنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىڭىزنى ۋە سىزنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرگۈچى ئىكەنلىكىڭىزنى ئسپاتلايدۇ. ئەمما، تېخى سىزنى ئەيدىز كېسەللىكى بىمارى دېيىشكە بولمايدۇ.
        ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ يۇشۇرۇن دەۋرى ناھايىتى ئۇزۇن بولۇپ، ئادەتتە 8 -5 يىلغىچە بولىدۇ. بەزىدە 10 يىلدىنمۇ ئېشىپ كېتىدۇ. ئەيدىز كېسەللىكى ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئەيدىز ئاتلىق كېسەللىك يالماۋۇز تەرىپىدىن زىيانلانغۇچىلار بولۇپ، ئەتراپتىكى كىشىلەر ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە مىھرى - مۇھەببەت بېرىپ ئاسرىشى كېرەك. بۇ خىل كشىلەرنى كەمسىتىپ خورلاشقا قەتئىي بولمايدۇ. 

     رەڭلىك قوڭغۇراق موزىكىلىرى 

        سىز ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ساۋاتلىرىنى بىلسىڭىز، بىلىدىغانلىرىڭىزنى ئۆپ - چۆرىڭىزدىكى دوست -بۇرادەر، ئەلۇ - قاياشلىرىڭىزغا سۆزلەپ بېرىڭ.
    1 . ئەيىدىز كېسەللىكى بولسا ئۆلۈش نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى بولغان، ئۆتكۈر يۇقۇچان بىر خىل كېسەللىك. نۆۋەتتە بۇ خىل كېسەللىكنى داۋالاپ ساقايتىدىغان دورا ۋە داۋالاش ئۇسۇلى يوق. ئەمما ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
    2. ئەيدىز كېسەللىكى ۋىرۇسى ئاساسلىقى يۇقۇملانغۇچىنىڭ قېنى، ئسپىرمىسى، جىنسىي يول ئاجراتمىسى، سۈتى قاتارلىقلاردا مەۋجۇد بولىدۇ. شۇڭا، ئەيدىز كېسەللىكى ۋىرۇسى << جىنسىي ئۇچرىشىش، قان، ئانا - بوۋاق >> دىن ئىبارەت 3 خىل يول ئارقىلىق يۇقىدۇ. زور كۆپ ساندىكى يۇقۇملانغۇچىلار بارا - بارا تەرەققىي قىلىپ، 10- 5 يىل ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئەيدىز كېسەللىكى بىمارىغا ئايلىنىدۇ. ئادەتتە كېسەللىك قوزغىلىپ، 3 - 2 يىلدىن كېيىن ئۆلۈپ كېتىدۇ.
    3. ئەيدىز كېسەللىكى بىمارى ۋە ئەيدىز كېسەللىكى ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچىلار بىلەن كۈندىلىك ئۇچرىشىش، بىرلىكتە خىزمەت قىلىش ( قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش، قۇچاقلىشىش، بىرلىكتە غىزالىنىش، قاچا - قۇچىلارنى، ئىشخانا بويۇملىرىنى ئورتاق ئىشلىتىش ) تۈپەيلى ئەيدىز كېسەللىكى يۇقمايدۇ. ئەيدىز كېسەللىكى تەرەت قاچىسى، تېلفون، قاچا - قۇچا، يوتقان - كۆرپە، سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى، مۇنچىخانا قاتارلىق ئاممىۋىي ۋاسىتىلەر ۋە سورۇنلار ئارقىلىق تارقالمايدۇ. يۆتىلىش، چشكۈرۈش، چىۋىن - پاشىلار چېقىش قاتارلىق يوللار ئارقىلىقمۇ يۇقمايدۇ.
    4. پاك - دىيانەتلىك، ئىپپەت - نۇمۇسلۇق بولۇپ، جىنسىي ئەخلاققا ياخشى رىئايە قىلغاندا، جىنسىي ئۇچرىشىش ئارقىلىق يۇقىدىغان ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى تولۇق ئالغىلى بولىدۇ.
    5. ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش قاپچۇقىنى توغرا ئىشلەتكەندە، ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئۈنۈمىگە ئېرىشىپلا قالماستىن، يەنە ئەيدىز كېسەللىكىدىن يۇقۇملىنىش مۇمكىنچىلىكىنى تۆۋەنلەتكىلى ۋە جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ خەۋىپىنى كېمەيتكىلى بولىدۇ. 
    6. جىنسىي كېسەللىكلەرنى بالدۇر داۋالاپ ساقايتقاندا، ئەيىدىز كېسەللىكىنىڭ خەۋىپىنى كېمەيتكىلى بولىدۇ. رەسمىي دوختۇرخانىلار ھەقىقىي تۈردە خۇسۇسىي مەخپىيەتلىكىڭىزنى قاتتىق ساقلىغان ئاساستا، تەكشۈرۈپ دىئاگنوز قويۇش، داۋالاش ۋە مەسلىھەت بېرىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. زۆرۈز بولغاندا، ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق جايدىكى جىنسىي كېسەللىكلەر ۋە ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قىزىق لىنىيىلىك تېلفونلىرىغا تېلفون قىلىپ مەسلىھەت سورىسىڭىز بولىدۇ.
    7. شىپىرسنى ئورتاق ئىشلىپ، زەھەر چېكىش بولسا ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئاساسلىق تارقىلىش يوللىرىدىن بىرى. شۇڭا، زەھەر چېكىشكە قارشى تۇرۇپ، ھاياتلىقنى قەدىرلەش لازىم. 
     مۇزىكا ئۇچۇرلىرى 

    8. زۆرۈر بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ، قان سالدۇرماسلىق ، ئوكۇل ئۇرغۇزماسلىق ، يۇقىرى ئۆلچەمدە دېزىنفېكسىيە قىلىنمىغان ئەسۋاپ-ئۈسكىنىلەر بىلەن چىش تارتقۇزماسلىق ۋە چىشنى ئىسكەتلەتمەسلىك كېرەك. ئەيدىز كېسەللىكى ۋىرۇسى تەكشۈرۈلۈپ، يۇقلىقى ئېنىقلانغان قان ۋە قان ياسالمىلىرىنى ئىشلىتىش لازىم.
    9. ئەيدىز كېسەللىكى بىمارلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش، ئۇلارغا ياردەم بېرىش ۋە ئۇلارنى كەمسىتمەسلىك كېرەك. ئۇلار كېسەللىكنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلار بولۇپ، ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ، ئۇلارغا سەمىمىي ھېسداشلىق قىلىش ۋە ياردەم بېرىش كېرەك. ئائىلە ۋە جەمىئىيەت ئۇلار ئۈچۈن دوستانە بولغان ، چۈشىنىشكە تولغان، ساغلام بولغان ياشاش ۋە خىزمەت قىلىش مۇھىتى ھازىرىلاپ بېرىشى كېرەك. ئۇلارنىڭ ئاكتىپ ھالدىكى ياشاش پوزىتىسىيىسى ، خەۋىپلىك قىلمىشلاردىن قول ئۈزۈپ ئۆزگىرىش، داۋالاشقا ماسلىشىش قاتارلىق ھەرىكەتلىرىگە ئىلھام بېرش ، رىىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. بۇنداق بولغاندا، ئۇلارنىڭ ھاياتلىق سۈپىتىنى ئاشۇرۇپ، ھاياتىنى ئۇزارتقىلى بولۇپلا قالماسىتن بەلكى يەنە، ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئلىېپ، جەمىئيەتنىڭ مۇقىم، خىرامان بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
    10.ئەيدىز كېسەللىكى ھەربىر ئادەم ۋە ھەر بىر ئائىلىگە خىرىس قىلماقتا!!!
    ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش پۈتۈن جەمىئىيەتنىڭ باش تارتىپ بولماس مەسئۇلىيىتى.

     

    تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
    Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
    新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
    ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 13999111547        ئىشخانا : 2848484 -0991
    شىركىتىمىز بىلەن قانۇنلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋەت ئورنۇتۇپ ياخشى ئىقتىسادىي قىممەتكە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.
    互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
    !تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ