ئەيدىز بالىلىرىمىزنى نېمىلەردىن مەھرۇم قىلدى ؟! ...
ئەيدىز پۈتۈن جاھان ئەھلى كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتىغا ئايلانغىلى 20 يىللار بولدى. شۇنداقتىمۇ ئەيدىزنىڭ بالىلىرىمىزغا ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرى ھەققىدە كىشىلەر ناھايىتى ئاز ئەھمىيەت بېرىشىتى. تېخى ئەمدىلەتتىن ئەيدىزنىڭ تەسىرىگە ئۇچراۋاتقان بالىلارنىڭ سانىنى ستاتىستىكا قىلىش ئىشلىرى باشلاندى . يەرشارى مىقىياسىدىكى ئەيدىز تۈپەيىلى ئاتا - ئانىسىدىن ئايرىلىپ يېتىم بولۇپ قالغان بالىلارنىڭ مۆلچەر سانى 1997 - يىلى تۇنجى بولۇپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. 2003 - يىلى 9 - ئايغىچە ، ئەيدىز يامراۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ % 39 تىدە ئەيدىزنىڭ تەسىرىگە ئۇچراۋاتقان ، يېتىم قالغان بالىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، ئۇلارنى قۇتقۇش توغرىسىدا تېخى ئېنىق سىياسەت - تەدبىرى يوق بولغان.
بىچارە بالىلار ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تۈرلۈك مەسلىلىرىدە داۋاملىق نەزەردىن ساقىت بولۇپ قالغان.
1. بالىلىرمىز ئەيدىز تۈپەيلى ئالتۇندەك بالىلىق چاغلىرىدىن مەھرۇم بولدى .
بالىلار ئۆز ئاتا - ئانىسنىڭ ئەيدىزنىڭ رەھىمسىز چاڭگىلىدا ، ئىنتايىن چىدىغۇسىز ھالەتتە ئۆز ھاياتلىرى بىلەن خوشلاشقانلىرىنى كۆرمەسلىكى كېرەك ئىدى. ئۇلار ئەسلى ئاتا - ئانىلارنىڭ قوياشتەك ئىللىق ھارارىتى ، پايانسىز قوينىدا ئەركىن قىيغىتىپ بالىلىق چاغلىرىنى ئۆتكۈزۈشى كېرەك ئىدى.ھەرگىزمۇ بالىلىق دەۋرىنى قورقۇش، مىسلىسىز ئازاب، يېتىملىك ئىلكىدە ئۆتكۈزمەسلىكى كېرەك ئىدى. ستاتىستىكىلارغا ئاساسلانغاندا، دۇنيادىكى 15000000 نەپەر ئەيدىز تۈپەيلى يېتىم قالغان بالىنىڭ پەقەت % 10 لا ھۆكۈمەتلەرنىڭ ياردىمىگە ، قۇتقۇزۇشىغا ئېرىشەلىگەن. قالغانلىرى تەڭرىگە ئامانەت قويۇلغان ، ئاھ ، بىچارە بالىلار .... ئەسلى دۇنيا ئۇلارنىڭ جەننىتى بولۇشى كېرەك ئىدى ، ئەمما تىرىك پېتى دۇزاق ئازابىنى تارتىشقا مەجبۇر بولغان ....
2. بالىلار گۇناھسىز تۇرۇپ ، ئەيدىزدىن يۇقۇملانماي ياشاش پۇرسىتىدىن مەھرۇم بولدى .
ھېچقانداق ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى قوللىنىلمىغان ئەھۋال ئاستىدا، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان ئانىدىن تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قېلىش نىسبىتى % 35 بولىدۇ. ستاتىستىكىلارغا قارىغاندا، ھەريىلى 300000 بالا 5 ياشقا توشماي تۇرۇپ ئەيدىز ۋە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك كېسەللىك تۈپەيلى ئۆلۈپ كېتىدىكەن . نېمە دېگەن ۋەھشىي ...
دۇنيا بويىچە 15 ياشتىن تۆۋەن بولغان بالىلارنىڭ ئىچىدىكى ئەيدىز ۋە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان بالىنىڭ سانى ئەيدىزدىن ئۆلگەن كىشىلەرنىڭ 6 دىن 1 ىگە توغرا كېلىدىكەن.
3. بالىلىرىمىزنىڭ ساغلاملىق تەكشۈرۈتۈش پۇرسىتى يوق بولىۋاتىدۇ.
تۈرلۈك ئىجتىمائىي سەۋەبلەر تۈپەيلى ئەيدىزنىڭ تەسىرىگە ئۇچراۋاتقان بالىلىرمىز سالامەتلىك تەكشۈرۈتۈش پۇرىستىگە ئېرىشەلمەيۋاتىدۇ. بۇ كۆپرەك شۇ بالىلارنىڭ ئاتا - ئانىسىنىڭ تونۇشى ۋە تۇرمۇش ساپاسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولماقتا . يېتىم قالغان بالىلار ھەققىدە سۆز ئېچىش تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس . شۇنىڭ بىلەن بۇ بىچارە بالىلىرىمىز ئۆزىنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلىقىنىمۇ بىلمەي ، تېگىشلىك داۋالاش ۋە قۇتقۇزۇشقا ئېرىشەلمەيۋاتىدۇ. ھۆكۈمەت بۇ ھەقتە زور كۈچ سەرپ قىلىۋاتقان بولسىمۇ ، ئەھۋال يەنىلا ناھايىتى ئېچىنىشلىق ...
4. بالىلار تېگىشلىك داۋالاش ۋە دورىغا ئېرىشەلمەيۋاتىدۇ .
ئەيدىزنىڭ تەسىرى تۈپەيلى يېتىم قالغان بالىلار تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلى داۋالاش ۋە دورىغا ئېرىشەلمەي ئېچىنىشلىق ھالدا ھاياتىن خوشلىشىۋاتىدۇ. بۇنىڭدا بالىلارنى ئەيدىزگە قارشى داۋالاشىنىڭ ھەققى يۇقىرى بولۇش ، بالىلارنىڭ ئۆز ئەھۋالىنى بىلمەسلىكى ، ئاتا - ئانىلارنىڭ سەل قارىشى ياكى ئۇلارنىڭ ئۆز ھالى بىلەن قالغانلىقى ، بالىلارنىڭ يېتىملىك كوچىسىغا سۈرگۈن بولغانلىقى ، ھۆكۈمەت يىغىپ قۇتقۇزىۋاتقان بالىلارنىڭ يەنىلا ناھايىتى ئاز ساندا بولىۋاتىقانلىقى قاتارلىق تۈرلۈك سەۋەبلەر بار ...
5. بالىلار مائارىپ باغچىسىدا پەرۋاز قىلىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم بولماقتا .
بۇنىڭ سەۋەبلىرىنىمۇ يۇقىرىدا تىلغا ئالغان ئامىللار بىلەن باغلاپ چۈشىنىش مۇمكىن، ئاتا - ئانىسى ھايات ، ساق تۇرۇپمۇ ئوقۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم بولىۋاتقان بالىلارنىڭ بولىۋاتقانلىقىدىن ، ئەيدىزنىڭ تەسرىگە ئۇچرىغان ، يېتىم بولغان بالىلارنىڭ ئوقۇش پۇرسىتىدىن قانداق مەھرۇم بولۇپ قالىدىغانلىقىنى سۆزلەپ ئولتۇرۇش مېنىڭچە بىھاجەت . ئەمما ئەشۇ بالىلارمۇ باشقا بالىلارغا ئوخشاش مەرىپەت باغچىسىدا ئەركىن پەرۋاز قىلىشى كېرەك.
6. بالىلار مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش، كېيىنىش قاتارلىق ئەڭ ئاساسىي ياشاش كاپالىتىگە ئېرىشەلمەيۋاتىدۇ.