
ياڭاقنىڭ ماسلىشىشچانلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ ، ئۇنى تاغلىق ، قۇملۇق ، سازلىق ، شورلۇق يەرلەردە ئۆستۈرگىلى بولىدۇ . ياڭاق مېغىزى تەركىبىدە ماي ، ئاقسىل ، فوسفور ، كالىتسىي ، يود قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار مول بولۇپ ، سانائەت ۋە دورىگەرلىكتە كۆپ ئىشلىتىلدۇ . بولۇپمۇ ، ياڭاق مېغىزى تەركىبىدە يود مىقدارى ئالاھىدە يۇقىرى بولۇپ ، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە ئالاھىدە رول ئوينايدۇ ،ياڭاق يەنە يۇقىرى يۇقىرى قان بېسىمىغا , قەۋزىيەتكە مەنپەئەت قىلىدۇ، سۈيدۈك سېستىمىسىدىكى تاشلارنى چۈشۈرىدۇ. شېخى ۋە يوپۇرمىقى ھەرخىل ئۆسمە ۋە بەدەن قىچىشىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا ، شۇنداقلا ئائىلىلەردە يۇڭ كېيىم - كېچەك ۋە گىلەملەرگە كۈيە چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئالاھىدە ئىشلىتىلدۇ . ياغىچى بولسا ھاۋا قاتنىشى ۋە ھەربىي سانائەت ، تامغا ياساش قاتارلىق ئالاھىدە خام ماتېرىيال ، مېۋە پوستى دۆلەت مۇداپىئەسىدىكى زەھەردىن مۇداپىئەلىنىش نىقابىنىڭ ئالاھىدە سۈپەتلىك ماتېرىيالى .