پىسخىكا مەسلىھىتى | تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى | ساغلاملىق بىلىملىرى | ئۇيغۇر تىبابىتى | باش بەت
  جىنسىيەت ھەققىدە | تۇرمۇش ۋە ساغلاملـــىق | ئانا-بالىلار ھەققىدە | ياشانـــغـانـــلار | ئەيـــدىز
باس -باس ئۇچۇرلار  
  • زەكەرنىڭ چوڭ كىچىكلىكى ھەم جىنسىي تۇرمۇش
  • تـــــــــــــــــوي كىچىسى
  • جىنسى مۇناسىۋەت جەريانى
  • ئاجايىپ قىززىق ئىككى ‹‹تۆت مىنۇت››
  • جىنسى لەۋنىڭ ھەددىدىن زىيادە يوغان بولۇشى
  • قىز ۋە قىزلىق پەردىسى
  • ھەقىقى قىزىقىشقا تىگىشلىك ئاياللار
  • زەكەرنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى قانچە بولسا نۇرمال
  • جىنسى ئالاقە قىلىش قېتىم سانى مۇۋاپىق بولۇش كىرەك
  • پۇراق ۋە جىنسىي تەلەپ
  • مەنىنى بەدەن سىرتىغا چىقىرۋەتسە ، ھامىلدار بولامدۇ؟
  • جىنسىي ئالاقىدىكى ئاغرىش
  • جىنسىي تۇرمۇش چىكىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغا ...
  • تويدىن بۇرۇنقى جىنسي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنىڭ زىيىنى
  • زېرىكىشلىك جىنسىي تۇرمۇشنى تەڭشەشنىڭ 6 خىل ئۇسۇلى
  • ئاياللاردا جىنسىي تەلەپنىڭ كەمچىل بولۇشى
  • چىراي گۈزەللىكىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان 10ناچار ئادەت
  • ئەڭ يېڭى تەتقىقات : بىر كۆرۈپلا كۆيۈپ قېلىشقا 8.2 سېكۇنت ...
  • جىنسىي ئاجىز لىقنى ئوزۇقلۇق بىلەن داۋالاشنىڭ پرىنسىپل ...
  • جىنسىي ھېسسىيات سۇسلىشىش
  • خانىم قىزلار ئورۇقلاشنىڭ 20 خىل ئۇسۇلى
  • ئەرلەرنىڭ چىچى بۇرۇن چۈشۈپ كىتىشنىڭ سەۋەپلىرى
  • ئەرلەرنىڭ جىنسىي جەھەتتە قېرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ...
  • سېمىزلىك ۋە جىنسىي ئىقتىدار
  • ئەرلىك جىنسىي ئاجىزلىق
  • ئەرلەردىكى بۆرەك ئاجىزلاشنىڭ ھەر خىل ئالامەتلىرى
  • مەنى قانچە كۆپ بولسا ، شۇنچە ياخشى دىگەن كۆز قاراش خاتا ...
  • مۇھەببەت بۇزۇلۇشنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان تەسىرى
  • تاماكا تاشلاش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟
  • ھاراق ۋە مەنى بالدۇر چىقىپ كېتىش
  •  
    ئىشتىھاسىزلىق ۋە ئۇنىڭغا ئىشلىتىلىدىغان دورىلار
    يوللىغان ۋاقىت:2011-07-25 ئاۋاتلىقى:2937
    كىچىك | نورمال | چوڭ             

    ئىشتىھاسىزلىق ئاشقازان مىجەزى بۇزۇلۇش، ئاشقازاندىكى سەزگۈ ئەسەبلەرنىڭ خىزمىتى ناچارلىشىش، ئاشقازاندا خام خىلىتلار كۆپىيىپ قېلىش ياكى جىگەر خىزمىتىدە توسالغۇ پەيدا بولۇشى سەۋەبلىك كۆڭۈلنىڭ تاماقنى خالىماسلىقى بولۇپ ، ئادەتتە ھەممە ياشتىكى كىشىلەردە كۆرۈلىدۇ ۋە ئاچلىق سېزىمى بولغان ھالەتتىمۇ تاماق يېگۈسى كەلمەسلىك ئالامىتى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

    داۋالاش ئۇسۇللىرى:

    زەنجىۋىل، زىرە ، پىل-پىل ، قاقىلە ، پىننە ، بەدىيان قاتارلىق دورىلارنى تەڭ نىسبەتتە ئېلىپ چالا سوقۇپ كۈندە ئۈچ قېتىم چايلىق ئورنىدا دەملەپ ئىچىشكە بۇيرۇلىدۇ .

    پىننە ۋە نانىخادىن 10 گرامدىن ئېلىپ يۇمشاق سوقۇپ ، ئەينۇلا مۇرابباسىغا ئارىلاشتۇرۇپ يېيىشكە بۇيرۇلىدۇ.

    كۆك يالپۇزنى سىقىپ سۈيىگە مۇۋاپىق مىقداردا سىركە ئارىلاشتۇرۇپ ئىچىش كېرەك .

    قىچىنى قورۇپ ، سوقۇپ تالقان قىلىپ ، ھەر ۋاقلىق تامىقىغا سېپىپ يېيىشكە بۇيرۇلىدۇ.

    قەلەمپۇر ، گۈلدارچىن ، سۇمبۇل ھەر بىرى ئالتە گرامدىن ، رۇمبەدىيان ۋە كەرەپشە ئۇرۇقلىرى بەش گرامدىن ، مەستىكى رۇمى ۋە زىرە ئۈچ گرامدىن ، قارىمۇچ سەككىز گرام ، ھەسەلدىن ئۇمۇمىي دورىلارنىڭ ئىككى ياكى ئىككى يېرىم ھەسسىسىچە ئېلىپ ، ئاۋۋال دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ ئاندىن ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ مەئجۈن قىلىنىدۇ . ۋە كۈندە ئىككى ياكى ئۈچ ۋاق كىچىك گۈلىدەك ئىستىمال قىلىنىدۇ.

    زىرىقتىن 30 گرام ئېلىپ قاينىتىپ ، سۈيىگە تەمرى ھىندى شىرىسىدىن 15 گرام ئارىلاشتۇرۇپ ، مۇزلىتىپ ئىستىمال قىلدۇرۇش كېرەك.

    مۇرەككەپ دورىلاردىن نۆش دورا ، جاۋارىش جالىنۇس، جاۋارىش مەستىكى ، جاۋارىش ئۇد شېرىن قاتارلىق دورىلاردىن تېپىلغانلىرىنى ئەرقى بەدىيان بىلەن ئىستىمال قىلدۇرۇش لازىم.

    سىركەنجىۋىل شەربىتى ، شەربىتى سەپەرجىل، جاۋارىش ئامىلە ، جاۋارىش ئوترۇج قاتارلىقلاردىن تېپىلغانلىرىنى گۇلاپ بىلەن ئىستىمال قىلدۇرۇش لازىم. مەجۇنى نانىخانىمۇ ئىستىمال قىلدۇرۇش لازىم.

    كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرىگە قارىتا :

    جىگەر خىزمىتىنىڭ ناچارلىشىشىدىن كېلىپ چىققان بولسا جىگەر توسالغۇلىرىنى ئاچقۇچى دورىلاردىن دىنار شەربىتى بېرىلىدۇ.

    ئاشقازاندا خام خىلىتلار كۆپىيىپ كەتكەنلىكىدىن بولسا ھەببى تەنكار بېرىلىدۇ.

    ئۆپكە سىلىنىڭ سەۋەبىدىن بولغان بولسا ، سىلغا قارشى دورىلارنى بېرىش بىلەن بىرگە قىزىلگۈلقەنت بېرىپ بەدەن قۇۋۋەتلەندۈرۈلىدۇ. ئۆت ياللۇغى ياكى راك سەۋەبىدىن بولغان بوسلا ئۇنىڭغا لايىق چارە قىلىنىدۇ.

    ئاشقازان ئاجىزلىقىدىن بولغان بولسا مەئجۈنى جەلالى ، مەئجۈنى مۇلۇكى، سۇپۇپى سەنگدانە مۇرغ بېرىلىدۇ.

    ئاشقازاننىڭ سوغۇقلۇقى ئېشىپ كەتكەنلىكىدىن ئىشتىھا تۇتۇلغان بولسا پىننە گۈلقەنتى 25 گرامدىن كۈندە ئۈچ قېتىم يېيىشكە بېرىلىدۇ. شەربىتى زەنجىۋىلنى 30 مىللىلىتىردىن ئۈچ ۋاق ئىچىشكە بۇيرۇلىدۇ.

    ئاشقازاننىڭ تارتىش قۇۋۋىتى تۆۋەنلەپ كەتكەن سەۋەبتىن ئىشتىھا تۇتۇلغان بولسا نارپىننە شەربىتى تەييارلاپ بېرىلىدۇ.

    سۇپۇپى ئىشتىھا بېرىلىدۇ ؛

    نۇسخىسى : قىزىلگۈلدىن 100گرام ، سىماقتىن 15 گرام ، قاقىلىدىن 30 گرام ئېلىپ يۇمشاق سوقۇپ ئەتىگەن كەچتە ئالتە گرامدىن قايناق سۇغا چېلىپ ئىچىلىدۇ.

    پىل-پىل ، قارىمۇچ، دارچىن ، زەنجىۋىلدىن 10 گرامدىن ، لاچىندانە ، قاقىلە 20 گرامدىن ئېلىپ چالا سوقۇپ چايلىق قىلىپ ئىچىلىدۇ.

    تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
    Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
    新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
    ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 13999111547        ئىشخانا : 2848484 -0991
    شىركىتىمىز بىلەن قانۇنلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋەت ئورنۇتۇپ ياخشى ئىقتىسادىي قىممەتكە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.
    互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
    !تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ