پىسخىكا مەسلىھىتى | تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى | ساغلاملىق بىلىملىرى | ئۇيغۇر تىبابىتى | باش بەت
  جىنسىيەت ھەققىدە | تۇرمۇش ۋە ساغلاملـــىق | ئانا-بالىلار ھەققىدە | ياشانـــغـانـــلار | ئەيـــدىز
باس -باس ئۇچۇرلار  
  • زەكەرنىڭ چوڭ كىچىكلىكى ھەم جىنسىي تۇرمۇش
  • تـــــــــــــــــوي كىچىسى
  • جىنسى مۇناسىۋەت جەريانى
  • ئاجايىپ قىززىق ئىككى ‹‹تۆت مىنۇت››
  • جىنسى لەۋنىڭ ھەددىدىن زىيادە يوغان بولۇشى
  • قىز ۋە قىزلىق پەردىسى
  • ھەقىقى قىزىقىشقا تىگىشلىك ئاياللار
  • زەكەرنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى قانچە بولسا نۇرمال
  • جىنسى ئالاقە قىلىش قېتىم سانى مۇۋاپىق بولۇش كىرەك
  • پۇراق ۋە جىنسىي تەلەپ
  • مەنىنى بەدەن سىرتىغا چىقىرۋەتسە ، ھامىلدار بولامدۇ؟
  • جىنسىي ئالاقىدىكى ئاغرىش
  • جىنسىي تۇرمۇش چىكىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغا ...
  • تويدىن بۇرۇنقى جىنسي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنىڭ زىيىنى
  • زېرىكىشلىك جىنسىي تۇرمۇشنى تەڭشەشنىڭ 6 خىل ئۇسۇلى
  • ئاياللاردا جىنسىي تەلەپنىڭ كەمچىل بولۇشى
  • چىراي گۈزەللىكىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان 10ناچار ئادەت
  • ئەڭ يېڭى تەتقىقات : بىر كۆرۈپلا كۆيۈپ قېلىشقا 8.2 سېكۇنت ...
  • جىنسىي ئاجىز لىقنى ئوزۇقلۇق بىلەن داۋالاشنىڭ پرىنسىپل ...
  • جىنسىي ھېسسىيات سۇسلىشىش
  • خانىم قىزلار ئورۇقلاشنىڭ 20 خىل ئۇسۇلى
  • ئەرلەرنىڭ چىچى بۇرۇن چۈشۈپ كىتىشنىڭ سەۋەپلىرى
  • ئەرلەرنىڭ جىنسىي جەھەتتە قېرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ...
  • سېمىزلىك ۋە جىنسىي ئىقتىدار
  • ئەرلىك جىنسىي ئاجىزلىق
  • ئەرلەردىكى بۆرەك ئاجىزلاشنىڭ ھەر خىل ئالامەتلىرى
  • مەنى قانچە كۆپ بولسا ، شۇنچە ياخشى دىگەن كۆز قاراش خاتا ...
  • مۇھەببەت بۇزۇلۇشنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان تەسىرى
  • تاماكا تاشلاش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟
  • ھاراق ۋە مەنى بالدۇر چىقىپ كېتىش
  •  
    بىز خېمىيىلىك ماددىلارنى قانچىلىك يەۋاتىمىز
    يوللىغان ۋاقىت:2011-07-22 ئاۋاتلىقى:730
    كىچىك | نورمال | چوڭ             

    ئارىمىزدىكى كۆپ قىسىم كىشىلەر ئۆزلىرى ئادەتتە يەۋاتقان يېمەكلىكلەرنىڭ قانداق پىششىقلاپ ئىشلىنىدىغانلىقىنى بىلىپ كەتمەيدۇ. سىلەر شورپىلىق ئۈگرە سۆڭەك قاينىتىپ چىقىرىلغان شورپىدا قىلىنىدۇ دەپ قارايسىلەر ، سىلەر رەڭلىك ، چىرايلىق مېۋە شەربىتى ئىچىملىكلىرىنىڭ ھەممىسى مېۋە شەربىتىنى سىقىپ ياسالغان دەيسىلەر ، سىلەر قەھۋە ئىچكەن چاغدا سالىدىغان سۈت پاراشوكىنى سۈتتىن ياسالغان دەپ ئويلايسىلەر . ئەمەلىيەتتە ، كۆزۈڭلار بىلەن كۆرۈۋاتقان ، ئېغىزىڭلار بىلەن تېتىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى ساختا تەم . چىرايلىق رەڭ، خۇش پۇراق ئاشۇ تەملەرنىڭ ھەممىسى قوشۇلما ماددىلار ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن .

    قىيمىلىق گۆش كۇمۇلىچى ‹‹كۇمىلاچ ھالەتتىكى خېمىيىلىك ماددا››

    مەن ئەسلى يېمەكلىككە قېتىلىدىغان قوشۇلمىلار شىركىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مال ساتقۇچىسى ئىدىم . ئۇ چاغلاردا خىزمەت ئىپادەم ئىنتايىن كۆرۈنەرلىك بولۇپ ، دائىم دېگۈدەك ھەر قايسى يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتلىرىنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشىپ ، ئۇلارنىڭ ئەڭ تۆۋەن تەننەرخ بىلەن بازارلىق مەھسۇلاتلارنى ياسىشىغا ياردەملىشەتتىم . مەسىلەن، مەن بىر خىل قىيمىلىق گۆش كۇمىلىچى ياساپ چىققان ئىدىم . مەلۇم بىر زاۋۇت ناھايىتى كۆپ مىقداردا قىرىۋېلىنغان گۆش كىرگۈزگەن بولۇپ ، ئۇ كالنىڭ سۆڭىكىدىن قىرىۋېلىنغان ، گۆش دەپ كەتكىلىمۇ بولمايدىغان قىسمى بولۇپ ، ھەم چاپلاشقاق ھەم سۇلۇق، ھېچقانداق تەمى يوق يېگىلىمۇ بولمايتتى . شۇڭا چاناپ قىيما قىلىشقىمۇ بولمىغاچقا ، ھايۋانلار ئۈچۈن يەم – خەشەك قىلىشقىلا بولاتتى . ئەمما بىرلا يېرى ئۇ خىل ‹‹گۆش ›› بەكمۇ ئەرزان ئىدى. مېنىڭ خىزمىتىم دەل مۇشۇ يېگىلىمۇ بولمايدىغان ئۇششاق گۆشلەرنى يېگىلى بولىدىغان نەرسىگە ئايلاندۇرۇش ئىدى.

    ئالدى بىلەن، ئۇنىڭغا تۇخۇم تۇغالمايدىغان تۇخۇنىڭ گۆشىنى قىيما قىلىپ ئارىلاشتۇرۇپ ئېغىرلىقىنى ئاشۇردۇق .ھەممىمىزگە مەلۇملۇق ،بېقىلىۋاتقان توخۇلار تۇخۇم تۇخۇسى ، گۆش توخۇسى دەپ ئايرىلىدۇ. بىز ئادەتتە گۆش توخۇسىنىڭ گۆشىنى ، تۇىۇم تۇخۇسىنىڭ تۇخۇمىنى ئىستىمال قىلىمىز.تۇخۇم تۇخۇسى بىلەن گۆش تۇخۇسىنىڭ پەرقى ناھايىتى چوڭ، باھاسىمۇ ئوخشاش ئەمەس . ئەمما، بىزنىڭ ئىشلەتكىنىمىز بولسا ئاللىقاچان تۇخۇم تۇغالمايدىغان بولۇپ قالغان توخۇنىڭ گۆشى بولغاچقا ، باھاسى تېخىمۇ ئەرزان ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن يېيىشلىك ، يۇمشاق قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا دادۇر ئاقسىلى قاتتۇق.

    بۇ خىل سېرىق پۇرچاق ئاقسىلى يەنە ‹‹سۈنئىي گۆش ›› دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ ، ئەرزان باھالىق ھامبۇرگ بولكىسى ياساشقا ئىشلىتىلىدۇ. بۇلارلا ئەمەس ، ئۇنى ياساشقا يەنە كۆپ مىقداردا خېمىيىلىك تەم تەڭشىگۈچىلەر (يېمەكلىك قوشۇلما ماددىلىرى) نى ئارىلاشتۇردۇق.

    يېيىشلىك، سىلىق قىلىش ئۈچۈن چوشقا مېيى ئىشلەتتۇق ، كىراخمال قوشتۇق، ئاپتوماتلاشقان ماشىنىلاردا كۆپلەپ ئىشلەپچىقىرىشقا قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن چاپلاشتۇرغۇچى ماددا ، ئىمۇلسىيەلەشتۈرگۈچى ماددا قاتارلىقلارنى ئىشلەتتۇق، رەڭگىنى چىرايلىق قىلىش ئۈچۈن رەڭ بەرگۈچى ماددا ئىشلەتتۇق، ساقلاش ۋاقتىنى ئۇزارتىش ئۈچۈن چىرىشنىڭ ئالدىنى ئالغۇچى ماددا ، pH  قىممىتىنى تەڭشىگۈچى ماددا قاتارلىقلارنى ئىشلەتتۇق ، رەڭگىنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئوكسىدلاشقا قارشى ماددىلارنى ئىشلەتتۇق.

    شۇنداق قىلىپ بۇ قىيمىلىق گۆش كۇمۇلىچى ئاخىر پۈتۈپ چىقتى . ئۇنى ياساشقا 20-30 خىل يېمەكلىككە قۇشۇلغۇچى خېمىيىلىك ماددىلارنى ئارىلاشتۇردۇق. بۇ ھالەتتە بۇنى ‹‹كۇمىلاچ  ھالەتتىكى يېمەكلىككە قوشۇلغۇچى ماددىلار››نىڭ يىغىندىسى دېيىشكە بولاتتى . مەھسۇلات بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن ، شۇ ھامان بالىلار ۋە ئانىلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى .

    بۇ يەردە مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم ، مەن ئىشلەتكەن ‹‹يېمەكلىككە قۇشۇلغۇچى ماددىلار›› ھەممىسى دۆلەت ئىشلىتىشكە يول قويغان ماددىلار بولۇپ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە پۈتۈنلەي دۆلەت بەلگىلىگەن مىقدار ئۆلچىمىگە ئاساسەن قوشتۇق. ئۇنداقتا بۇ يەردىكى مەسىلە زادى قەيەردە ؟ بۇ يەردىكى مەسىلە دەل دۆلەت يېمەكلىككە قۇشۇلغۇچى ماددىلارنى تەكشۈرگەندە پەقەت يەككە ھالەتتىكى يېمەكلىككە قۇشۇلغۇچى ماددىنىڭ ئىشلىتىش مىقدارىنى تەكشۈرۈش ئۆلچىمى قىلغانلىقىدا . ئەگەر بىرلا قېتىمدا نەچچە خىل قوشۇلغۇچى ماددىلارنى بېراقلا (بەدەنگە) قۇبۇل قىلغاندا قانداق ئەھۋال يۈز بېرىدۇ؟

    قانداق بولىدۇ؟ ‹‹بىرىكتۈرۈپ قۇبۇل قىلىش››قا قارىتا تەتقىقات يەنىلا بىر ئاجىز نۇقتا . بىرلا ۋاقىتتا كۆپ خىل قۇشۇلغۇچى ماددىنى قۇبۇل قىلىشنىڭ زىيىنى بارمۇ يوق؟ زىيىنىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەسئۇلىيەتنى پەقەت ئۇنى ئىستىمال قىلغان كىشىنىڭ ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ.

    مەن نېمە ئۈچۈن بۇ يەردە يۇقىرىقى ئىشلارنى سكزلەپ ئۆتتۈم ؟ چۈنكى بىر كۈنى مەن قىزىمنىڭ ئۆزۈم ياسىغان بۇ خىل قىيمىلىق گۆش كۇمىلىچىنى مەززە قىلىپ يەۋاتقان ھالىتىنى كۆرگەن چېغىمدا ، مەن شۇنى ھېس قىلدىمكى ، مەن ھەرگىزمۇ قىزىمنىڭ ئۇ نەرسىنى يېيىشىنى خاھلىمايدىكەنمەن . شۇناق، بۇلارنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن . مەن يېمەكلىككە قۇشۇلغۇچى ماددىلارنىڭ زەھەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلسەممۇ ، ئەمما ، مەن ئەزەلدىن رېئاللىقنى چىقىش قىلىپ ئويلىنىپ كۆرمەي ، يېمەكلىككە قۇشۇلغۇچى ماددىلارنى قۇشۇپ ، ھەر ىىل يېمەكلىكلەرنى ياساش بىلەن بەنت بولۇپتىمەن . دەل مۇشۇ دەقىقىدە ، مەن ئۆزۈم ياسىغان يېمەلكىك – چاپلاشقاق بىراك گۆش بىلەن نەچچە ئون خىل يېمەكلىككە قۇشۇلغۇچى خېمىيەلىك ماددىلارنى قۇشۇش ئارقىلىق ياسالغان قىيمىلىق گۆش كۇمۇلىچىنى ئاخىرى ھەقىقىي تۇنۇپ يەتتىم . چۈنكى ، ئۇنى مېنىڭ ئائىلەمدىكىلەر ، مېنىڭ قىزىم يېگەنىدى…..بۇ ۋاقىتتا قەلبىم چەكسىز جىيانەتكارلىق تۇيغۇسىغا تولدى.

    قايتا-قايتا ئويلانغاندىن كېيىن ، مەن يېمەكلىككە قوشۇلغۇچى خېمىيىلىك  ماددىلارنى  تۇنۇشتۇرۇپ ساتقۇچىلىق خىزمىتىمدىن ئىستىپا بەردىم . تۆۋەندە مەن ئۆزۈمنىڭ نەچچە ئون يىللىق ‹‹سەھنىنىڭ ئالدى-كەينى››دىكى تەجرىبىلىرىم ئارقىلىق ، كۆپچىلىككە بەزى يېمەكلىكلەرنىڭ ئەپتى بەشىرىسىنى ئېچىپ بەرمەكچى .

    سۈت پاراشوكى دەل ‹‹كالا سۈتى شەكلىدىكى ئۈسۈملۈك مېيى››دۇر

    ئەمدى يەنە سۈت پاراشوكى ھەققىدە توختىلايلى. ماگىزىنلاردىكى قەھۋەگە سالىدىغان سۈت پاراشوكى ئاساسەن ھەقسىز بولغاچقا ، مەن دائىم دېگۈدەك بەزىلەرنىڭ ماگىزىندىن چىقىپ كېتىدىغان چاغدا قولىنى سۇزۇپلا بىر نەچچىنى ئېلىۋالغىنىنى كۆرىمەن . ئۇلار ئۇنى ئۆيىگە ئېلىپ كىتىپ ئاستا – ئاستا ئىشلىتىشى مۇمكىن .

    ئەمدى ، مەن كۆپچىلىكتىن سوراپ باقاي ، سىلەر بۇ خىل سۈت پاراشوكىنىڭ نېمىدىن ياسىلىدىغانلىقىنى بىلەمسىلەر ؟ سۈتتىنمۇ ؟ سېرىم مايدىنمۇ (قايماقتىنمۇ)؟

    سىلەر ‹‹سۈت پاراشوكى›› ئىچىدە ‹‹سۈت ›› بارلىقىغا قاراپلا بۇنى چۇقۇم سۈتتىن ياسالغان دەپ قالماڭلار . ئەمەلىيەتتىن مەن باياتىن سۆڭەك  شورپىسى قىلغانغا ئوخشاش ، سۈت پاراشوكى ياساشقا بىر تېمىم سۈت ياكى قايماقمۇ ئىشلەتمەيدۇ. ئۇنى ئۈسۈملۈك مېيىغا سۇ ، يېمەكلىككە قوشۇلغۇچى ماددا قاتارلىقلارنى قۇشۇپ ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن تەييار بولىدىغان سۈتكە ئوخشاپ كېتىدىغان نەرسىدىن ياسايدۇ.

    ئۇنىڭ ئىچىدىك ئۆسۈملۈك مېيى تېخىمۇ كونكرت قىلىپ ئېيتقاندا ھىدروگىنلاشقان ئۆسۈملۈك مېيى بولۇپ ، تەركىبىدە ‹‹تەتۈر تىپلىق ماي كىسلاتاسى›، بار . تەتۈر تىپلىق ماي كىسلاتاسى ساغلام بولمىغان تەركىب بولۇپ ، ئۇنىڭ يۈرەككە بولغان زىيانلىق دەرىجىسى ھەر قانداق بىر خىل ھايۋانات مېيىدىن ئېشىپ چۈشىدۇ. تەركىبىدە ھىدروگىنلىق ئۆسۈملۈك مېيى بار يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسىدە بەلكىم تەتۈر تىپلىق ماي كىسلاتاسى بولۇشى مۇمكىن . مەسىلەن : پېچىنە ، بولكا ، غەرپچە تورت ، شاكىلاتلىق پىرەنىك ، سالات مۇرابباسى، مايدا قىزدۇرۇلغان ياڭيۇ قەلەمچىسى، مايدا قورۇلغان توخۇ پاچىقى، غولپىياز قاتلىمىسى، قەھۋەگە قېتىلىدىغان سۈت پاراشوكى ، قىززىق شاكىلات قاتارلىقلار. ئەمما، ئادەتتە تەتۈر تىپلىق ماي كىسلاتاسىنىڭ نامى ھەر خىل بولۇپ ، ئادەتتە يېمەكلەرنىڭ تەركىبى دېگەن جايغا ‹‹ھىدروگىنلىق ئۆسۈملۈك مېيى››،‹‹ ئۈسۈملۈك سېرىق مېيى››، ‹‹سۈنئىي سېرىق ماي››، ‹‹ سۈنئىي قايماق››،‹‹ئۈسۈملۈك قايمىقى››ياكى ‹‹ئۈسۈملۈك ياغ كۈپۈكى›› قاتارلىق ناملار ئىزاھلاپ قۇيۇلىدۇ. ئەمما ، ھەممىسىنىڭ تەركىبىدە تەتۈر تەركىبلىك ماي كىسلاتاسى بار.

    ھەممەيلەنگە مەلۇملۇق ، ئادەتتىكى ئەھۋالدا ، سۇ بىلەن ماي بىر – بىرىگە ئارىلاشمايدۇ، بۇ چاغدا دەل يېمەكلىككە قۇشۇلىدىغان ماددىلار ئارقىلىق ئۇلارنى ئارىلاشتۇرىلىدۇ.

    ئالدى بىلەن ، ئىمۇلسىيەلەشتۈرگۈچى ماددا(بىر-بىرىگە پەقەت ئارىلاشمايدىغان ماددىلارنى بىرىكتۈرۈشكە ئىشلىتىدىغان ماددا) ئىشلىتىدۇ. ئۇ بولسا سىرتقى يۈز ئاكتىپلاشتۇرغۇچى ماددا بولۇپ ، ماي بىلەن سۇنى بىر-بىرىگە ئارىلاشتۇرۇپ ، ئۇلارنى ئېمۇلسىيەلەشتۈرۈپ سۈتكە ئوخشاش بىر خىل ئاق رەڭلىك ھالەتكە كەلتۈرىدۇ. ئەمما، ئۇ سۈتكە ئوخشاش يېپىشقاق ، قۇيۇق ئەمەس . شۇڭلاشقا ئۇنىڭغا قۇيۇقلۇقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن پولى ساخارىد تۈرىدىكىلەرنى ئىشلىتىپ قۇيۇقلاشتۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن كوكس كەمپۈت پېگمىنتىنى قوشۇپ  سۇس رەڭلىك چاي رەڭگىگە كەلتۈرىدۇ. بۇ چاغدا ئۇنىڭ رەڭگى قارىماققا قايماقنىڭ رەڭگىگە ئوخشاش ھالەتكە كېلىدۇ. ئۇزۇن مۇددەت ساقلاش ئۈچۈن ئۇنىڭغا  قىممىتىنى تەڭشىگۈچى ماددا قوشۇلىدۇ  pH يەنە ، يەنە ئۇنىڭغا قايماق پۇراقلىق خۇش پۇراق ماتىرىيال ئارىلاشتۇرىلىدۇ.

    شۇڭا ، سۈت پاراشوكى دېگەنلىك – سۇ . ماي ۋە بىر نەچچە خىل يېمەكلىككە قوشۇلغۇچى ماددىلارنىڭ بىرىكىشىدىن ياسالغان ‹‹ سۈت شەكىللىك ئۆسۈملۈك مېيى››دۇر. سۈت پاراشوكىنىڭ تەركىبىگە قارىساقلا بۇنى شۇ ھامان بىلەلەيمىز.

    ئىلگىرى مەن يەسلىدىكى بالىلارغا مىۋە شەربىتى ياساش ئۇيۇنىنى كۆرسەتكەن ئىدىم .

    لىمۇن شەربىتى مۇنداق ياسىلىدۇ :

    ئالدى بىلەن 4- نۇمۇرلۇق سېرىق رەڭنى سۇدا ئېرىتسەك ، ناھايىتى چىرايلىق لىمۇن رەڭگىگە ئۆزگىرىدۇ . ئۇنىڭغا يەنە چۈچۈمەللەشتۈرگۈچى ماددا ۋىتامىن س  بىلەن لىمۇن كىسلاتاسىنى تۆكۈپ ، ئۇنىڭ  ئۈستىگە ئۇنىڭ بىر قىسمىدىن كۆپرەك مېۋە شىكىرى ئارىلاشتۇرساق ، ئاچچىق - چۈچۈك تەمگە

    ئۆزگىرىدۇ . ئۇنىڭغا يەنە لىمۇن پۇرىقىنى قوشقاندىن كېيىن ئاندىن رەسمىي لىمۇن شەربىتى بولىدۇ . ئەڭ ئاخىرىدا سىللۇزا تالقىنى قۇشۇلىدۇ . سىللۇزا تالقىنى دېگىنى ‹‹ ھەرە كىپىكى ›› دىن ياسالغان بىر ىىل قۇشۇلغۇچى ماددا بولۇپ ، ھەر خىل دۇغلاشقان رەڭلەر ئارقىلىق راست شەربەتنى ئىچكەنگە ئوخشاپ كېتىدىغان بىر خىل تۇيغۇغا كەلتۈرىدۇ .

    ئەگەر   قۇغۇن تەملىك ئىچىملىكنى ياسىماقچى بولساق ، قۇغۇننىڭ رەڭگى يېشىل بولغانلىقتىن ، ئالدى بىلەن سۇغا 1- نۇمۇرلۇق كۆك رەڭلەندۈرگۈچنى تۆكۈپ ، سۇنى قېنىق كۆك رەڭدە بويايمىز ، ئاندىن ئۇنىڭغا 4 – نۇمۇرلۇق سېرىق رەڭلەندۈرگۈچنى تۆكسەك ، سۇنىڭ رەڭگى قېنىق يېشىل رەڭگە ئايلىنىدۇ . بۇ ئىككى خىل رەڭنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك نېفىتتىن ئايرىۋېلىنغان .

    ئاپلىسىن شەربەتلىك مېۋە ئىچىملىكى ياسىماقچى بولساق ، ئۇنىڭغا ئىشلەتمەكچى بولغان قىزغۇچ سېرىق رەڭ قۇرت – قوڭغۇزلارنى ئىزىپ تالقان قىلىش ئارقىلىق ياسىلىدۇ . مەن تەييار بولغان ئىچىملىكنى ئىستاكانلارغا قۇيۇپ كۆپچىلىكتىن ‹‹ ئىچەمسىلەر ؟››  دەپ سورىدىم . بالىلار بىر – بىرىگە ھاڭۋېقىپ قاراپ قېلىشتى . ئەمما ، كۆپچىلىك ئادەتتە ئىچىدىغان ئىچىملىكلەرنىڭ ھەممىسى مۇشۇنداق ياسىلىدۇ.

    ئىلگىرى مېۋە ئىچىملىكلىرىگە شېكەر قوشاتتى . ئەمما ، شېكەرنىڭ تەمى بەك كۈچلۈك (تاتلىق) بولغاچقا بالىلار ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيتتى ، شۇڭا ھازىر ئۇنىڭ ئورنىغا مېۋە شىكىرى قوشىدۇ-دە ، ئۇنىڭ تەمى ئىچىشلىك ھالەتكە ئۆزگىرىدۇ . بالىلارمۇ ياقتۇرۇپ ئىچىدۇ . ئەمما، مېۋە شىكىرىنىڭ ئادەمنى ئەنسىرىتىدىغان بىر يىرى بار ، ئۇ بولسىمۇ ئۇنى ئىچكەندە ئىسسىقلىق مىقدارىنى ھەددىدىن زىيادە سۈمۈرۈۋېلىش مەسىلىسى .

    مېۋە شىكىرىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى گىلۇكوزا بىلەن مىۋە كىسلاتاسى . گىلۇكوزا بولسا ، ئادەم بەدىنىدىكى ئاساسىي ئىنىرگىيە مەنبەسى . بەدەن ئۇنىڭغا ئاجىز ۋاقىتتا ئەڭ ئېھتىياجلىق بولىدۇ ، بىز كىسەل بولۇپ قالغان ۋاقتىمىزدا ئاسما ئۇكۇلنىڭ تەركىبىگە گىلۇكوزا قاتارلىق ئۇزۇقلۇق تەركىبلەر قۇشۇلىدۇ .

    ئەمما ، ئاسما ئۇكۇلنىڭ تەركىبىدىكى گىلۇكوزىنىڭ قۇيۇقلۇقى %0.5 كىمۇ يەتمەيدۇ . باياتىن بىرى بىز تۇنۇشتۇرغان ئۇۋاق پاراشوكلاردىن ياسالغان ‹‹ مىۋىسىز ›› شەربەتلەرنىڭ ئىچىدە 500گرام مېۋە ئىچىملىكىنىڭ تەركىبىدىكى مېۋە شىكىرىنىڭ مىقدارى 60 گرامدىن ئېشىپ كىتىدۇ . يەنى ، ئادەتتە كۆپچىلىك ئىچىۋاتقان 500 گراملىق ئىچىملىكنىڭ تەركىبىدە %10 تىن كۆپرەكى  شىكەر تەركىب ئەگەر ئۇلارنى قاتتىق ھالەتتىكى  ئۇنىڭ تەركىبىدىكى گىلۇكوزىنىڭ مىقدارى 25گرام، مىۋە شىكىرىنىڭ تەركىبى 20 گرامدىن ئېشىپ ، تەخسىگە ئۇسقاندا لىپلۇلىق توشۇپ كىتىدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە مېۋە شىكىرى تەركىبلىك ئىچىملىكنى ئىچكەندىن كېيىن ، ئادەم تۇيۇپ كەتكەندەك ھېس قىلماستىن ، ئىچمىگەن بىلەن ئوخشاش يەنە بىر نەرسە يىگۈسى كېلىدۇ .

    بىر بۇتۇلكا 500گراملىق ئىچىملىك تەركىبىدە 50 گرام شىكەرنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارىغا تەڭ كەلگۈدەك ئىسسىقلىق مىقدارى بولىدۇ . يەنى 200گرام ئەتراپىدىكى ياڭيۇ قەلەمچىسى تەركىبىدىكى ئىسسىقلىق مىقدارىغا تەڭ كىلىدۇ . ئەمما ، بۇ ىىل ئىچىملىكنى ئىچكەندىن كېيىن خۇددى ئىچمىگەنگە ئوخشاش تۇيغۇدا بولىدۇ! كۆرۈنۈپ تۇرىدۇكى ، مۇشۇنداق بولىۋەرسە بۇ خىل ئەھۋالدا ئىسسىقلىق مىقدارى بەدەنگە كۆپلەپ شۈمۈرۈلىۋېرىدۇ .

    ئىلمىي تەجرىبىلەر شۇنداق ئىسپاتلايدۇكى ، دائىم سۇغۇق ئىچىملىكلەرنى ئىچكەندە ، بەلكىم دېئابىت كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇش ئېھتىماللىقىنى تېزلىتىشى مۇمكىن . ئامرىكىدىكى بىر ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە ، ئەگەر ھەر بىر بالا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈنىگە بىر قۇتا كاربونىك كىسلاتا تەركىبى بار ئىچىملىك ئىچكەندە ، بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئارتىپ كېتىش ئېھتىماللىقى % 60 تىن يۇقىرى بولىدۇ . يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، سىمىزلىك ، شۇنداقلا دىئابىت كىسىلىگە گىرىپتار بولغان ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ئۇقۇغۇچىلىرىنىڭ سانىنىڭ كۆزگە كۈرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكىنىڭ ئۆزىلا ناھايىتى ياخشى بىر ئەمەلىي مىسال .

    كىشىلەر ياقتۇرۇپ يەيدىغان يېمەكلىكلەرنىڭ تەمى ئەمەلىيەتتە يېمەكلىككە قۇشۇلغۇچى خېمىيىلىك ماددىلارنىڭ ياردىمىدە شۇنداق تەمگە كىرىدۇ . يىمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش جەھەتتىكى ئۇچۇرلار جامائەتكە ئاشكارىلانمايدۇ . زور كۆپ ساندىكى ئادەملەر تولىمۇ ساددىلىق بىلەن ‹‹ ئالدىنقى قاتاردىكى زاۋۇتلار ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتتا مەسىلە يوق››،‹‹ چوڭ تىپتىكى تاللا بازارلىرىدا سېتىلىۋاتقان نەرسىلەردە چاتاق يوق ›› دەپ ئىشىنىپ كىتىدۇ . ئەمما، بىزنىڭ تىللىرىمىزنىڭ تەم سەزگۈسى يېمەكلىككە قۇشۇلغۈچى ماددىلار تەرىپىدىن بۇزۇلۇپ كېتىۋاتسىمۇ يەنە ئۇنى بىلمەي يۈرسەك ، بۇ نىمدىگەن ئېچىنىشلىق – ھە !

    100كلوگرام تۇخۇ گۆشىدە 130 كلوگرام كولباسا  ياسىغىلى بولىدۇ.
    كۆپچىلىك بەلكىم ئىشەنمەسلىكى مۇمكىن .100 كلوگرام تۇخۇ گۆشىدە قانداق قىلىپ 130كلوگرام كولباسا ياسىغىلى بولىدۇ؟ ئارتۇق 30 كلوگرامغا نىمە قوشۇلىدۇ؟ بۇنىڭغا دەل ئېغىرلىقنى ئاشۇرىدىغان يېپىشقاق ماتىرىيال ئارىلاشتۇرىلىدۇ.

    ئېغىرلىقنى ئاشۇرۇشتا ،ھەم كۆپ پۇل خەجلىمەيھەم ئوڭايلا قىلغىلى بولىدىغان ئۇسۇل ‹‹سۇ››قېتىشتۇر.

    شۇڭلاشقا يېمەكلىك ساھەسىدە ‹‹سۇ قېتىلغان كولباسا›› دەيدىغان بىر خىل چۈشەنچە بار .

    بۇ خىل ئۇسۇل باھا جېڭىدە  جان ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن قوللانغان بىر خىل ئىستراتىگىيىلىك تاكتىكىدۇر.

    ئەمما ، ئەگەر بېۋاسىتە ھالدا سۇنى قاتقاندا گۆش ئوڭايلا چىرىپ كېتىدۇ. شۇڭلاشقا، ئۇنىڭغا قىزىتقاندىن كېيىن ئوڭايلا قاتىدىغان يىلىمسىمان ماددا ئىشلىتىلىدۇ. 100 دانىدىن ئارتۇق شىپرىس بىلەن بىرلا ۋاقىتتا توخۇ گۆشىگە مەخسۇس گۆشكە ئارىلاشتۇرىدىغان يىلىمسىمان سۇيۇقلۇق ئۇرۇلىدۇ. ئۇنداق مەنزىرىنى بىرلا قېتىم كۆرۈپ قالسىڭىزلا بولدى ، ھەرگىز ئېسىڭىزدىن چىقمايدۇ، تولىمۇ قورقنۇچلۇق! ئۇنىڭدىن كېيىن گۆشكە ئۇرۇلغان يىلىمسىمان ماددىنىڭ گۆش توقۇلمىلىرىغا تەكشى يېيىلىشى ئۈچۈن ئۇلارنى ئايلاندۇرۇپ ئىلەشتۈرىدۇ. گۆشكە ئارىلاشتۇرىدىغان يىلىمسىمان ماددىنىڭ ئېغىرلىقى گۆشنىڭ ئۇمۇمىي ئېغىرلىقىنىڭ %20 – %30 گىچە توغرا كېلىدۇ. گۆشلەر ئايلاندۇرۇپ ئېلىشتۇرۇلغاندىن كېيىن ، كۆپۈپ ئېسىلىدۇ-دە ، ئاندىن شەكىلگە ئېلىش ، قىزىتىش قاتارلىق باسقۇچلاردىن كېيىن ، ئەڭ ئاخىرىدا بازاردا سېتىلىۋاتقان كولباساغا ئايلىنىدۇ .

    ئارتۇق قوشۇلغان قىسمىنىڭ رەڭگى ۋە ئېلاستىكىلىقىنى ساقلاش ئۈچۈن ، يەنە ئۇنىڭغا باشقا يېمەكلىككە قوشۇلغۇچى خېمىيىلىك ماددىلار ئارىلاشتۇرۇلىدۇ. سۇ قۇشۇلغان كولباسانىڭ باھاسى تولىمۇ ئەرزان بولۇپ ، تاللا بازارلىرىدا ئالاھىدە باھادا توۋلاپ سېتىۋاتقان كولباسانىڭ كۆپ قىسمى مۇشۇ خىلدىكىلەردۇر.

    كولباسا دېگەن ئەسلىدىنلا چۇقۇم تۇخۇ گۆشىدىن ياسىلىدىغان تۇرسا ، يەنە نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭغا دادۇر ئاقسىلى ، تۇخۇم ئېقى ، لاكتالبۇمىن (سۈت ئاق ئاقسىلى) قاتارلىق تەركىبلەر ئىشلىتىلىدۇ؟

    تاللا بازارلىرىدا مال سېتىۋېلىش ھارۋىسىنى ھەيدىگەچ شاد-خۇراملىق ئىچىدە ئالاھىدە باھالىق  ماللارنى تاللاۋاتقىنىڭىزدا ، ئۇلارنى ھارۋىڭىزغا سېلىشتىن بۇرۇن ،مەھسۇلاتنىڭ تەركىبىگە ئوبدانراق قاراپ بېقىڭ! ھوشىڭىزنى يىغىپ ئوبدانراق ئويلىنىپ بېقىڭ!

    تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
    Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
    新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
    ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 13999111547        ئىشخانا : 2848484 -0991
    شىركىتىمىز بىلەن قانۇنلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋەت ئورنۇتۇپ ياخشى ئىقتىسادىي قىممەتكە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.
    互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
    !تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ