
كۆكرەك راكى ئوپراتسىيەسىدىن كېيىن بىر قىسىم ئاغرىقلارنىڭ يان تەرىپىدە سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولىدۇ.دوختۇرلار مۇنداق دەيدۇ:‹سۇلۇق ئىششقنى داۋالاش ئىنتايىن مۇھىم بۇلۇپ ئېغىر نەرسىلەرنى كۆتۈرۈشتىن ،تېرىنىڭ جىجىلىپ يارلىنىشى قاتارلىقلاردىن ساقلىنىش كېرەك ›.
كۆكرەك راكىنى داۋالاش ئوپراتسىيىسى قىلدۇرغان ياكى لىمفا تۈگۈنى تازلىغاندىن كېيىن ،لىمفا سۇيۇقلۇقنىڭ قايتىشى چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ .بۇ تۆت لىنىيەلىك قاتناش يولىنىڭ تۇيۇقسىز ئىككى لىنىيىگە ئايلىنىپ قېلىپ قاتناش توسۇلۇپ قالغانغا ئوخشاشلا ئىكەن .ئەسلىگە كېلىش جەريانىدا لىمفا نەيچىسىدە يان تارماق قان ئايلىىنىش نەيچىسى ھاسىل بۇلۇپ ،ئازراق ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن بەزى ئاغرىقلارنى قولىدىكى بارلىق سۇلۇق ئىششىقلار ياخشىلىنىشقا قاراپ ماڭىدۇ.
بۇنىڭدا ئوپراتسىيەدىن كېيىن ئاغرىقنىڭ قول مەشىقىنى كۈچەيتىپ بەرسە ،لىمفانىڭ قايتىشىغا ۋە يان تارماق قان ئايلىنىش نەيچىسى قۇرۇشقا،سۇلۇق ئىششىقنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتىنى ئازايتىشقا پايدىلىق ھەمدە ئۇخلىغاندىمۇ مۇۋاپىق ئۇخلاش شەكلىنى تاللاش كېرەك .
ئەگەر ئاغرىقلارنىڭ يان تەرىپى جىددى خارەكتېرلىك لىمفا نەيچىسى ياللۇغىنىڭ ۋاقتىدا ئالدىنى ئېلىپ داۋالاش كېرەك .