تەتقىقاتتا بايقىلىشچە ،ئاپتوموبىل ھەيدىكۈچىلەر پىژغىرىم ئىسسىقتا چۈشلۈك تاماقنى يەپ بۇلۇپ 15مىنوت ئۆتمەستىنلا ئاپتىموبىل ھەيدىگەندە ئاسان قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىدىكەن .فىزولوگلار بۇ ۋاقىتتا بۇ ۋاقىتنى ‹شوپۇرلارنىڭ ئەڭ خەتەرلىك ۋاقتى ›دەپ قارىغان .بۇنى ئادەمنىڭ ياز پەسلىدىكى مۇشۇنداق ئالاھىدە ھاۋا كىلىماتى شارائىتىدىكى تۇرمۇش رېتىمى بەلگىلىگەن .ئىسسقتا ئاپتوموبىل تېمپىراتۇرسى تېخىمۇ ئىسسىق بولىدۇ،بىر چۈشتىن بۇرۇن ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە شوپۇرنىڭ بەدەن قۇۋۋىتى كۆپ خوراپ،كۆرۈش قۇۋۋىتى ۋە چوڭ مېڭىسىمۇ چارچايدۇ .ئۇنىڭ ئۈستىگە يازدا كۈن ئۇزۇن تۈن قىسقا بولغاچقا كەچرەك ئۇخلاپ ،بالدۇر ئورنىدىن تۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ .شۇڭا شوپۇرلار ھاۋا تازا ئىسسىغان كۈنلىرى تاماقنى يەپ بولغاندىن كېيىن ئىمكانقەدەر ئوبدان ئارام ئېلىشى ،كالىسى سەگەكلەشكەندىن كېيىن ،ئامال بار ‹خەتەرلىك ۋاقىت ›ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن ،ئاندىن ئاپتوموبىل ھەيدىگىنى ياخشى.
|