تەتقىقاتلاردا بايقىلىشچە ،سۈكۈتتە ئولتۇرۇپ بەرگەندە چوڭ مېڭە بالا ۋاقىتلاردىكى مېڭە دولقۇنى ھالىتىگە كېلىپ ،قېرىش ۋاقتىنچە كېچىكىدىكەن . مەملىكىتىمىزنىڭ ھازىرقى زامان ئەدەبىياتشۇناس گومورو مېڭىسىنى بەك كۆپ ئىشلەتكەچكە ۋە دائىم چېچىلىپلا يۈرگەچكە ،ئېغىر نېرۋا ئاجىزلىق كېسىلىگە گېرىپتار بولغان ،يۈرىكى سىقىلىپ ،ھالسىزلىندىغان ،ئۇيقۇسى قاچىدىغان بۇلۇپ قالغان.كېيىن بىر كىتابتىن سۈكۈتتە ئولتۇرسا كېسىلىگە شىپا قىلىپ ،بەدەننى ساغلاملاشتۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى كۆرگەن .ئۇ ھەركۈنى سەھەردە يېرىم سائەت سۈكۈتتە ئولتۇرغان ،يېرىم ئايغا قالمايلا ئۇنىڭ ئۇيقۇسى ياخشىلىنىشقا باشلىغان ،ئىشتىھاسىمۇ ئەسلىگە كەلگەن .شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ بۇنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن.
|