
ئۆيىڭىزدىكى توڭلاتقۇنى ئېچىپ قاراپ بېقىڭ ،مېۋە -چىۋىلەرنى ئوراپسىزمۇ-يوق ؟ئەمەلىيەتتە مىۋە-چىۋىلەردە كۆپ مىقداردا سۇ تەركىبى بولىدۇ .ئەگەر مېۋىلەرنى يېڭى ساقلاش پەردىسى بىلەن ئورىمايلا توڭلاتقۇغا سېلىپ قويغاندا ،مېۋىدىكى سۇ تەركىبى توڭلاتقۇ ئىچىدە پارلىنىپ كېتىدۇ.توڭلاتقۇنىڭ پارلاندۇرغۇچى پارلىنىپ چىققان سۇنى ئۈزلۈكسىز سۈمۈرۋالىدۇ ،بۇنىڭ بىلەن توڭلاتقۇنىڭ ئىچى ئاسانلا قىراۋ تۇتۇپ كېتىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن مىۋە -چىۋىلەرنى ھاۋا ئۆتكۈزۈشچانلىقى ياخشى ،ئىچى سىرتىدىكى ئوكسېگىننى ئالماشتۇرالايدىغان ،باكتېرىيەنىڭ كۆپىشىنى توسۇيدىغان يېڭى ساقلاش پەردىسىگە ئواپ ئاندىن توڭلاتقۇ ئىچىگە سېلىش كېرەك . بۇنىڭدىن باشقا ئۆيدە سېرىق قەغەز بولسا ،بۇ خىل قەغەز بىلەنمۇ مېۋە-چىۋىلەرنى ئوراپ توڭلاتقۇغا ئوراپ سېلشقا بولىدۇ.