
كۆپىنچە كىشىلەر دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى ئېستىمال قىلغاندا پىۋا ئېچىشنى ياخشى كۆرىدۇ .بۇنداق قىلىش ناھايىتى ھوزۇردەك بىلىنسىمۇ ،بىراق بۇ سالامەتلىككە ناھايىتى زىيانلىق چۈنكى دېڭىز مەھسۇلاتلىرىدىكى مول بولغان ئاقسىل بىلەن پىۋا تەركىبىدىكى نوكلىك كىسلاتا بىرىكسە ئۇرىك كىسلاتا پەيدا بولىدۇ .بۇنداق بولغاندا يەللىك بوغۇم ياللۇغى بۇلۇش نىسبىتى يۇقۇرلايدۇ .بۇلۇپمۇ ئوتتۇرا ياش ۋە ياشلاردا تېخىمۇ شۇنداق بولىدۇ .
دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى ئېستىمال قىلغاندا مېۋە ۋە چايدىنمۇ يىراق تۇرۇش كېرەك .چۈنكى مېۋە بىلەن چاي دېڭىز مەھسۇلاتلىرى تەركىبىدىكى ئاقسىلنىڭ قۇبۇل قىلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ ،ئوزۇقلۇقنىڭ پارچىلىنىپ ئېقىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .شۇڭا دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى ئېستىمال قىلىپ بىر سائەتتىن كېيىن مېۋە ۋە چاينى ئىستېمال قىلىش ئەڭ مۇۋاپىق .
دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى ئېستىمال قىلغاندا سەۋزە ،پىچەكگۈل قاارلىق سۇ تەركىبى تۆۋەن كۆكتاتلارنى قوشۇمچە قىلىپ ئېستىمال قىلسا ئاقسىلنىڭ قۇبۇل قىلىنىشى ياخشىلىنىپلا قالماي ،دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەمىمۇ يېيىشلىك بولىدۇ .
دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى ئېستىمال قىلغاندا زەنجىۋىل ،سامساقلار ئارقىلىق تەم كىرگۈزسە ،دېڭىزمەھسۇلاتلار مەززىلىك بۇلۇپلا قالماي ،ئىغىز بوشلۇقى ۋە ھەزىم قىلىش ئەزالىرىنى غىدىقلىمايدۇ.
دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى گۈرۈچ بىلەن تەڭ قاينىتىپ ئۇماچ قىلىپ ئىچسە ،دېڭىز مەھسۇلاتلىرى تەركىبىدىكى ئاقسىل تولۇق قۇبۇل قىلىنغاندىن سىرت ،كالتىسي ،سېلېن قاتارلىق ماددىلارمۇ ياخشى قۇبۇل قىلىندۇ.