
ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيىش
كۆپىنچە خانىم – قىزلار خىزمەت كىيىمى ۋە باشقا كىيىملىرىگە ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن ، ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيىدۇ ، بۇنداق قىلىش سالامەتلىككە زىيانلىق . چۈنكى ئېگىز پاشنىلىق كىيگەندە پۇتنىڭ بېسىمى ئارتىپ ، يېتەرلىك ئارام ئالالمايدۇ ، بۇ خىل ھالەت ئۇزاق داۋاملاشسا ، پۇت بارمىقى سىرتقا چىقىپ قېلىش ، پۇت بېغىشى ئولتۇرۇشۇپ كېتىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ . ئېغىر بولغاندا ئوپىراتسىيە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ .
يانفوننى بوينىغا ئېسىۋېلىش
ئىلىم – پەن ساھەسىدە گەرچە يانفون رادىياتسىيەسىنىڭ قانچىلىكلىكى مۇنازىرە قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ ، لېكىن يانفوننى دائىم بوينىغا ئېسىۋېلىش يەنىلا مەلۇم تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدۇ ، شۇڭا ئەڭ ياخشىسى يانفوننى ئۈستەلنىڭئۈستىگە ، تارتمىغا سېلىش ، سىرتقا چىققاندا سومكىغا سېلىۋېلىش كېرەك.
گىرىمنىڭ ئۈستىگە گىرىم قىلىش
بىر قىسىم خانىم – قىزلار ئەتىگەن قىلغان گىرىمنىڭ يوقاپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئىشخانىغا كەلگەندىن كېيىن ئۈستىلەپ گىرىم قىلىدۇ. گىرىم قىلىپ سىرتقا چىققاندا ، ھاۋادىكى توپا – چاڭلار تېرىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا سىڭىپ ، يۈزدىكى ماي ۋە ئۇپا قاتارلىقلار بىلەن بىرىكىپ تېرىنىڭ بۇلغىنىش دەرىجىسى تېخىمۇ ئاشىدۇ . شۇڭا ناۋادا ئىشخانىدا گىرىم قىلشىقا توغرا كەلگەندە يۈز يۇيۇش مەلھىمى بىلەن يۈزنى پاكىز يۇيۇپ ، بىر نەچچە مىنۇتتىن كېيىن گىرىم قىلىش كېرەك.
لەۋ سۇرۇقىنى باشقىلار بىلەن ئورتاق ئىشلىتىش
لەۋ سۇرۇخنى سۈركەپ گەپ قىلغاندا ، ئىچىملىك ئىچكەندە ۋە يېمەكلىك يېگەندە ، ھەر خىل مىكروبلارنىڭ ئېغىزدىن كىرىپ كېتىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ ، شۇڭا لەۋ سۇرۇخنى ئورتاق ئىشلەتمىگەن تۈزۈك.
خىزمەت ۋاقتىدا تىڭشىغۇچ تاقاش
بەزىلەر خىزمەت ۋاقتىدا باشقىلارغا دەخلى قىلماسلىق ئۈچۈن ياكى ئۆزىنىڭ قىزىقىشى بىلەن قۇلىقىغا تىڭشىغۇچتاقاپ مۇزىكا ئاڭلايدۇ ، لېكىن بۇنداق بولغاندا ، يېقىندىن كەلگەن قۇلاق نېرۋىسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ ، ئۇزاق مەزگىل داۋاملاشقاندا ، ئاڭلاش قۇۋۋىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.