
ئىسپانىيەدە چىقىدىغان ‹دۇنياگېزىتى›نىڭ 30-ئىيۇندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ،ئەنگەلىيە ئالىملىرىنىڭ يېقىندائېلان قىلغان تەتقىقات دوكىلاتىدا كۆرسىتىلىشچە ،قىسقا ئۇچۇرنى‹تەشەببۇس قىلىش›تاماكا تاشلاش نىسبىتنى بىر ھەسسە ئۆرلتىدىكەن .
ئالتە ئايلىق تەجرىبىدىن كېيىن ،توختىماستىن رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن قۇبۇل قىلغان 2900تاماكا چەككۈچىدىن %10تىن كۆپرەكى تاماكىنى ئوڭۇشلۇق تاشلىيالىغان .ئەمما قىسقا ئۇچۇر قۇبۇل قىلمىغانلارنىڭ %4.9ىلا تاماكا چېكىش ئادىتىنى تاشلىيالىغان .
دوكىلاتتا ‹پەقەت غەيرەت قىلسىڭىزلا قىلالايسىز›دېگەندەك مەدەت بېرىدىغان قىسقا ئۇچۇرلار كىشىلەرنى تاماكا تاشلاشقا ياردەم بېرىش مۇلازىمەت تۈرىگە كىرگۈزۈش تەلەپ قىلىنغان .
جەمئىي 5800تاماكا چەككۈچى ئالتە ئايلىق بۇ تەجرىبىگە قاتناشقان .بۇنىڭ ئېچىدە 2915ئادەم مەدەت بېرىدىغان قىسقا ئۇچۇر قۇبۇل قىلغان . پەقەت قاتناشقىنىڭىزغا رەھمەت دېگەن قىسقا ئۇچۇرنى قۇبۇل قىلغان .دەسلەپكى بەش ھەپتىدە ئۇلار ھەركۈنى قىسقا ئۇچۇردىن بەشنى ئۇبۇل قىلغان .ئۇنىڭ كەينىدىن ھەر ھەپتىدە قىسقا ئۇچۇردىن ئۈچنى قۇبۇل قىلغان .
قاتناشقۇچقلارنىڭ تاماكا خۇمارى قوزغالسا ،بۇ قىسقا ئۇچۇرلارغا جاۋاپ قايتۇرسا ،بىر قىسىم ئالاھىدە تەكلىپ پىكىرلەرگە ئېرىشەلەيدۇ.
تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆرسىتىلىشچە ،قىسقا ئۇچۇر ئەۋەتىش تاماكا تاشلىشىغا ئىنتايىن مۇۋاپىق كېلىدىغان ئۇسۇل .مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بەزى ئۇسۇللار كىشىلەرنىڭ باشقا ئىللەتلىرىنى تۈزۈتىشىگىمۇ ياردىمى بولىدۇ.