ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى تەرەت قاچىسىنىڭ قاپقىقىنى چوقۇم يېپىپ ،ئاندىن سۇ چۈشۈرۈش كېرەك .چۈنكى سۇ چۈشۈرگەن پەيىتتە ھاۋادا سۇيۇق ياكى قاتتىق ھالەتتىكى ئۇششاق لەيلىمە زەرىچىلەر پەيدا بولىدۇ.بۇ زەرىچىلەر نەچچە سائەتكىچە ھاۋادا لەيلەپ يۈرىدۇ ھەمدە تامغا ۋە نەرسە -كېرەكلەرگە چاپلىشىپ قالىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە تەرەت قاچىسى يۇيىدىغان چوتكا ۋە تەرەت قاچىسىنىڭ ئولتۇردىغان چەمبىرىكىنى پاكىز ۋە قۇرۇق تۇتۇش كېرەك ،بولمىسا باكتېرىيە ۋەمېكروئورگانىزىملار كۆپىيىپ كېتىدۇ ،تەرەت قاچىسىنى يۇيىدىغان چوتكىنى ئىشلەتكەندىن كېيىن ،ئاۋۋال سۇدا چاقېۋېتىپ ،ئاندىن دېزىنفىكسىيەلەپ ئېسىپ قۇرۇتۇش كېرەك .تەرەت قاچىسىنىڭ ئولتۇردىغان چەمبىرىكىنىمۇ ۋاقتىدا دىزىنفىكسىيەلەپ تۇرۇش كېرەك .