ھەسەلنىڭ تەركىبىدە %80~%60 گلۇكوزا ۋە فرۇكتوزا (مېۋە شېكىرى) بولغاندىن سىرت، يەنە ئۇنىڭ تەركىبىدە مول فېرمېنت، ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددىلار بولۇپ، ئوزۇقلۇق تەركىبى مول تاتلىق يېمەكلىك ھېسابلىنىدۇ. ھەسەلنى ئىستېمال قىلغاندا ئەڭ ياخشىسى ئۇنى ئىلمان قايناق سۇدا ئېرىتىپ ئىچىش، سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئادەتتە 60 تىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. ھەسەلنى قايناق سۇدا ئېرىتىپ ئىچكەندە، ئۇنىڭ تەبىئىي رەڭگى، پۇرىقى ۋە تەمىنى ساقلاپ قالغىلى بولمايلا قالماستىن، يەنە تېخى ئۇنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ئوخشىمىغان دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ. يەنى ئۇنىڭدىكى ۋىتامىن C نىڭ بېر قىسمى زىيانغا ئۇچرايدۇ. تەجرىبىلەردە ئىسپاتلىنىشىچە، ھەسەلنى 76 گېرادۇسقىچە قىزدۇرغان ۋاقىت سەللا ئۇزىراپ كەتسە، ھەسەلنىڭ تەركىبىدىكى كراخمال فېرمېنتىدا پارچىلىنىش يۈز بېرىدىكەن؛ بەزى ئوزۇقلۇق تەركىبلەردىمۇ ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، ھەسەلنىڭ رەڭگىمۇ قارىداپ كېتىدىكەن
|