ئازراق سالقىنداشنى دەپلا ھاۋا تەڭشىگۈچنى يۈزىڭىزگە قاراتماڭ .چۈنكى سوغوق شامال چىقىرغاندا ئاپتوموبىل ئىچىنىڭ ھاۋاسىدىكى سۇ تەركىبى ئازىيىپ قۇرغاقلىشىپ كېتىپ ،ھاۋا كۆزدىكى نەملىكنى سۈمۈرۈپ ،كۆز قۇرغاقلىشىش كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .ئاپتوموبىل ھەيدەۋاتقاندا كۆز بىئارام بولسا قاتناش ھادىسىسىمۇ كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.شۇڭا ئاپتىموبىل ھەيدىگەندە ھاۋا تەڭشىگۈچنى گەۋدە قىسمىغا ياكى پۇت قىسمىغا قاراتقان ياخشى .كۆزنى كۆپرەك چىمىلدىتىپ تۇرۇشنىڭمۇ كۆزنى نەملەشكە پايدىسى بار .نورمال بولغاندا مىنوتقا 10دىن 20قېتىمغىچە چىمىلداتسا بولىدۇ.
|