سامساقنىڭ تەبىئيىتى ئېسىل دورا بۇلۇپ ،بەزى كېسەللىكلەرگە شىپا قىلىدىغانلىقىغا كۆپ ئادەم ئىشىنىدۇ.تۈركىيە ئۆسۈملۈك دورا مۇتەخەسىسلىرىمۇ سامساقنى دائىم ئېستىمال قىلىپ بەرگەندە راك كېسىلىدىن ساقلانغىلى، قان نوكچىسى كەپلىشىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ۋە چاچنى قارايتىپ پارقىراق قىلغىلى،بۇنىڭدىن باشقا سامساق شىرنىسى بىلەن باش تېرىسىنى ئۇۋۇلاپ بەرگەندە چاچ چۈشۈشنى ئازايتقىلى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان . تۈركىيىدە دورا ئۆسۈملىكلىرىنى تەتقىق قىلىپ ياساشتا داڭق چىقارغان ئاشقازان -ئۈچەي ۋە ئچكى كېسەلىكلەر دوختۇرى قوشۇمچە سامساق مۇتەخەسىسى ئۇزىننىڭ بىلدۈرۈشچە :سامساق ئىستېمال قىلدىغانلار ئەڭ كۆپ دەپ قارىلىدىغان بىرازىلىيەدە ،كىشىلەرنىڭ راك كېسىلى ،شۇنداقلا قان -تومۇر ۋە ئارتېرىيە قېتىشىش كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكىدىن 7-8ھەسسە تۆۋەن بولغان .ئۇيەنە سامساق چاچنى ئاسراشتىكى مۇھىم رولىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن .
|