بەزى كىشىلەر باناننىڭ تېشى قارىداپ قالسىىلا تاشلىۋېتىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇنداق قىلىش ئاقىلانىلىق ئەمەس.

ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، سېتىۋېلىپ 10 كۈن ئەتراپىدا قويۇپ قۇيۇپ تېشى قارىدىغاندىن كېيىن يېگەن باناندا پەيدا بولىدىغان پايدىلىق ئاق قان ھۈجەيرىسىنىڭ سانى يېڭىلا سېتىۋالغان باناننىڭكىدىن بەش ھەسسە كۆپ ئىكەن.
تەتقىقاتچىلار سىرتقى پوستى قارىدىغان باناندا ئادەم بەدىنىدىكى زەھەرلىك ماددىلارنى سىرتقا چىقىرىپ راكنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بايقىغان.
سىرتقى پوستى قارىدىغان بانان ئادەم بەدىنىدىكى ئاكتىپ ئوكسىد زەھەرلىك ماددىسىنى ھەيدەپ چىقىرىپ، بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان خىمىيىلىك ماددا مول بۇلۇپ، بەدەندىكى ئاق قان ھۈجەيرىسى غىدىقلىنىپ، ئاق قان ھۈجەيرىسىنىڭ سانى كۆپىيىپ، ھەرىكىتى تېزلىشىدىكەن، بۇنىڭ بىلەن راكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن.