پىسخىكا مەسلىھىتى | تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى | ساغلاملىق بىلىملىرى | ئۇيغۇر تىبابىتى | باش بەت
  جىنسىيەت ھەققىدە | تۇرمۇش ۋە ساغلاملـــىق | ئانا-بالىلار ھەققىدە | ياشانـــغـانـــلار | ئەيـــدىز
باس -باس ئۇچۇرلار  
  • زەكەرنىڭ چوڭ كىچىكلىكى ھەم جىنسىي تۇرمۇش
  • تـــــــــــــــــوي كىچىسى
  • جىنسى مۇناسىۋەت جەريانى
  • ئاجايىپ قىززىق ئىككى ‹‹تۆت مىنۇت››
  • جىنسى لەۋنىڭ ھەددىدىن زىيادە يوغان بولۇشى
  • قىز ۋە قىزلىق پەردىسى
  • ھەقىقى قىزىقىشقا تىگىشلىك ئاياللار
  • زەكەرنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى قانچە بولسا نۇرمال
  • جىنسى ئالاقە قىلىش قېتىم سانى مۇۋاپىق بولۇش كىرەك
  • پۇراق ۋە جىنسىي تەلەپ
  • مەنىنى بەدەن سىرتىغا چىقىرۋەتسە ، ھامىلدار بولامدۇ؟
  • جىنسىي ئالاقىدىكى ئاغرىش
  • جىنسىي تۇرمۇش چىكىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغا ...
  • تويدىن بۇرۇنقى جىنسي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنىڭ زىيىنى
  • زېرىكىشلىك جىنسىي تۇرمۇشنى تەڭشەشنىڭ 6 خىل ئۇسۇلى
  • ئاياللاردا جىنسىي تەلەپنىڭ كەمچىل بولۇشى
  • چىراي گۈزەللىكىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان 10ناچار ئادەت
  • ئەڭ يېڭى تەتقىقات : بىر كۆرۈپلا كۆيۈپ قېلىشقا 8.2 سېكۇنت ...
  • جىنسىي ئاجىز لىقنى ئوزۇقلۇق بىلەن داۋالاشنىڭ پرىنسىپل ...
  • جىنسىي ھېسسىيات سۇسلىشىش
  • خانىم قىزلار ئورۇقلاشنىڭ 20 خىل ئۇسۇلى
  • ئەرلەرنىڭ چىچى بۇرۇن چۈشۈپ كىتىشنىڭ سەۋەپلىرى
  • ئەرلەرنىڭ جىنسىي جەھەتتە قېرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ...
  • سېمىزلىك ۋە جىنسىي ئىقتىدار
  • ئەرلىك جىنسىي ئاجىزلىق
  • ئەرلەردىكى بۆرەك ئاجىزلاشنىڭ ھەر خىل ئالامەتلىرى
  • مەنى قانچە كۆپ بولسا ، شۇنچە ياخشى دىگەن كۆز قاراش خاتا ...
  • مۇھەببەت بۇزۇلۇشنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان تەسىرى
  • تاماكا تاشلاش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟
  • ھاراق ۋە مەنى بالدۇر چىقىپ كېتىش
  •  
    جىنسىي ئاجىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى سەۋەبلەر
    يوللىغان ۋاقىت:2011-05-25 ئاۋاتلىقى:2678
    كىچىك | نورمال | چوڭ             
      خەۋەرلەرگە قارىغاندا ،نۆۋەتتە جىنسىي ئاجىزلىق كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغۇچىلار ھەدەپ كۆپەيمەكتە ،بولۇپمۇ قورامىغا يەتكەن ئەرلەردىكى نىسبىتى يۇقۇرى بولماقتا.بۇرۇن بۇ خىل كېسەللىكنىڭ 90%روھى ياكى پىسخىك ئامىللاردىن بولىدۇ دەپ قارىلاتتى ،يېقىندىن بويانقى يېڭى ئىلغان تېخنىكىلار ئارقىلىق تەكشۈرۈش تەتقىق قىلىش نەتىجىسىدىن قارىغاندا ،ئۇنىڭ 30-50%ى ئورگانلىق كېسەللىك ئۆزگىرىشىدىن پەيدا بولغان.
         قەنت كېسەللىكى بىلەن ئاغرىغۇچىلارنىڭ جىنسىي ئاجىزلىق كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى باشقىلارغا قارىغاندا 2-5ھەسسىگىچە يۇقىرى بولىدۇ.ھاراقتىن ئاستا خاراكتېرلىك  زەھەرلەنگەنلەردىن تەخمىنەن 10%جىنسىي ئاجىزلىق كېسەللىكىگە گىرىپتار بولىدۇ.داس سۆڭىكى سۇنغانلارمۇ جىنسىي مۇناسىۋەت ئىقىتدارىنى يوقۇتىدۇ،بۇلاردىن 30-80%ى جىنسىي ئاجىزلىق كېسەللىكىگە گىرىپتار بولىدۇ.مەزى بېزى ئوپراتسىيە قىلنغانلاردىن 10-40%جىنسىي ئاجىزلىق كېسەللىكىگە گىرىپتار بولىدۇ.ئىچكى ئاجرالما ئاجرىتىش كېسەللىكى،تۆۋەنكى دۆڭچە مىڭە ،گىپوفىزنىڭ فونكىسىيىسى نورمالسىزلاشقانلارنىڭ 7-19%ى،بىرلەمچى خاراكتىرلىك جىنسى ئىقىتدارى تولۇق بولمىغانلارنىڭ تەخمىنەن 7%ى،كورتىزولى كۆپىيىپ كەتكەنلەرنىڭ 70%،قالقانسىمان بەزنىڭ فونكىسىيىسى كۈچىيىپ كەتكەنلەرنىڭ 56٪ى،قېنىدىكى سۈت ھاسىل قىلغۇچى گورموننىڭ مىقدارى ئېشىپ كەتكەنلەرنىڭ تەخمىنەن 80-90% ى جىنسىي ئاجىزلىك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولىدۇ.زەكىرى نورمال قايىم بولىدىغانلاردىن مەيلى قانداق ئۇسۇلدا داۋالانسۇن،جىنسى ئاجىزلىق كېسەللىكىگە گرىپتار بولغانلارنىڭ نىسبىتى 50%كە يىتىدۇ.
         بۇ كېسەللىك ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ كۆپىيىپ كۈچىيىپ بارىدۇ.ياش چوڭايغانسىرى جىنسىي ھەۋەس جىنسىي مۇناسىۋەت ئازىيىپ بارغاندىن سىرت ياشانغانلار ئارىسىدا جىنسىي ئاجىزلىق كېسەللىكىگە گىرىپتار بولىدىغانلارنىڭ نىسىبىتى ياشلارغا قارىغاندا يۇقىرى بولىدۇ.بەزى سىتاستىكىلىق ماتىرياللارغا ئاساسلانغاندا 25ياشتىن تۆۋەنلەردىن 0.5%،35ياشتىكىلەردىن 2%،55ياشتىكىلەردىن 10%،75ياشتىكىلەردىن 50%ئادەمدە بۇخىل كېسەللىك بولىدىكەن.
    ئۇيغۇر تىبابىتىمىزنىڭ قارىشىدا جىنسى ئاجىزلىق كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى سەۋەبلەر تۆۋەندىكىدەك دەپ قارىلىدۇ
    1.مىزاج بۇزۇلۇشتىن كىلىپ چىقىدۇ .
    1) خىلىتسىز ھۆل سوغۇق كەيپىياتنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
    خىلىتسىز ھۆل سوغۇق كەيپىيات ئىچكى تاشقى جەھەتتىن ئورگانىزىمغا زىيادە تەسر قىلغاندا ، پۈتۈن بەدەندىكى ماددا ئالماشتۇرۇشنى سۇستلاشتۇرۇش بىلەن بىرگە جىنسىي ئەزالاردىكى تەبىئىي ھارارەتنى سۇندۇرۇپ ، جىنسىي ئەزالارنى بوشاشتۇرۇپ ،ئۇزۇقلۇق ماددىلارنىڭ جىنسىي ئەزالارغا يەتكۈزۈلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ . بۇنىڭ بىلەن قۇۋۋەتلەر ئاجىزلاپ ، جىنسىي قابىلىيەتنىڭ تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
    2) تەمسىز بەلغەم خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كىلىپ چىقىدۇ .
    بۇ خىل غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتى قان ئايلىنىش ئارقىلىق ، ئەرلەر جىنسىي ئەزالىرىغا تەسىر قىلغاندا ، ئۆزىنىڭ ماددىي ۋە كەيپىيات جەھەتتىكى تەسىرى ئارقىلىق يەرلىك ئورۇندىكى ان ئايلىنىش ۋە ماددا ئالماشتۇرۇشنى سۇستلاشتۇرۇپ ، تەبىئىي ھارارەتنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن جىنسىي ئەزالارنىڭ مۇسكۇل ۋە پەي ، تارامۇشلىرى بوشىشىپ ، قۇۋۋەتلەر ئاجىزلاپ ، جىنسىي ئىنكاسنىڭ سۇستلىشىشىنى يەنى باھ ئاجىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
    3) قان خىلىتى كېمىيىپ كېتىشنىڭ تەسىرىدىن كىلىپ چىقىدۇ.
    تۈرلۈك سەۋەبلەردىن قان خىلىتى كېمىىيىپ كەتكەندە ، ئورگانىزمنىڭ ھەر قايسى قىسمىدىكى ئەزا ، توقۇلمىلارغا جۈملىدىن جىنسىي ئەزالارغا ئۇزۇقلۇق ماددىلار يېتىشمەسلىك كېلىپ چىقىپ قۇۋۋەتلەر ئاجىزلاپ باھ ئاجىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
    2. ئۇزۇقلۇق يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ .
    ئۇزۇقلۇق قۇۋۋىتى تۆۋەن بولغان يېمەك-ئىچمەكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىش ياكى ھەزىم ئەزالىرىنىڭ سۈمۈرۈش خىزمىتىنىڭ ياخشى بولماسلىقى سەۋەبىدىن ئۇمۇمىي بەدەنگە ئۇزۇقلۇق يېتىشمەي ، ئۇمۇمىي بەدەن ئاجىزلىقى كىلىپ چىقىدۇ . ، بۇنىڭ بىلەن قۇۋۋەتلەر ئاجىزلاپ ، جىنسىي ئەزالار خىزمىتىمۇ مەلۇم دەرىجىدە تەسىرگە ئۇچراپ ، جىنسىي ئىنكاس سۇستلىشىپ باھ ئاجىزلىقى كىلىپ چىقىدۇ.
    3. ئەرلەر جىنسىي ئەزالىرىدىكى ھەر خىل كېسەللىكلەرنىڭ تەسىرىدىن كىلىپ چىقىدۇ .
    مەنىي ئېقىپ كېتىش ، كۆپ ئېھتىلام بولۇش ، زەكەر بوشىشىپ كېتىش ، مەزى بېزى ياللۇغى ، ئۇرۇقدان ياللۇغى ، ، ئۇرۇقدان يىگىلەش قاتارلىق كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن مەنىينىڭ سان ۋە سۈپەتكە لايىق ئىشلەپچىقىرىلماسلىقى ، مەني كۆپ چىقىپ كېتىپ ، جىنسىي ئەزالارنىڭ زىيادە كۈچىنىشى ياكى جىنسىي ئەزانىڭ يىتەرلىك قايىم بولماسلىقى قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ باھ ئاجىزلىقى كېلىپ چىقىدۇ .
    4. باشقا كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىدۇ .
    1) مىڭە كىسەلىكلىرى سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىدۇ.
    مېڭىدىكى تۈرلۈك كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن جىنسىي ئەزالارنىڭ خىزمىتىنى باشقۇرىدىغان مەركەزلەرنىڭ خىزمىتى قالايمىقانلىشىپ ياكى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ ، باھ ئاجىزلىقى كېلىپ چىقىدۇ .
    مەسىلەن : مېڭىگە سىرتتىن سۇغۇق تېگىش ياكى بەك ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىش ، مېڭىگە سىرتتىن زەخمە تېگىش يەنى ئۇرۇلۇش ، سوقۇلۇش ۋە قاتناش ھادىسىلىردە كۆرۈلىدىغان زەخمىلىنىش قاتارلىقلار .ئۇزۇن مۇددەت روھىي بېسىمغا ئۇچراش ، بىر نەرسىدىن ئازار يېيىش ياكى قاتتىق خورلىنىش سەۋەبلىك مېڭىدە ئاجىزلىق يۈز بېرىدۇ ، مەركىزىي نىرۋا سىستىمىسىدىكى ئىنكاس تۆۋەنلەيدۇ ، بۇ ۋاقىتتا بىمارنىڭ تۇتۇۋېلىش قابىلىيىتى تۆۋەنلەپ تەدرىجىي جىنسىي ئاجىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
    ھەر خىل مەست قىلغۇچى دورىلار ؛ھاراق ، نەشە ، خىروئىن ، كوكايىن، مورفىن ،ئەپيۇن ۋە ھازىرقى بالىلار يەۋالىدىغان ئاتالمىش مەجۈنلەرنى يىيىش، ئىچىش ،چىكىش سەۋەبلىك مېڭىنىڭ ئىنكاسى تۆۋەنلەپ جىنسىي ئاجىلىققا ئېلىپ بارىدۇ.
    ئوزۇقلۇقنىڭ ناچارلىشىشى سەۋەبلىك مېڭىگە قۇۋۋەت يېتىشمەي مېڭىنىڭ ئىنكاسى تەدرىجىي تۆۋەنلەپ باھ زەئىپلىكىگە ئېلىپ بارىدۇ.
    نېرۋىلاردا توسۇلۇش بولغان سەۋەبلىك مېڭىنىڭ غىدىقلىنىشقا بولغان ئىنكاسى تۆۋەنلەپ ئاقىۋەت جىنسىي ئىنتىلىشنى تۆۋەنلىتىدۇ .
    بەدەننىڭ پالەچلىنىشى ، جۈملىدىن چوڭ مېڭىنىڭ پالەچلىنىشى سەۋەبلىكمۇ جىنسىي ئاجىزلىق كىلىپ چىقىدۇ .
    2) يۈرەك كىسەللىكلىرى سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىدۇ .
    تۈرلۈك يۈرەك كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن يۈرەكنىڭ قاننى سىقىپ چىقىرىش خىزمىتى ئاجىزلاپ جىنسىي ئەزالارغا قان ۋە ئۇزۇقلۇق ماددىلار يېتىشمەي ، تەدرىجىي باھ ئاجىزلىقى كىلىپ چىقىدۇ .
    بەزىدە شەھۋەتنىڭ ئاجىزلىقى يۈرەك كىسەللىكلىرى ۋە ھارارىتى ، تەبىئىتىنىڭ چەكتىن ئارتۇق سەرپ قىلىنىشى قاتارلىق سەۋەبلەردىنمۇ سادىر بولىدۇ . ئۇزاق كىسەللىك تارتىش ، زىيادە ئۇرۇقلاپ كىتىش ۋە پۈتۈن ئەزالارنىڭ ئاجىزلىقى يۈرەكنىڭ پۈتۈن بەدەننى قان بىلەن تەمىنلىيەلمەسلىكىگە زىچ باغلىنىشلىق بولىدۇ . يۈرەكتە كېسەللىك بولسا ، قان بىلەن تەمىنلەشكە ئەلبەتتە تەسىر يېتىدۇ . نەتىجىدە بەدەندە، جۈملىدىن ، تاناسىل ئەزالار خىزمىتىدە زەئىپلىك يۈز بېرىدۇ . شەھۋەتنى كۈچەيتكۈچى دورىلارنى كۆپ يېيىش سەۋەبلىك يۈرەكنىڭ ھەرىكىتى دائىمىي جىددىي بولۇپ تەدرىجىي ئاجىزلاشقا باشلايدۇ . قاتتىق قورقۇش ، ئىسسىق تەبىئەتلىك ياكى سۇغۇق تەبىئەتلىك يېمەكلىكلەرنى ئۇزاق ۋاقىت ئىستىمال قىلىپ يۈرەكنىڭ مىزاجى بۇزۇلۇش سەۋەبلىكمۇ جىنسىي ئاجىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
    3) جىگەرۋە ئاشقازان كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
    جىگەرۋە ئاشقازان كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن جىگەر سان ۋە سۈپەتكە لايىق بولغان خىلت ئىشلەپچىقىرالمايدۇ ، بۇنىڭ بىلەن جىنسي ئەزالارنىڭ سان – سۈپەتكە لايىق خىلىت بىلەن تەمىنلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ ، قۇۋۋەتلەر ئاجىزلاپ جىنسىي ئەزالارغا ئوزۇقلۇق يېتىشمەي جىنسىي ئىنكاس سۇستلىشىپ باھ ئاجىزلىقى كېلىپ چىقىدۇ.
    ئاشقازان ۋە جىگەرنىڭ ھەزىم قىلىش خىلىتلارنى ئاجرىتىش ، ئۇزۇقلۇق ماددىلار بىلەن تەمىنلەش خىزمىتىنىڭ باھنىڭ ئاجىزلىشىشىدىكى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرىدۇر. جىگەر ۋە ئاشقازان مىزاجلىرىنىڭ بۇزۇلۇشى ، ھۆل ، قۇرۇق ، ئىسسىق ، سوغۇقلارنىڭ جىگەر ۋە ئاشقازان مىزاجلىرىنى بۇزۇشى سەۋەبلىك يېمەكلىكلەرنىڭ بەدەنگە قوبۇل قىلىنىشى تۆۋەنلەپ ، تەدرىجىي ئۇمۇمىي بەدەن ئاجىزلاش سەۋەبلىك باھ ئاجىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
    بۆرەك كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
    تۈرلۈك بۆرەك كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن بۆرەك ئۈستى بېزىنىڭ ھورمون ئاجرىتىپ چىقىرىش خىزمىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ ، ھىپوپىز بېزىنى غىدىقلىغۇچى ۋە ئۇرۇقدان خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرگۈچى ھورموننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى تەسىرگە ئۇچرايدۇ.بۇنىڭ بىلەن ھىپوپىز بېزىنىڭ جىنسىي ئىنكاسنى قوزغىتىش خىزمىتى ۋە ئۇرۇقداننىڭ ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ ئاخىرىدا باھ ئاجىزلىقى كېلىپ چىقىدۇ.
    ئومۇمىي بەدەننىڭ ئاجىزلىقىدىن بۆرەككە ئۇزۇن مۇددەت ئۇزۇقلۇق يىتىشمىسە شەھۋەت تۆۋەنلەيدۇ، ھەر خىل بۆرەك كېسەللىكلىرى ، بۆرەك ياللۇغى ، بۆرەك جاراھىتى ، بۆرەك راكى ، بۆرەك سىفلىسى قاتارلىق كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن ، بۆرەكتە ئاجىزلاش يۈز بېرىپ بۆرەك خارەكتىرلىك باھ ئاجىزلىقى كېلىپ چىقىدۇ.
    بۆرەك مىزاجىنىڭ ھۆل ، سوغۇق ، قۇرۇق ، ئىسسىقتىن بۇزۇلۇشى سەۋەبلىك بۆرەك مەنبەلىك باھ ئاجىزلىقى كېلىپ چىقىدۇ.
    جىنسىي ئالاقىنى كۆپ قىلىش ، بۆرەكنى قاپلاپ تۇرغان ياغ ئېرىپ تەدرىجىي ئورۇقلاش، بۆرەك ئورۇقلاپ كېتىش قاتارلىقلار بۆرەك مەنبەلىك باھ ئاجىزلىقىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىدىندۇر . قاتتىق روھىي بېسىمغا ئۇچراش ، باشقىلاردىن دائىم ئازار يېيىش ئۆز نۆۋىتىدە بۆرەككە ئېغىر يۈك بولۇپ قالىدۇدە نېرۋا خارەكتىرلىك بۆرەك ئاجىزلىقى يۈز بېرىپ ، ئاقىۋەت بۆرەك ئاجىزلىقىدىن كېلىپ چىققان باھ ئاجىزلىقى كېلىپ چىقىدۇ. دائىم دېگۈدەك ناچار تاماقلار بىلەن ئوزۇقلىنىش ، ھاراق –شارابنى كۆپ ئىچىش قاتارلىق سەۋەبلەردىنمۇ بۆرەك خارەكتىرلىك باھ ئاجىزلىقى كېلىپ چىقىدۇ . بۆرەكتىكى تاشلارنى ئېرىتكۈچى ۋە سۈيدۈك ھەيدىگۈچى دورىلارنى كۆپ ئىستىمال قىلىش سەۋەبلىكمۇ بۆرەك مەنبەلىك باھ ئاجىزلىقى كېلىپ چىقىدۇ .
    دېئابىت كېسەللىكىنىڭ سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ .
    دېئابىت كېسەللىكىدە قاندىكى قەنت مىقدارى يۇقىرى ، ئەمما ھۈجەيرە توقۇلما ئارىلىقىدا قەنتنىڭ مىقدارى تۆۋەن بولغاچقا ، بەدەننىڭ ھەر قايسى قىسىملىرىدىكى ئەزا ، توقۇلمىلار ، جۈملىدىن ئەرلەر جىنسىي ئەزالىرى يېتەرلىك مىقداردىكى قەنت بىلەن ئوزۇقلىنالماي، قۇۋۋەتلەر ئاجىزلاپ جىنسىي ئەزالارنىڭ خىزمىتى سۇستلىشىپ باھ ئاجىزلىقى كېلىپ چىقىدۇ.
    نېرۋا ئاجىزلىقىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
    نېرۋا ئاجىزلىقى سەۋەبىدىن جىنسىي ئەزالارنىڭ خىزمىتىنى باشقۇرغۇچى نېرۋىلارنىڭ خىزمىتى تەسىرگە ئۇچراپ ، جىنسىي غىدىقلىنىشنىڭ تۆۋەن بولۇشى ۋە جىنسىي ئىنكاسنىڭ سۇستلىشىشى نەتىجىسىدە باھ ئاجىزلىقى كېلىپ چىقىدۇ.
    جەلەقنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
    جەلەق (قولدا ئىشقاپ لەززەتلىنىش) ئەسەبىي كېسەللىكلەرگە تەۋە بولغان سالامەتلىككە زىيانلىق بولغان خۇمارداش خارەكتىرىدىكى بىر خىل كىسەللىك ياكى كېسەللىك ئالامىتى ،مېنىڭ قارىشىمدا؛ كېسەللىك ئالامىتى دېيىشتىن مۇراد شۇكى، بۇ ئىشقا كۆنۈپ قالغان بىمارلارنىڭ تولىسىدا مېڭە ، نېرۋا ئاجىزلىقى كۆرۈلىدۇ ، ۋە مىڭە ، نىرۋا كۈچەيتىلسە بۇ ئىشتىن ساقلىنالايدۇ . كۆپلىگەن كىتابلاردا ۋە تېۋىپلەرنىڭ قارىشىدا بۇ يەنىلا بىر خىل كىسەللىك. ياشلار بالاغەتكە يېتىش ئالدىدا ۋە بالاغەتكە يەتكەن ۋاقىتلاردا توغرا بولغان جىنسىي قاراش يېتىلدۈرمىگەنلىكى ، بۇزۇق ، ئەخلاقسىز كىشىلەرنىڭ ئۆگىتىشى ئارقىسىدا ياكى شۇ ئىشلارنى كۆرۈش ئارقىلىق ئۆگىنىپ قالىدىغان يامان سانىلىدىغان ئادەتنىڭ بىرىدۇر. بۇ ھەقتە باشقا يازمىلار بولغانلىقى سەۋەبلىك ۋە شۇنداقلا ئۆزىمىزمۇ ئايرىم توختالماقچى بولغانلىقىمىز ئۈچۈن جەلەق ھەققىدىكى بايانلىرىمىزنى مۇشۇ يەردە تۈگەللىمەكچىمىز.
    ھەر خىل زەھەرلىك ماددىلار ۋە دورىلارنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ . بۇ ھەقتە مېڭە كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن بولغان جىنسىي ئاجىزلىق تىمىسىدا ئېيتىپ ئۆتۈلگەچكە تەپسىلاتى ھەققىدە شۇ يەرگە قارالسۇن .
    ياش ئامىلىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
    ياش ئامىلىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ، پۈتۈن بەدەندە ماددا ئالمىشى سۇسلىشىپ ، بەدەن ئاجىزلايدۇ . بۇنىڭ بىلەن تەدرىجىي جىنسىي غىدىقلىنىش سۇستلىشىپ ، جىنسىي ئىنكاس تۆۋەنلەپ ، ئاخىرىدا باھ ئاجىزلىقى كېلىپ چىقىدۇ.
    روھىي ئامىلنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
    كۆپ غەم – ئەندىشە قىلىش ، مەشۇقىنىڭ ۋەسلىگە يېتەلمەسلىك ، تۈرلۈك سەۋەبلەردىن پەقەت جىنسىي مۇناسىۋەت قىلماسلىق ، تۇنجى قېتىملىق جىنسىي مۇناسىۋەتتە مەغلۇپ بولۇش ، ئايالى ياكى مەشۇقىدىن نەپرەتلىنىش ، ئايالىنىڭ شەخسىي تازىلىقىنىڭ ياخشى بولماسلىقى ۋە شۇنداقلا جەلپ قىلىش كۈچىنىڭ تۆۋەن بولۇشى ، بىر – بىرىگە كۆيۈنمەسلىك ، مۇھىت ياخشى بولماسلىق قاتارلىقلارمۇ باھ ئاجىزلىقىغا سەۋەبچى ئامىللاردىن سانىلىدۇ.
    ئاياللاردىن نەپرەتلىنىش، ئۆچلۈك سەۋەبلىرى بىلەن ئۇزۇن مۇددەت ئايالىدىن يېراقلىشىش ، سەسكىنىش ، ياكى ئايالىنى كۆپ ئاياش ، ياكى قورقۇش ۋە ياكى ئەيمىنىش قاتارلىق ئامىللار تۈپەيلىدىن ئايالىغا (بارا-بارا باشقا ئاياللارغىمۇ)نىسبەتەن كۆڭۈل يۈرگۈزمەسلىك كېلىپ چىقىدۇ .
    دۇنيالىق چۈشەنچىلىرى بىلەن ئەر – ئاياللىق مۇناسىۋەتلىرىن نەپرەتلىنىش قاتارلىقلارمۇ مەلۇم كىشىلەردە ۋاقىتلىق ياكى ئۆمۈرلۈك باھ ئاجىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن .
    تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
    Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
    新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
    ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 13999111547        ئىشخانا : 2848484 -0991
    شىركىتىمىز بىلەن قانۇنلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋەت ئورنۇتۇپ ياخشى ئىقتىسادىي قىممەتكە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.
    互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
    !تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ