كۆپىنچە ئايللار يۈزىگە مېۋە ،كۆكتاتلارنى چاپلار تېرىسىنى ياخشىلىماقچى بولىدۇ،ئۇلار مېۋە ۋە كۆكتات تاركىبىدە ۋىتامىن كۆپ،يۈزىگە چاپلىغاندا ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ ئىلمىي ئاساسى يوق،بۇنداق قىلىش بەزىدە ئەكىس تەسىر پەيدا قىلىدۇ.تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېيتىشىچە،مېۋە ۋە كۆكتاتكارنىڭ تېرە ئاسراشتا ئۈنۈمى بولسىمۇ يۈزگە بىۋاستە چاپلىغاندا ئەكىس تەسىر پەيدا قىلىدىكەن. ۋىتامىن c نىڭ تېرە ئاقارتىش ئۈنۈمى بولسىمۇ، مېۋە ۋە كۆكتاتلارنى يۈزگە بىۋاستە چاپلىسا،تېرە قارىداپ قېلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. شۇڭا ئەڭ ياخشى تېرە ئاسراش ئۈنۈمىگە ئېرىشىش ئۈچۈن،ۋىتامىن c مول بولغان مېۋە،كۆكتاتلارنى كۆپرەك يەپ بەرگەندىن سىرت يەنە تۈرلۈك مېۋە تەركىبلىك گىرىم سۈيى ۋە تېرە ئاسراش مايلىرىنى ئىشلەتكەن تۈزۈك.