|
|
|
ئۇسسۇلۇق ئىچىشتە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار |
يوللىغان ۋاقىت:2011-05-17 ئاۋاتلىقى:792 |
|
|
|
قەرەللىك ئۇسسۇزلۇق ئىچىپ تۇرۇڭ، ئۇسسىغانلىقىڭىزنى ھېس قىلغاندا ئۇسسۇزلۇق ئىچسىڭىز كېچىككەن بولىسىز. كىشىلەر، ئادەتتە، ئۇسسىغانلىقىنى ھېس قىلغاندا ئاندىن ئۇسسۇلۇق ئىچىدۇ، لېكىن ئۇسسىغانلىقىنى ھېس قىلغان ۋاقىتتا بەدەندىكى سۇ تەركىبلىرىنىڭ تەڭپۇڭلۇقى يوقالغان بولىدۇ، قىسمەن ھۈجەيرىلەر ئاللىبۇرۇن سۇسىزلانغان بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئۇسسۇزلۇق ئىچىش ‹‹ئامالسىزلىقتىن ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇش›› بولىدۇ، ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن بەدەندە بىر خىل يوشۇرۇن سۇ كەمچىل بولۇش ھالىتى كۆرۈلىدۇ، بۇ بەدەننىڭ نورمال ماددا ئالماشتۇرۇشىغا پايدىسىز. قەرەللىك ئۇسسۇزلۇق ئىچىش دېگەنلىك ئۇسسىغانلىقىڭىزنى ھېس قىلغىچە ساقلىماي، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇسسۇزلۇق ئىچىپ، سۇ تەركىبلىرىنى تولۇقلاپ تۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇسسۇزلۇق ئىچىپ تۇرغاندا، بەدەندە ئۇسساش تۇيغۇسى شەكىللەنمەيدۇ، بۇ بەدەن ئورگانىزملىرىنىڭ نورمال ماددا ئالماشتۇرۇشىغا پايدىلىق بولۇپلا قالماي، يەنە ئەزالارنىڭ ئىقتىدارىنى ياخشىلاپ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. قەرەللىك ئۇسسۇزلۇق ئىچىش. چوڭلار ھەر كۈنى يېمەكلىكتىكى سۇ تەركىبلىرىدىن سىرت، 1200 – 1500 مىللىلىتىر سۇ ئىچىشى زۆرۈر، ياشانغانلار ھەر كۈنى تولۇقلايدىغان سۇ مىقدارىنى 1500 مىللىلىتىر ئەتراپىدا كونترول قىلىشى كېرەك. يازدا تولۇقلايدىغان سۇنىڭ مىقدارىنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇش كېرەك، نورمال ئادەملەرنىڭ يازدىكى تەر مىقدارى 1000 مىللىلىتىر ئەتراپىدا بولىدۇ، ئەگەر يۇقىرى تېمپېراتۇرا شارائىتىدا نىسبەتەن كۈچلۈكرەك جىسمانىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغاندا، تەر چىقىرىش مىقدارى 8000 مىللىلىتىرغا يېتىدۇ، بۇ ۋاقىتتا سۇ تەركىبلىرىنى تولۇقلاش زۆرۈر، ئۇنىڭدىن باشقا تەر سۇيۇقلۇقىنىڭ بەدەن سىرتىغا چىقىپ كېتىشىگە ئەگىشىپ يوقالغان ئانئورگانىك تۇزلارنى تولۇقلاش ئۈچۈن، سۇ تەركىبلىرىنى تولۇقلاش بىلەن بىللە، مۇۋاپىق مىقداردا مېۋە – چېۋە ۋە شورپا تۈرىدىكىلەرنى ئىستېمال قىلىپ، سۇ ئېلېكترولىت تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش كېرەك. ئىلمىي سۇ ئىچىش. بىرىنچى، بىر قېتىمدا زىيادە سۇ ئىچىۋالماسلىق كېرەك(بۇ بىر قېتىمدىكى سۇنىڭ مىقدارىنىڭ 500 مىللىلىتىردىن ئېشىپ كېتىشىنى كۆرسىتىدۇ)، بۇنداق سۇنى بىر قېتىمدىلا ئىچكەندە، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنى تەسىرگە ئۇچرىتىپلا قالماي، يەنە يۈرەك، بۆرەكنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ؛ ئىككىنچى، ئارقا – ئارقىدىن ئىككى قېتىم سۇ ئىچىش ئارقىلىق ‹‹ئۇسسۇزلۇقنى بېسىش››تىن ساقلىنىش كېرەك، چۈنكى بۇنداق ئەھۋالدا بەدەننىڭ سۇ تەركىبلىرىنى ئۈنۈملۈك سۈمۈرۈشىگە ۋە سۇ تەركىبلىرىدىن پايدىلىنىشىغا تەسىر يېتىدۇ – دە، بەدەندىكى سۇ تەركىبلىرى كەمچىل بولۇش ئەھۋالىنى ھەل قىلىشتا ئۇنىڭ رولى كۆرۈنەرلىك بولمايدۇ. ئەتىگەندە سۇ ئىچىش. كېچىسى ئۇخلىغاندا ئورگانىزملاردا سۇ تەركىبلىرى ئازىيىپ، قاننىڭ قويۇقلۇقى ئاشىدۇ، قان ئايلىنىش ئاستا بولىدۇ، بۇ بەدەندىكى مېتابولىتلارنىڭ يىغىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەتىگەندە ئىچكەن سۇ قۇرۇقدىلىپ قالغان ئاشقازان، ئۈچەي يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، يېپىشقاقلىقىنى تۆۋەنلىتىدۇ، قاننىڭ ساپلىقىنى ئاشۇرىدۇ، قان تومۇرلىرىنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ياخشىلايدۇ، كېڭىيىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، قان ئايلىنىشنى تېزلىتىدۇ، بولۇپمۇ يۇقىرى قان بېسىمى، مېڭە تىقىلمىسى قاتارلىق كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئەتىگەندە سۇ ئىچكەندە قەۋزىيەت بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. تاماقتىن بىر سائەت ئىلگىرى سۇ ئىچىش. بۇ ۋاقىتتا مۇۋاپىق (100 – 150 مىللىلىتىر) سۇ تولۇقلاپ بېرىلسە، بۇ سۇ ئاشقازاندا مەلۇم ۋاقىت تۇرغاندىن كېيىن، قاننىڭ ھەرىكىتىگە ئەگىشىپ، پۈتۈن بەدەندىكى توقۇلمىلارغىچە بارىدۇ، تاماق يېگەن ۋاقىتتا، بەدەندىكى بۇ سۇيۇقلۇق ئارقىلىق ھەزىم قىلىش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. ئىچىدىغان سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى كونترول قىلىش. سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى زىيادە يۇقىرى ياكى زىيادە تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك. زىيادە قىزىق چاي ۋە قىزىق تاماقلار ھەزىم قىلىش يولى راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، زىيادە سوغۇق سۇ ئاشقازان، ئۈچەي يولىنىڭ تارتىشىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، قايناق سۇ سوۋۇپ 20 ~ 25 گىرادۇسقا چۈشكەندە ئىچىش كېرەك. قاينىتىلمىغان سۇنى(سوغۇق سۇ) ئىچمەسلىك كېرەك. بىر تەرەپ قىلىنمىغان سۇدا خىلور گازى، باكتېرىيە، قۇرت تۇخۇملىرى، قالدۇق ئورگانىك ماددا قاتارلىقلار بولۇپ، بۇلارنىڭ يوشۇرۇن خەۋپى زور، بۇ تېز خاراكتېرلىك ئاشقازان، ئۈچەي يەللىكى ۋە قىسمەن تارقىلىشچان كېسەللەرنى پەيدا قىلىدۇ. ئۇزاق تۇرۇپ قالغان سۇنى ئىچمەسلىك كېرەك. قايناق سۇ تۆت سائەتتىن كۆپرەك ئوچۇق ھالەتتە تۇرغاندا، گازلار ئاسانلا ئېرىپ ئۇنىڭغا سىڭىپ كىرىدۇ، بىيوئاكتىپلىق دەرىجىسى %70 تىن كۆپرەك تۆۋەنلەيدۇ، باكتېرىيەلىك ئارىلاشمىلار ئاسانلا بۇلغىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا، ئۆيدە ئۈچ كۈن ئۇرغان سۇنىڭ ھەر لىتىرىدا 0.914 مىللىگىرام راك پەيدا قىلغۇچى نىترىتوئىد شەكىللىنىدۇ، يەنە قاننىڭ ئوكسىگېن سۈمۈرۈش ئىقتىدارىنى چەكلىمىگە ئۇچرىتىدۇ؛ چايداندىكى چاي داغلىرى كالتسىي كاربوناتنى ئاساس قىلغان كۆپ خىل ئېغىر مېتاللار ۋە تۇز تۈرلىرى بىرىكمىلىرى بولۇپ، ئۇنىڭدىكى كادمىي، قوغۇشۇن، ئارسېن قاتارلىق تەركىبلەر بەدەنگە زىيانلىق ئېلېمېنتلاردۇر. قايتا قاينىتىلغان سۇنى ئىچمەسلىك كېرەك. ئۇزاق قاينىتىلغان قايناق سۇ ۋە قايناتقۇچتا قايتا – قايتا قاينىتىلغان قايناق سۇدا كالتسىي، ماگنىي قاتارلىق ئېغىر مېتاللارنىڭ تەركىبلىرى ئېشىپ كېتىدۇ، ئەگەر بۇنداق سۇنى ئۇزاق مەزگىل ئىچكەندە، ئاشقازان، ئۈچەي ئىقتىدارىنى تەسىرگە ئۇچرىتىپ، ئىچ سۈرۈش، قورساق كۆپۈش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەم بۇنداق سۇ تەركىبىدىكى نىترات تۇزلىرى راك پەيدا قىلغۇچى نىترىتوئىدقا ئۆزگىرىپ، سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزىدۇ.
|
|
|
|