ئىنسان چوڭ مېڭىسىنىڭ ئېغىرلىقى ھەققىدە گەپ باشلانسا، بەزىلەرنىڭ ‹‹ئادەم قانچە ئەقىللىق بولسا، چوڭ مېڭىسى شۇنچە ئېغىر بولىدۇ›› دەيدىغانلىقى يادىمىزغا كېلىدۇ. ئادەتتە يېتىلگەن ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ ئېغىرلىقى 1200 گىرامدىن 1500گىرامغىچە بولىدۇ، باش يوغان بولسا، چوڭ مېڭىنىڭ سىغىمچانلىقى نىسپەتەن چوڭ بولىدۇ، ئادەتتە بۇنداق چوڭ مېڭىمۇ ئېغىر بولىدۇ؛ بىراق باشنىڭ چوڭ – كىچىكلىكى بىلەن چوڭ مېڭىنىڭ ئېغىرلىقى ئادەمگە بېقىپ پەرقلىق بولىدۇ، پۈتۈنلەي مۇتلەق بولۇپ كېتىشى ناتايىن. مەسىلەن: تارىختىكى چوڭ مېڭىسى ئەڭ ئېغىر مەشھۇر كىشى رۇسىيەلىك يازغۇچى شولو خوۋ بولۇپ، چوڭ مېڭىسنىڭ ئېغىرلىقى 2012 گىرام؛ ئەنگىلىيەلىك سىياسىيون كېلوۋېرنىڭ 2000 گىرام؛ گېرمانىيەلىك سىياسىيون بېسماركىنىڭ 1807گىرام، گېرمانيەلىك پەيلاسوپ كانتنىڭ 1650گىرام ئىكەنلىكى ئايان بولغان. ئەكىسچە چوڭ مېڭىسى يېنىك مەشھۇر كىشىلەرمۇ بولغان، گېرمانىيەلىك خېمىگ بېنسىن، ئۇنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ ئېغىرلىقى ئاران 1295 گىرام كەلگە؛ فىرانسىيەلىك ئەدەبىيات تەنقىدچىسى فىرانسىنىڭ پەقەت 1017 گىرام كېلدىغان بولۇپ، گەرچە ئۇلارنىڭ چوڭ مېڭىسى يېنىك بولسىمۇ، ئەمما ھەر ئىككىسى ئوخشاشلا ئالاھىدە يۇقىرى ئەقەلىي ئىقتىدارغا ئىگە شەخسلەردىن ئىدى. ئەمدى بىر ھايۋاننىڭ چوڭ مېڭە ئېغىرلىقىغا قاراپ باقايلى: پىلنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ ئېغىرلىقى 4700 گىرام كېلىدۇ، ئىنساننىڭكىدىن تەخمىنەن 3.3 ھەسسە چوڭ؛ ئاكۇلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ ئېغىرلىقى 9000گىرامدىن ئارتۇق، ئىنساننىڭكىدىن ئالتە ھەسسىسىدىن يەتتە ھەسسىسىگىچە چوڭ. ئەمما مەيلى پىل بولسۇن ياكى ئاكۇلار بولسۇن، ئۇلارنىڭ ئەقەلىي كۈچى ئىنساننىڭدىن نەچچە ھەسسە كۈچلۈك ئەمەس، شۇڭا چوڭ مېڭىنىڭ چوڭ- كېچىكلىكى ۋە ئېغىر- يېنىكلىكىگە قاراپلا، بىر ئادەمنىڭ ئەقىللىق ياكى ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم قىلغىلى بولمايدۇ.
|