چوكا كىچىك نەرسە بولسىمۇ ، لېكىن ئۇنىڭ ساغلاملىقتا تۇتقان ئورنى ناھايىتى مۇھىم. ئۇ غىزالىنىشمىزدا كەم بولسا بولمايدىغان بۇيۇم، شۇڭا چوكىنى تاللاش، يۇيۇش ياكى ساقلاش مۇۋاپىق بولمىسا، ساغلاملىقىمىزغا يوشۇرۇن خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ. چوكا تاللاشتا ئەڭ ياخشىسى قۇمۇش چوكىنى ئىشلەتكەن ياخشى. بۇنداق چوكىنىڭ ماتېرىيالى تەبىئىي، شەكلى ئاسان ئۆزگىرىپ كەتمەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە باھاسىمۇ مۇۋاپىق. مۇھىت ئاسراش نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، قۇمۇشنىڭ ئۆسۈشى باشقا دەل – دەرەخلەرنىڭكىدىن قىسقا، مۇھىت ئاسراشقا پايدىلىق. پىلاستىك ماتېرىيالدىن ياسالغان چوكا ئىسسقتا شەكلى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ، شۇنداقلا يەنە ئاسانلا زىيانلىق ماددا ھاسىل قىلىدۇ؛ سۆڭەكتىن ياسالغان چوكىلارنىڭ رەڭگى ئاسان ئۆزگىرىدۇ، باھاسىمۇ قىممەت؛ كۈمۈش ياكى دات باسماس ماتېرىيالدىن ياسالغان چوكىلار ئېغىر، ئىشلىتىش قولايسىز، ئىسسقلىق ئۆتكۈزۈشچان بولۇپ، ئىشلىتىش جەريانىدا ئادەمگە ئاۋارىچىلىك تۇغدۇرىدۇ؛ ئادەتتىكى ياغاچ چوكىلارنى قۇمۇچ چوكىغا سېلىشتۇرغاندا، چىرىشتىن ساقلىنىشى قۇمۇشقا يەتمەيدۇ، مۇھىت ئاسراشقىمۇ پايدىسىز. چوكا سېتىۋالغاندا، چوقۇم رەڭگىنىڭ تەبىئىي بولۇشىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. رەڭلىك چوكىلار سىرلانغان بولغاچقا، ئىشلىتىش جەريانىدا ئادەم ئۇنىڭدىكى سىرنى يېمەكلىك بىلەن قوشۇپ يەۋالغاچقا سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزىدۇ. چوكىنى ئىشلىتىپ بولۇپ پاكىز يۇيغاندىن كېيىن، قۇرۇق دەسمال بىلەن سۈرتۈپ قۇرۇتۇپقويۇش كېرەك. شارائىت يار بەرسە دېزىنفېكسىيەلەش ئىشكاپىغا سېلىپ دېزىنفېكسىيە قىلىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە مېتال ياكى پىلاستىك چوكىدىن باشقا چوكىنى ئۇزۇن مۇددەت ئىشلەتكەندە، سىرتقى قىسىمدا باكتېرىيە ۋە تازىلاش سۇيۇقلۇقىنىڭ قالدۇقلىرى قالىدۇ، شۇڭا چوكىنى يېرىم يىلدا بىر يېڭىلاپ تۇرۇش كېرەك.
|