بىر قىسىم دۆلەتلەردىكى دوختۇرخانىلار كېسەللەر ئۈچۈن ‹‹شېئىرلار توپلىمى بىلەن داۋالاش››نى يولغا قويغان. مەسىلەن، ئىتالىيەدىكى ‹‹شېئىر››دورا چەكلىك شىركىتى ھەرخىل شېئىرلار توپلىمىنى نەشىر قىلغان بولۇپ، كېسەللەرنىڭ تاللىشىغا سۇنغان. دۆلىتىمىزدە كىشىلەر شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش ئارقىلىق كۈتۈنۈشنى خېلى بۇرۇن تونۇپ كەتكەن ھەمدە ئەمەلىيەتتە سىناق قىلغان. ھازىر تېببىي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، شېئىر دېكلاماتسىيە قىلغاندا ئېغىر بوشلۇقى ھەرىكەتلىنىپلا قالماي، ھەرقايسى ئەزالار ھەرىكەتلىنىدىكەن، چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتى غىدىقلىنىش ۋە تورمۇزلىنىش جەريانىدا تەڭپۇڭلىشىدىكەن، قان ئايلىنىش، ماددا ئالمىشىش تېزلىشىپ، ئەڭ مۇھىم بولغان ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىمۇ كۈچىيىپ، جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىق ئىلگىرى سۈرۈلىدىكەن.
|