يازكۈنى ھاۋا بەك ئىسسىپ كەتسە، بەدەندە ئاسانلا ئىسسىقلىق ئۆرلەپ كېتىدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا ئىسسىقلىق ئۆرلەپ كەتكەن جاينى ئىلمان سۇدا پاكىز يۇيىۋېتىپ، چىش پاستىسىدىن ئازراق سۈركەپ قويسىڭىزلا بولىدۇ. دورىلىقتا ئىشلىتىلىدىغان تىرىق ئوت ياكى جۈخار گۈلىنى سۇغا چىلاپ، لۆڭگىنى ھۆل قىلىپ كۆز ئەتراپىغا 10 – 15 مىنۇت تەگكۈزۈپ بەرسە، كۆز چارچاشنى پەسەيتىدۇ. ھاجەتخانىغا بىر ئىستاكان ئاچچىقسۇنى قويۇپ قويسا، ھاجەتخانا بىر ھەپتىگىچە ھەر خىل پۇراقتىن خالىي بولىدۇ. تاسما بېلىقنى يۇيۇپ تازىلاشتىن بۇرۇن سودا سۈيىگە چىلاپ قويسا، تاسما بېلىقنى ھەم پاكىز يۇغىلى، ھەم پۇراقنى يوقاتقىلى بولىدۇ. مومىنى ياغدا پىشۇرۇپ يېمەكچى بولسىڭىز، ئاۋۋال مومىنى ئۇشتۇپ، سۇدا ئازراق ھۆلدىۋېتىپ ياغقا سالسىڭىز، موما ھەم يېيىشلىك، ھەم چۈرۈك بولىدۇ، ياغمۇ تېجىلىدۇ. پادىچىلار ئىشتىنىنى تۇز سۈيىگە 12 سائەت چىلاپ قويغاندىن كېيىن، پاكىز سۇدا چايقىۋەتسە، رەڭگى ئۆڭمەيدۇ. پاكىز تازىلانغان بېلىقنى سۈتكە چىلىۋېتىپ، ئاندىن ئازراق ئۇن سېپىۋېتىپ ياغدا پىشۇرسا، ناھايىتى يېيىشلىك بولىدۇ. قول سائەتنىڭ ئىچىگە سۇ كىرىپ كەتسە، سىلىتسىيلىق يېلىم (بىر خىل دانچە شەكىللىك ماددا) نى ھىم يېپىلىدىغان قاچىنىڭ ئىچىگە سائەت بىلەن قوشۇپ سېلىپ قويسا، بىر نەچچە سائەتتىن كېيىن سۇ يوقايدۇ.
|