نۇرغۇن ئادەم بېشى قايسىلا ‹‹ كەم قانلىق كېسىلى ›› بولۇپ قالغان ئوخشايمەن دەپ ئويلايدۇ-دە ، دەرھال يۇقىرى دەرىجىىلىك قان تولۇقلايدىغان دورىلارنى سېتىۋالىدۇ . ئەمەلىيەتتە باش قېيىشنىڭ سەۋەپلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ ، كەم قانلىق كېسىلى بولمىغان كىشىلەر ئەگەر ئۇزۇن مۇددەت قان تولۇقلىسا ، بەدەندىكى ئەزالارغا زىيان يەتكۈزىدۇ . مېڭىگە قان يېتىشمەسلىكمۇ باش قېيىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . مېڭىگە قان يېتىشمەسلىكمۇ باش قېيىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . مېڭىگە قان يېتىشمەسلىك بىلەن كەم قانلىقنىڭ پەرقى بار . گەرچە ھەممىسى باش قېيىشنى كەلتۈرۈپ چىقارسىمۇ ، لېكىن باش قېيىشنىڭ ئالامەتلىرى ئوخشىمايدۇ . كەم قانلىق كەلتۈرۈپ چىقارغان باش قېيىش بولسا ئۇدا بولىدىغان ھەمدە چىرايى تاتراڭغۇ بەدىنى ماغدۇرسىزلىنىدىغان ، ھەرىكەت قىلغاندا ئالامەتلىرى تېخىمۇ ئېنىق بولىدىغان بولۇپ ، كۆزنىڭ بېرىكتۈرگۈچى پەردىسى ئاقىرىپ كەتتىمۇ – يوق ؟ بۇنى بىلىپ ئاندىن قان تەكشۈرتۈش كېرەك . ئەگەر قان قىزىل ئاقسىلى ، قىزىل ھۈجەيرىنىڭ ھەجىمى قاتارلىق تۈرلەر تۆۋەن بولسا ، كەم قانلىق بولغانلىقىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا بولىدۇ . بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار ھايۋانات جىگىرى ياكى ھايۋانات قېنى ئارقىلىق قان تولۇقلىسا بولىدۇ .ئەكىسچە مېڭىگە قان يېتىشمەسلىكتىن كېلىپ چېققان باش قېيىشنىڭ كېسەللىك ئالامىتى ئادەتتە نىسبەتەن ئېغىر بولۇپ ، نەرسىلەرنى كۆرگەندە ئايلىنىپ قالىدۇ ، كۆڭلى ئېلىشىش قۇسۇش ئەھۋاللىرى كېلىپ چىقدۇ . ئوتتۇرا ياشلىق كېشىلەردە دائىم بېشى ئېغىرلىشىش مېڭىسى ئوچۇق بولماسلىق ، زەردىسى قايناش ، دىققىتىنى يىغالماسلىق قاتارلىق باش قىيىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ ، بۇ، خىزمەت بېسىمى ئېغىر ، بەرداشلىق بېرىش كۈچى نىسبەتەن ئاجىز بولغان كىشلەردە كۆپ كۆرۈلىدۇ . ئادەتتە قان تولۇقلايدىغان دورىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىسسىققا مايىل خاراكتېرلىك ، ئەگەر قارىغۇلارچە قان تولۇقلىغاندا كېسەللىك ئالامىتى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كىتىدۇ .
|