تۇنۇش
يۇرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى-تاجىسىمان ئارتىريەكىسەللىك ئۆزگىرىشى ئاساسىدا تاجىسىمان ئارتىريەنىڭ قان بىلەن تەمىنلىشى تۇيۇقسىز ئازلاش ياكى ئۇزۇلۇپ قېلىشى يۇزبىرىش ماس ھالدىكى يۇرەك مۇسكۇل ھۇجەيرىلىرى ئېغىزھەم ئۇزاق ۋاقىت قان يىتىشمەسلىك سەۋەبىدىن يۇرەك مۇسكۇل ھۇجەيرىلىرى نىكروزلىنىپ كىلىنكىدا كۆكرەك ئاغىرىش،شۇك،يۇرەك خىزمىتى تۇلۇق بولماسلىق بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت.
سەۋەبى
تاجىسىمان ئارتىريەدە سوددا پەيدا بۇلۇش،ھاۋا شارچىسى،قان تۇمۇر ياللۇغى، داۋالاش جەريانىدا قان تۇمۇر ئىچىدىن تۆكۇلۇپ چۇشكەن ماددىلارنەڭ كەپلىشىشى.
تاجىسىمان ئارتىريە تارىيىش. غەلىزبەلغەم،سەۋدا ماددىسى ئارتىپ كىتپ قان تۇمۇر دىۋارىغا چۆكىۋىلىش چوڭ قاناش،سۇيۇقۇتۇش،ھەرخىل سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن كىلىپ چىققان يۇرەك رېتىمسىزلىقى يۇرەكنىڭ قان سىقىپ چىقىرىش مىقدارى تۇۋەنلەش ئوپىراتسىيە قاتارلىقلاردىن يۇرەكنىڭ قان بىلەن تەمىنلىشى يىتەرلىك بولماسلىق،ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك،روھى جىددىيلىك،زىيادە قوزغىلىش، ئاچچىقلىنىش قاتارلىقلاردىن كەتتۇرۇپ چىقىرىدۇ.
ئالامىتى
2- تاجىسىمان ئارتىريەنىڭ توسۇلۇش ئۇرنى،تارىيىش دەرجىسى،قان ۋە ئوكسىگىن يىتىشمەسلىكنىڭ دەرىجىسىگە ئاساسەن ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ.
3- دەسلەپكى ئالامىتى:%71.2_%51 گىچىلىك بىمارلاردا دەسلەپكى دەۋىرلىك ئالامەت بۇلۇپ،چارچاش،ماغدۇرسىزلىق،تەرلەش،قىزتىش،ئىئارامسىزلىق،تۆش سۇڭەك ئارقىسىدا ئاغرىش، يۇرەك خىزنىتى تۇلۇق بولماسلىق،قان تەكشۇرگەندە يۇرەك مۇسكۇل خىزمىتى كۆپۇيۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا دائىم دىگۇدەك تۇۋەنكى ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ.
4- ئاغىرىش( يۇرەك سانجىقى) كۆپ ساندىكىلەردە تۆش سۇڭەك ئارقىسى ۋە يۇرەك ئالدى رايۇنىدا ئاغىرىش بۇلىدۇ،ئاغىرىش ۋاختى بىرقەدەر ئۇزۇن بۇلۇپ 3-4 سائەت ئەتىراپىدا بۇلىدۇ،بىرقىسىم بىمارلاردا ئاغىرىش تىپىك بولمايدۇ،(%17-%10) پەقەت دەسلەپكى دەۋىرىدە يۇرەك خىزمىتى تۇلىق بولماسلىق ۋە شوك پەيدا بولىدۇ.
5- قىزىش: كۆپۇنچە بىمارلاردا 24سائەت ئىچىدە پەيدا بۇلىدۇ،بىر قىسىم بىمارلاردا 3-4 كۇن ئىچىدە بۇلىدۇ،كۆپ قىسىم بىمارلاردا 38 سىلسىيەگىرىدۇس ئەتىراپىدا بۇلىدۇ،بىر قىسىملاردا 40-39 سىلسىيەگىرادوس ھەتتا 40 سىلسىيەگىرەدوسدىن يۇقىرى بۇلىشىمۇ مۇمكىن،ئۇنىڭدىن باشقا بىماردا ماغدۇرسىشلىنىش روھى كەيپىياتى جىددىيلىشىش،چىرايى تاتىرىش ئالامەتلىرىمۇ بۇلىدۇ.
6- قان بېسىمىدا ئۆزگىرىش بۇلىدۇ. يۇرەك سانجىقى تۇتقان مەزگىلدە قان بېسىمى ئۆرلەيدۇ،يۇرەك مۇسكۇل تىقىلما دائىرسى كەڭىيىپ يۇرەك مۇسكۇل زەخمىلىنىش ئېغىرلاشقاندا قان بېسىمى تۇۋەنلەيدۇ.
يۇرەك زەئىپلىشىش: سول يۇرەك زەئىپلىشىش ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ،ۋە سول يۇرەك زەئىپلىشىشنىڭ ئالامەتلىرى بىرنىلا پەيدا قىلىدۇ. مەسىلەن: نەپەس قىينىلىش،يۇرەك رېتىمسىزلىقى،كۆكىرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ،
شۆك: يۇرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىنىڭ ئاخىرىقى دەۋىرىدە كۇرىلىدۇ،يەنى يۇرەكنىڭ قان سىقىپ چىقىرىش مىقدارى تۇۋەنلەش،قان بېسىم چۇشۇپ كىتىش،شۇك بۇلۇش كىلىپ چىقىدۇ، بىرقىسىم بىمارلادا دەسلەپكى دەۋىردىلا شۇك پەيدا بۇلىدۇ، قان بېسىمى mm 800دىن تۇۋەن بۇلىدۇ.
1- 1- بەدەن بەلگۇلىرى.
2- يۇرەكنىڭ بوغۇق تاۋۇش چىگىرىسى ئوتتىراھال دەرىجىدە چوڭىيىدۇ،يۇرەك رېتىمى تىزلىشىدۇ ئازبىرقىسىم بىمارلاردا ئاستىلايدۇ،يۇرەك ئۇچچى رايۇنىدا بىرىنچى يۇرەك تاۋۇشى ئەجىزلايدۇ.
قان بېسىمى: دەسلەپكى مەزگىلىدە قان بېسىمى يۇقىرلىغاندىن باشقا ۋاقىتلاردا قان بېسىمى چۇشۇپ كىتىدۇ،ئىلگىرى يۇقىرى قان بېسىم بىلەن ئاغىرغۇچىلاردا نۇرمال بۇلۇشى مۇمكىن،قان بېسىمى كىسەل بۇلۇشتىن ئىلگىركى ھالەتكە يىتەلمەيدۇ.
ئېغىرلىشىپ ئاخرىقى دەۋىرىگە كەلگەندە بىماردا يۇرەك زەئىپلىشىش شوكنىڭ بەدەن بەلگىلىرى كۇرىلىدۇ.
داۋالاش پىرىنسىپى:
كىسەل جىددى قوزغالغان مەزگىلدە ئالامىتىگە ئاساسەن چارە قىلىنىدۇ. ئاساسلىقى يۇرەك تاجىسىمان ئارتىرىيەنى يۇرەككە قان ۋە ھاۋا يەتكۇزۇشنى ئىلگىرى سۇرۇش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
يەككە دورىلار بىلەن داۋالاش
1-رىتسىپ:
قىزىلگۇل،بادىرەنجى بۇيا،يۇمغاقسۇت ئۇرۇغى، سەندەل، بىدىمىشكى ئىككى چىمدىمدىن.
تەييارلىنىشى:چالا سوقۇپ چايلىق تەييارلىنىدۇ.
شىپالىق رولى:يۇرەكنى كۇچەيتىپ يۇرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىنى داۋالايدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:مۇۋاپىق مىقتاردا ئېلىپ قايناقسۇغا دەملەپ ئىچىلىدۇ.
2-رىتسىپ:
تەمرى ھىندى 10دانە، ئامۇت قېقى 5دانە، ئەينالۇ 15دانە.
تەييارلاش ئۇسۇلى:دورىلارنى بىر چىنە ئاچچىقسۇدا بىر كىچە چىلاپ تەييارلىنىدۇ.
شىپالىق رولى:يۇرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىغا شىپا بولىدۇ.
ئىشلىتش ئۇسۇلى:ھەر قېتىملىق تامىقىغا بىر قۇشۇقتىن ئاچچىقسۇ قۇيۇپ ئىستىمال قىلىنىدۇ.
3-رىتسىپ:
ئارپا بىر پىيالە، ناۋات ياڭاق چوڭلىقىدا.
تەييارلاش ئۇسۇلى:ئارپىنى بىر چىنە سۇدا قاينىتىپ ناۋاتنى سېلىپ تەييارلىنىدۇ.
شىپالىق رولى:كېچىسى يۇرەك ئېغىش،يۇرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىنى داۋالايدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:يېتىشتىن ئاۋال ئىككى قۇشۇق ئىشكۇزىلىدۇ.
4-رىتسىپ:
قاپاق يېغى،گاۋزىبان،بەزىرۇل بەنجى مۇۋاپىق مىقتاردا.
تەييارلىنىشى:گاۋزىبان، بەزىرۇل بەنجىنى سوقۇپ قاپاق يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ مەلھەم تەييارلىنىدۇ.
شىپالىق رولى:يۇرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىغا شىپا بولىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:يۇرەك ئۇدۇلىغا چېپىلىدۇ.
5-رىتسىپ:
بىيە ئۇرىغى بىر چاڭگال ،ئىسپىغۇل بىر سىقىم، ئىكلىمىلىك بىر چاڭگال.
تەييارلىنىشى :دورىلارنى قايناقسۇغا دەملەپ لوئابىنى ئېلىپ يېرىم پىيالە ساپ قېتىققا ئارىلاشتۇرۇپ مەلھەم قىلىنىدۇ.
شىپالىق رولى:يۇرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىغا شىپا بولىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:يۇرەك ساھەسىگە چېپىلىدۇ.
6-رىتسىپ:
قوناق ئۇنى، گۇرۇچ مۇۋاپىق مىقتاردا.
تەييارلىنىشى:قوناق ئۇنىنى مۇۋاپىق مىقتاردىكى سوغاق سۇغا چېلىپ،گۇرۇشنى قازانغا سېلىپ سۇدا قايناتقاندىن كېيىن سوغۇق سۇغا چىلانغان قوناق ئۇنىنى ئارىلاشتۇرۇپ بىرگە قاينىتىپ بوتقا تەييارلىنىدۇ.
شىپالىق رولى:تاجىسىمان ئارتىيىنىڭ بوتقىسمان قېتىشش خاراكتېرلىك يۇرەك كېسەللىكى، يۇرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى، قان ئايلىنىشنىڭ ياخشى بولماسلىقىغا شىپا بولىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:مۇۋاپىق مىقتاردا ئىستىمال قىلىنىدۇ.
7-رىتسىپ:
ئاق سەندەل ، كاسىنە ئۇرىغى10گىرامدىن. قىزىلگۇل 6گىرام، رەۋەن ئۇسارىسى 5گىرام.ناۋات 50گىرام، سىركە 100مىللىلىتىر، قايناقسۇ 300مىللىلىتىر.
تەييارلىنىشى:دورىلارنى چالا سوقۇپ قايناقسۇغا 4سائەت چىلاپ قاينىتىپ تىرىپلىرىنى سۇزۇۋىتىپ سۇيىگە سىركە بىلەن ناۋاتنى سېلىپ بىر ئۆرلىتىپ ئاخىرىدا رەۋەن ئۇسارىسىنى تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
شىپالىق رولى:يۇرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىغا شىپا بولىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:كۇندە 3قېتىم ھەر قېتىمدا 30-50مىللىتىردىن تاماقتىن كېيىن ئىستىمال قىلىنىدۇ.
8-رىتسىپ:
بىنەپشە 60گىرام، ئاق سەندەل 15گىرام،ئەپتىمون1گىرام، ئاق لەيلى ئۇرىغى 60گىرام، بىيە ئۇرىغى ،ئىسپىغۇل 15گىرامدىن، تۇخۇم ئېقى مۇۋاپىق مىقتاردا.
تەييارلىنىشى:دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ بىھە ئۇرىغى لوئابى،ئىسپىغۇل لوئابى ۋە تۇخۇم ئېقى بىلەن يۇغۇرۇپ زىماد تەييارلىنىدۇ.
شىپالىق رولى:قىزىتما پەسەيتىدۇ، يۇرەك مۇسكۇلى زەخمىلىنىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:يۇرەك ساھەسىگە چېپىلىدۇ.
9-رىتسىپ:
تاۋۇز سۇيى، ئاپلىسىن سۇيى 10مىللىلىتىردىن.سىركە 50مىللىلىتىر.
تەييارلىنىشى:مېۋىلەر سۇيىگە سىركىنى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
شىپالىق رولى:قىزىتما پەسەيتىدۇ، توسالغۇلارنى ئاچىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:ئىككىگە بۆلۇپ ئەتىگەن كەچتە ئىستىمال قىلىنىدۇ.
10-رىتسىپ:
قۇستە يېغى 30مىللىلىتىر، سوقۇلغان زىرە ،سېرىق چىچەك ئۇرىغى،ھىندىۋانە ئۇرىغى ھەربىرى 30گىرامدىن. بىنەپشە يېغى 15مىللىلىتىر.
تەييارلاش ئۇسۇلى :دورىلارنى ئۆلچەم بويىچە ئېلىپ چالا سوقۇپ سۇدا قاينىتىپ خېمىر قىلىپ ياغلار ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
شىپالى رولى:ئاغرىق پەسەيتىدۇ، تارتىششنى بوشىتىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:دورا ئىلمان ھالەتكە كەلگەندە كۆكرەكنىڭ ئاغرىش نوقتىىسغا چېپىپ ئۇستىدىن داكا بىلەن تېڭىپ قويىلىدۇ.
11-رىتسىپ:
سەرپىستان 10گىرام،چىلان 15گىرام،گاۋزىبان،بادىرەنجى بۇيا ،ئۇستىقۇددۇس، بەدىيان،پىرسىياۋىشان 10گىرامدىن. شاھتەررە 10گىرام.
تەييارلىنىشى:دورىلارنى ئۆلچەم بويىچە ئېلىپ چالا سوقۇپ بىر لېتىر سۇ بىلەن يېرىمى قالغۇچە قاينىتىپ ئۇستىگە 100گىرام تېرەنجىبىن سېلىپ بىر ئۆرلىتىپ تەييارلىنىدۇ.
شىپالىق رولى:توسالغۇلارنى ئېچىپ قان تومۇرلارنى كېڭەيتىدۇ،
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:كۇندە 3قېتىم 30مىللىلىتىردىن ئىستىمال قىلىنىدۇ.
12-رىتسىپ:
بىنەپشە 60گىرام، ئاق سەندەل 15گىرام، ئەپىيۇن 0.5گىرام، ئاق لەيلى ئۇرىغى 60گىرام، بىھە ئۇرىغى 15گىرام، ئىسپىغۇل 15گىرام.تۇخۇم ئېقى 3گىرام.
تەييارلىنىشى:دورىلارنى ئۆلچەم بويىچە ئېلىپ تۇخۇم ئېقى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ مەلھەم تەييارلىنىدۇ.
شىپالىق رولى:قىزىتما پەسەيتىدۇ، ئاغرىق پەسەيتىدۇ. يۇرەك موسكۇلى زەخمىلىنىپ كېڭىيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:مۇۋاپىق مىقتاردا ئېلىپ يۇرەك ئۇدىلىغا زىماد قىلىنىدۇ.
13-رىتسىپ:
چىلان مۇۋاپىق مىقتاردا.
تەييارلىنىشى :چىلاننى قاينىتىپ تەييارلىنىدۇ.
شىپالىق رولى:قاننى سۇيۇلدۇرىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:ئۇسسۇلۇق ئورنىدا ئىچىلىدۇ.
مۇرەككەپ دورىلار بىلەن داۋالاش
1-رىتسىپ:مەجۇنى مۇپەررىھى ياقۇت سەرىت بېرىلىدۇ.
تەركىۋى:قىزىلگۇل،تاپاشىر،پوستى تۇرۇنجى،كاسىنە ئۇرىغى 9گىرامدىن. يۇمغاقسۇت ئۇرىغى ،ئاق سەندەل،گاۋزىبان،بەھمەن سەفىت،بەھمەن ئۇرىغى،لاجىۋەرد،قىزىل ياقۇت، كەھرىۋا،شاھ مارجان 6گىرامدىن، مەرۋايىت سېرىق ئوت، سېمىز ئوت ئۇرىغى،بەربۇناي ئۇرىغى، كۇدە ئۇرىغى 12گىرامدىن زەپەر 1.5گىرام، ئامىلە قېقى 30گىرام، ھەسەل 2ھەسسە. ئالتۇن ۋەرەق كۇمۇش ۋەرەش 6دانىدىن.
تەييارلاش ئۇسۇلى:دورىلارنى مىقتارى بويىچە ئېلىپ تەركىۋىدىكى مەدەن دورىلار چالا سوقۇلۇپ ئوت بىلەن قىزىتىپ كۇچتە قىلىنىدۇ، زەپەر ئايرىم سالايە قىلىنىدۇ. ۋەرەقلەردىن باشقا دورىلار سوقۇلۇپ ئەلگەكتىن ئۆتكۇزىلىدۇ. ھەسەلنى قىزىتىپ سۇۋۇغاندا سالايە قىلىنغان ۋە كۇشتە قىلىنغان دورىلار تالقىنى ئاخىرىدا باشقا تالقانلار ۋە ۋەرەقلەرنى تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ مەجۇن تەييارلىنىدۇ.
تەسىرى:مېڭە يۇرەكنى قۇۋەتلەش، خۇشلۇق كەلتۇرۇش، قان سەپرانىڭ ئۆتكۇرلىكىنى پەسەيتىش.
ئىشلىتىلىشى:قان سەپرا خىلتىدىن بولغان مېڭە،يۇرەك،قانتۇمۇر كېسەللىكلىرى، باش ئاغرىش، سەرئى،يۇرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى،جىگەر خىزمىتىنىڭ جىددىيلىشىش، يۇقىرى قان بېسىم، ئىسىقتىن بولغان يۆتەل ،ئۆپكە كېسەللىكلىرىگە ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:كۇندە 2قېتىم 3-5گىرامغىچە ئىستىمال قىلىنىدۇ.
2-رىتسىپ: بىخ مارجان شەربىتى بېرىلىدۇ.
تەركىۋى:بىخ مارجان 10گىرام، سۇمبۇل 15گىرام، گاۋزىبان 10گىرام،تاباشىر 10گىرام،قىزىلگۇل 10گىرام، گۇلى گاۋزىبان 15گىرام، ئاپلىسىن پوستى 20گىرام،پىلە غۇزىسى 50گىرام، ئەرقى بىدىمىشكى 500مىللىلىتر ، ئەرقى گۇل 500مىللىلىتىر ، قەنىت 500گىرام.
تەييارلاش ئۇسۇلى:ئەرقى بىدىمىشكى، ئەرقى گۇل قاتارلىقلاردىن باشقا دورىلارنى چالا سوقۇپ 2لېتىر سۇغا 4سائەت چىلاپ قاينىتىپ تىرىپلىرىنى سۇزۇۋىتىپ سۇيىگە ئەرەقلەرنى قۇيۇپ ئۇستىگە قەنىت سېلىپ قاينىتىپ قىيام قىلىپ تەييارلىنىدۇ.
تەسىرى:قان ئايلىنىشنى ياخشىلايدۇ، قان نوكچسىنى ئىېرىتىدۇ.
ئىشلىتىلىشى:يۇرەك سانجىقى ،يۇرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:كۇندە 3قېتىم ھەر قېتىمدا 30مىللىلىتىردىن ئىستىمال قىلىنىدۇ.
3-رىتسىپ:خېمىر سەندەل (Ⅲ)بېرىلىدۇ.
تەركىۋى:ئاق سەندەل،گۇلى گاۋزىبان،قىرقىلغان پىلە 10گىرامدىن، ئەرقى گولاب،ئەرقى بىدىمىشكى 10مىللىلىتىردىن. زپەر 1.5گىرام، قەنىت 170گىرام.
تەييارلاش ئۇسۇلى؛ئەرەقلەر بىلەن قەنىتنى قىيام قىلىپ قالغان دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ قىيامغا سېلىپ خېمىر قېلىنىدۇ.
تەسىرى:يۇرەكنى تىنىچلاندۇرىدۇ.
ئىشلىتىلىشى؛يۇرەك كېسەللىكلىرى ئۇچۇن ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى؛كۇندە 1قېتىم 6گىرامدىن ئىستىمال قىلىنىدۇ.
4-رىتسىپ: ئەرقى سەندەل بېرىلىدۇ.
:تەركىبى: قىزىلگۇل،كاسىنە ئۇرىقى، بىدىمىشكى، نېلۇپەر 30گىرامدىن. ئاق سەندەل كېپىكى، يۇمغاقسۇت ئۇرىقى، زىخ،ئالما چىچىكى، بىھى چېچىكى 45گىرامدىن.
تەييارلاش ئۇسۇلى:قائىدە بويىچە ئەرەق تارتىلىدۇ.
تەسىرى:يۇرەكنى قۇۋەتلەيدۇ.
ئىشلىتىلىشى:ھەرخىل يۇرەك كېسەللىكلىرى ئۇچۇن ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: كۇندە 3قېتىم مۇۋاپىق مىقتاردا ئىستىمال قىلىنىدۇ.
5-رىتسىپ: مەجۇنى جاۋارىش مىسرى بېرىلىدۇ.
تەركىۋى:مەرۋايىت،كەھرىۋا،لاجىۋەرد،قىزىل ياقۇت، كۆك ياقۇت،سېرىق ياقۇت،زۇمرەت، قىزىل ئەقىق6گىرامدىن.مەستىكى رۇمى 6گىرام،پارپا، نارجىل، جويۇز 3گىرامدىن. مومىيا3گىرامدىن،ئەنبەر ،ئىپار 3گىرامدىن،ئالتۇن ۋەرەق،كۇمۇش ۋەرەق 1دانىدىن ھەسەل 1ھەسسە.
تەييارلاش ئۇسۇلى:دورىلارنى مىقتارى بويىچە ئېلىپ تەركىۋىدىكى مەدەن دورىلار قىزدۇرلۇپ كۇشتە قىلىنىدۇ. ئىپار، ئەنبەر،ئايرىم-ئايرىم سالايە قىلىنىدۇ، ۋەرەقلەردىن باشقا دورىلار سوقۇلۇۇپ ئەلگەكتىن ئۆتكۇزىلىپ ھەسەلنى قىزدۇرۇپ سەل سۇۋۇغاندا ساليە قىلىنغان ۋە كۇشتە قىلىنغان دورىلار تالقىننى ئاخىرىدا ۋەرەقلەر ۋە باشقا تالقانلارنى تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
تەسىرى:مېڭە،يۇرەكنى قۇۋەتلەش ،خۇشلۇق كەلتۇۇرش،ھارارەتنى پسەيتىش، قان ۋە سەپرانىڭ ئۆتكۇرلىكىنى پەسەيتىش تەسىرى بار.
ئىشلىتىلىشى:قان ۋە سەپرادىن بولغان مېڭە-يۇرەك قان تۇمۇر كېسەللىكلىرى، يۇرەك سوقۇش تىزلىشش، دەم تۇتۇلۇش،يۇرەك سانجىقى ،يۇرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى، نېرۋا خاراكتېرلىك بۆرەك تېلىشقا ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:كۇندە 1قېتىم 3گىرامدىن ئىستىمال قىلىنىدۇ.
6-رىتسىپ:مەجۇنى خېمىرى ئەبرىشىم بېرىلىدۇ.
تەركىۋى:ئود ھىندى، ئاق سەندەل،سۇمبۇل،پىستە مېغىزى،جويۇز، مەستىكى، قەلەمپۇر،لاچىندانە،سازەج ھىندى6گىرامدىن، مەرۋايىت،كەھرىبا،شاخ مارجان،بىخ مارجان 9گىرامدىن،زەپەر 9گىرام، قىزىل ياقۇت 4گىرام.قىرقىلغان پىلە،گاۋزىبان، بىدىمىشكى 10گىرامدىن، قىزىلگۇل ئەرقى، ئالما ،ئانار سۇلىرى 360گىرامدىن، ئالتۇن ۋەرەق، كۇمۇش ۋەرەق 10دانىدىن.
تەييارلاش ئۇسۇلى:دورىلارنى كۆرسەتمە مىقتارى بويىچە ئېلىپ تەركىبىدىكى زەپەر ئايرىم سالايە قىلىنىدۇ. مەدەن دورىلار قىزدۇرلۇپ كۇشتە قىلىنىدۇ. ئەرەق مېۋە سۇلىرى ۋە ۋەرەقلەردىن باشقا دورىلار سوقۇلۇپ ئەلگەكتىن ئۆتكۇزىلىدۇ. قەنىت بىلەن ئەرەق مېۋە سۇلىرى بىلەن قىيام قىلىپ بىر ئاز سۇۋۇغاندا سالايە قىلىنغان ۋە كۇشتە قىلىنغان دورىلار تالقىنى ۋە ئاخىرىدا باشقا دورىلار تالقىنى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
تەسىرى؛مېڭە،يۇرەك ،جىگەرنى قۇۋەتلەش،كۆڭۇلنى خوش قىلىش، قان تۇمۇرلاردىكى توسالغۇلارنى ئېچىش.
ئىشلىتىلىشى:مېڭە ،يۇرەك قانتۇمۇرلار توسۇلۇش،يۇرەك زەئىپلىكى،يۇرەك رېتىمسىزلىكى،يۇرەك قېپى ئاغرىقى،يۇرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىغا ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:كۇندە 2قېتىم 10گىرامدىن ئىستىمال قىلىنىدۇ.
7-رىتسىپ:مەجۇنى داۋائىلمىشكى بېرىلىدۇ.
تەركىۋى:بۇزۇغا،مەرۋايىت ،كەھرىبا،مارجان،پىلە غۇزىسى 60گىرامدىن، بەھمەن سەفىت 12گىرام،بەھمەن سۇرۇخ ،سازەج ھىندى ،سۇمبۇل،قاقىلە،قەلەمپۇر،لاچىندانە 12گىرامدىن، پىلپىل،زەنجىۋىل،ئىپار 6گىرامدىن. دارىچن، زەپەر 3گىرامدىن، گاۋزىىبان 8گىرام،رەيھان،ئۇستىقۇددۇس،كاسىنە ئۇرىقى، سېمىز ئوت ئۇرىقى، تاباشىر 8گىرامدىن، ھەسەل 2ھەسسە.
تەييارلاش ئۇسۇلى:دورىلارنى مىقتارى بويىچە ئېلىپ تەركىبىدىكى مەرۋايىت، كەھرىبا، مارجان قاتارلىقلار چالا سوقۇلۇپ كۇشتە قىلىنىدۇ. زەپەر ئىپار يۇمشاق سوقۇلۇپ ئەلگەكتىن ئۆتكۇزىلىدۇ. ئۇندىن باشقا دورىلار يۇمشاق سوقۇلۇپ ئەلگەكتىن ئۆتكۇزىلىدۇ. ھەسەلنى قىزىتىپ بىر ئاز سۇۋۇغاندا ئىپار زەپەر تالقىنى ، ئۇندىن كېيىن ئۇمۇمى دورىلار تالقىنى ئەڭ ئاخىرىدا كۇشتە قىلىنغان دورىلار تالقىنى سېلىنىپ مەجۇن قىلىنىدۇ.
تەسىرى:يۇرەك،مېڭە،ئاشقازان،ئۇچەينى قۇۋەتلەش توسالغۇلارنى ئېچىش ،تەبىئى ھارارەتنى ساقلاش،زىھنىنى ئۆتكۇرلەشتۇرۇش تەسىرى بار.
ئىشلىتىلىشى:نورمالسىز سەۋدا خىلتىدىن بولغان،يۇرەك كېسەللىكلىرى،يۇرەك رېتىمسىزلىقى،يۇرەك ھەركىتى تىزلىشش،يۇرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى،نېرۋا يۇرەك زەئىپلىكى ،ئۇنۇتقاقلىق ئۇيقۇسىزلىق ئىشتىھاسىزلىققا ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:كۇندە 1-2قېتىم ئەھۋالغا قاراپ 2-5گىرامغىچە ئىستىمال قىلىنىدۇ.
8-رىتسىپ:مەجۇنى داۋائىلمىشكى كەبىرى بېرىلىدۇ.
تەركىۋى:زورۇنبات،دورنەج ئەقرەبى،سەدەپ،كەھرىبا،شاھ مارجان30گىرامدىن. پىلە غۇزىسى،سۇمبۇل،قاقىلە،لاچىندانە،قىزىلگۇل،جوز بوۋا،بەسباسە،سەئىدى كۇفى 15گىرامدىن. ئاق سەندەل،قىزىل سەندەل 6گىرامدىن. ئۆشنە،پىلپىل،بەھمەن سەفىت، بەھمەن سۇرۇخ،توم زەنجىۋىل،زەپەر 12گىرامدىن. يېشىل ياقۇت، نارمىشكى، پەرەنجىمىشكى،گۇل دارچىن،قەلەمپۇر،گاۋزىبان ھىندى، بالەنگۇ، ئۇستىقۇددۇس، بىستىفايەج،قۇندۇز قەھرى 9گىرامدىن. پوستى تۇرۇنجى تاباشىر، كاسىنە ئۇرىغى،سېمىز ئوت ئۇرىغى 6گىرامدىن. ئالما شىرنىسى 60مىللىلىتىر.ئانار شىرنىسى 250مىللىلىتىر، ھەسەل 1ھەسسە.
تەييارلاش ئۇسۇلى:دورىلارنى كۆرسەتمە مىقتارى بويىچە ئېلىپ سەدەپ ، مەرۋايىت،قىزىل ياقۇت، كەھرىبا، شاھ مارجان، يېشىل ياقۇت ئۆلچەم بويىچە لايىقلاشتۇرىلىدۇ. ئەنبەر،ئىپار،زەپەر قاتارلىقلار ئايرىم سالايە قىلىنىدۇ. ئانار شىرنىسى، ۋە ئالماش شىرنىسى بىرلەشۇتۇرپ ھەسەل بىلەن بىرلىكتە قىيام قىلىنىدۇ. قىيام بولغاندا قىيامنىڭ كۆپۇكىنى ئېلىپ بىر ئاز سۇۋۇغاندا سالايە قىلىنغان دورىلار تالقىنى ئۇندىن كېيىن قالغان گۇلچىچەك،بىخ چۆپ دورىلار سوقۇلۇپ ئەلگەكتىن ئۆتكۇزۇلگەن تالقان ئەڭ ئاخىرىدا مەدەن دورىلارنىڭ كۇشتە قىلىنغان تالقىننى سېلىپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ مەجۇن تەييارلىنىدۇ.
تەسىرى:ئۇمۇمى بەدەننى قۇۋەتلەش،يۇرەك خىزمىتىنى كۇچەيتىش، تەبىئى بەدەن ھارارىتىنى ساقلاش،زىھنىنى ئۆتكۇرلەشۇتۇرش.
ئىشلىتىلىشى:يۇرەك رېتىمسىزلىقى، يۇرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى، يۇرەك ئاغرىش،يۇرەك زەئىپلىكى،نىرۋا ئاجىزلىقى ئۇنۇتقاقلىق ئىشتىھاسىزلىق سوغۇقتىن بولغان ھۆتەل قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى؛كۇندە 1قېتىم 2-5گىرامغىچە ئىستىمال قىلىنىدۇ.
9-رىتسىپ: بادىرەنجى بۇيا شەربىتى (Ⅱ)بېرىلىدۇ.
تەركىۋى:بادىرەنجى بۇيا 30گىرام،ئۇستىقۇددۇس 30گىرام،گاۋزىبان گۇلى، بادىيان، گاۋزىبان،سازەج ھىندى،ئىزخىر مەككى،قىزىلگۇل،رۇم بەدىيان 15گىرامدىن، گۇلقەنىت 200گىرام، شىكەر 500گىرام.
تەييارلاش ئۇسۇلى:دورىلارنى بىر سوتكا سۇغا چىلاپ قويۇپ ئاندىن قاينىتىپ دورا تىرىپلىرىنى سۇزۇپ ئېلىۋەتكەندىن كېيىن دورا سۇيىگە گۇلقەنىتنى ھەمدە شىكەرنى سېلىپ قىيام قىلىپ شەربەت تەييارلىنىدۇ.
تەسىرى:يۇرەك ،مېڭە،جىگەر،ئاشقازاننى قۇۋەتلەيدۇ.
ئىشلىتىلىشى:ھۆل سوغۇقتىن بولغان يۇرەك،مېڭە،جىگەر ،ئاشقازان كېسەللىكلىرى، نېرۋا ئاجىزلىقلىرىغا ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:كۇندە 3قېتىم ھەرقېتىمدا 10-15مىللىلىتىرغىچە ئىستىمال قىلىنىدۇ.
10-رىتسىپ: ئەبرىشىم شەربىتى بېرىلىدۇ.
تەركىبى: قىرقىلغان پىلە غۇزىسى 70گىرام، گاۋزىبان 20گىرام، پەرەنجىمىشكى 20گىرام، قىزىل گۇل 15گىرام، سۇنبۇل 20گىرام، ئاق سەندەل 20گىرام، شىكەر 300گىرام، سازەج، ئۆشبە 20گىرامدىن.
تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى چالا سۇقۇپ 2.5كىلوگىرام سۇغا (قايناق) 8سائەت چىلاپ قاينىتىپ تىرىپلىرىنى سۇزۇۋېتىپ سۇيىگە شىكەرنى سېلىپ قىيام قىلىپ شەربەت تەييارلىنىدۇ.
تەسىرى:يۇرەكنى كۇچلەندۇرىدۇ.يۇرەكتىكى قان ئايلىنىشنى ياخشىلايدۇ.
ئىشلىتىلىشى:يۇرەك سانجىقى، يۇرەك موسكۇل تىقىلمىسى،خاپىقان قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: كۇندە 2قېتىم ھەرقېتىمدا 10م ل دىن ئىستىمال قىلىنىدۇ.