پالەكنى سىقىپ سۈيىگە قارا گۆش توغراپ تاماق ئورنىدا ئىستېمال قىلسا ، نامازشام قارىغۇسىغا ياخشى شىپا بولىدۇ . تۇخۇمنىڭ سېرىقىنى چالا پىشۇرۇپ ھەر كۈنى ئىستېمال قىلىپ بەرسە ، نامازشام قارىغۇسىغا ياخشى شىپا بولىدۇ ئەنجۈر سۈيىنى ھەسەل سۈيىگە قوشۇپ كۆزگە سۈرسە ، كۆز ياشاڭغۇراشقا ، قاپاق قېتىنىڭ قاتلىنىشىغا مەنپەئەت قىلىدۇ سىقىپ چىقىرىلغان تۇرۇپ سۈيىگە ھەسەل ئارىلاشتۇرۇپ يەرلىك ئورۇنغا سۈرسە ، كۆز قىزىرىپ قېلىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ ئەمەننى سوقۇپ سۈيىنى سۈرسە ، كۆز ئاستى ۋە باشقا ئەزالاردا بولىدىغان كۆكۈش داغلارنى يوقىتىدۇ قۇرۇغان قىزىلگۈلنىڭ قايناتمىسىنى كۆزگە چاپسا ، قاپاقنىڭ ئىشىپ قېلىشىغا داۋا بولىدۇ لالە گۈلنىڭ شىرنىسىنى ھەسەل بىلەن قوشۇپ ئىشلەتسە ، كۆزنىڭ خىرەلىشىشىگە ، كۆزگە ئاق چۈشكەنگە ۋە كۆزدىكى يارىلاردىن قالغان ئىزلارنى تازىلاپ چىقىرىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
|