باش ئاغرىش : باش ئاغرىشنىڭ كۆپىنچىسى بويۇن ئۇمۇرتقىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ، بويۇن ئۇزاق ۋاقىت ھەرىكەتلەنمەي بىر خىل ھالەتتە تۇرسا ، بويۇن ئۇمۇرتقىسىدا ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ ، بۇنىڭ بىلەن باش ئاغرىيدۇ . بويۇن ئاغرىش : بويۇن ئۇمۇرتقىسى ئاغرىش ئادەتتە ئۇمۇرتقا سۆڭىكى بوشاپ كېتىش ، مۇقىم بولماسلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ . بۇنىڭ داۋالاش ئۈچۈن چوقۇم بويۇن تېرىگۈچ تاقاش كېرەك ، شۇندىلا بويۇن ئۇمۇرتقىسىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ ، تەڭپۇڭلۇقىنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ . مۈرە ئاغرىش : مۈرە ئاغرىش بىلەن تەڭ يەنە بىلەكنىڭ ئىقتىدارى بارغانسېرى ئاجىزلاپ ، چاچ تاراش ، دۈمبىنى قاشلاش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى ئىشلەشكە ئامالسىز قالغاندا ، يەنى مۈرىنىڭ ھەر قايسى يۆنىلىشلىرىدە ھەرىكەت قىلىشى تەسكە توختايدىغان بولۇپ قالسا ، ئۇنداقتا بۇ مۈرە ئەتراپى ياللۇغىنىڭ بېشارىتى بولۇشى مۇمكىن . ناۋادا مۈرە پەقەت ئازراق ئاغرىسا ، ئۇنداقتا بويۇن ئۇمۇرتقىسى كېسەللىكى پەيدا بولۇشى مۇمكىن ، بويۇن ئومۇرتقىسى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغاندا ، يەنە قول ئاغرىش ۋە ئويۇشۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ . بەل ۋە پۇت ئاغرىش : بەل ۋە پۇت ئاغرىسا ، بەل قېتىشىپ ، بەلنى ئەگكىلى بولمىسا ، يۆتەلگەندە ، چۈشكۈرگەندە ياكى سەل زورۇققاندا بەل ئۇمۇرتقىسى ئاغرىش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە ، ئىككى پۇتتا ئويۇشۇش سېزىمى پەيدا بولسا ، ئۇنداقتا بۇلار بەل ئۇمۇرتقا تەخسىسى پولتىيىپ چىقىش كېسەللىكىنىڭ ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن . ئېغىر نەرسىلەرنى كۆرۈتۈپ بەل قايرىلىپ كەتسە ، بىر نەچچە كۈندىن كېيىنلا ياخشى بولۇپ كېتىدۇ ، لېكىن سۆڭەك شالاڭلىشىش ئالامەتلىرى بار بولغان ياشانغان ئاياللارنىڭ بېلى يېنىك سىرتقى زەخمىگە ئۇچراپ قاتتىق ئاغرىسا ، ئۇنداقتا بۇ بەل سۆڭىكى سۇنۇپ كەتكەنلىكنىڭ بېشارىتى بولۇشى مۇمكىن . تىز ئاغرىش : تىز بوغۇمى ئۆزگەرگەن ، قېتىشقان ، ئىششىغان ، ئاغرىيدىغان ، ھەرىكەت قىلغاندا بوغۇملاردىن قاراسلىغان ئاۋاز چىقىدىغان بولۇپ قالسا ؛ زوڭزىيىپ ئولتۇرۇش ، پىيادە مېڭىش ، پەلەمپەيگە چىقىش تەسكە توختىسا ، ئۇنداقتا بۇ تىز بوغۇمىنىڭ ئىقتىدارى چېكىنىش خاراكتېرلىك بوغۇم ياللۇغىنىڭ ئالامىتىدىن دېرەك بېرىدۇ . قول بارمىقى ئاغرىش : ئادەتتە چىمچىلاق بارماق ۋە نامسىز بارماق ئويۇشۇپ ئاغرىسا ، ئۇنداقتا بويۇننىڭ 6–7 ئۇمۇرتقا سۆڭىكى ئارىسىدىكى ئۇمۇرتقا تەخسىسىدىن چاتاق چىققان بولۇشى مۇمكىن ؛ ئەگەر ئاستىنقى بىلەكنىڭ سىرتقى قىسمى ، باشمالتاق ۋە كۆرسەتكۈچ بارماق ئويۇشۇپ ئاغرىسا ، ئۇنداقتا بويۇننىڭ 5–ۋە6–ئۇمۇرتقا تەخسىسىدىن چاتاق چىققان بولۇشى مۇمكىن ؛ ئەگەر مۈرە ۋە ئۈستۈنكى بىلەك ئاغرىسا ، ئۇنداقتا سۆڭىكى ئارىسىدىكى ئۇمۇرتقا تەخسىسىدىن چاتاق چىققان بولۇشى مۇمكىن .
|