پىروفېسسور شاڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى : تۇخۇم ئوزۇقلۇق مىقدارى ئىنتايىن مول بولغان بىر خىل يېمەكلىك ، تەركىبىدە مول بولغان ، ئاسان سۈمۈرۈلىدىغان ئاقسىل ، مېنېرال ماددىلار بار . ئۇنى ئاساسىي يېمەكلىك ياكى قوشۇمچە يېمەكلىك ئورنىدا ئىستېمال قىلىشقا بولىدىغان ئېسىل يېمەكلىك . تۇخۇم ئىسسىقلىق مىقدارى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان يېمەكلىك ، شۇنداقلا يەنە تۇخۇم سېرىقىنىڭ تەركىبىدە ئىسسىقلىق مىقدارى ۋە خولېستېرىننىڭ مىقدارى تېخىمۇ يۇقىرى ، شۇڭا مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىش كېرەك . ئادەتتە دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار كۈنىگە بىر تال تۇخۇم يېسە ئەڭ مۇۋاپىق . كۈنىگە ئىككى تال ياكى ئۈچ تال تۇخۇم يەيدىغانلار ئەڭ ياخشىسى تۇخۇم سېرىقىدىن بىرنى يىگىنى مۇۋاپىق . غاز تۇخۇمىنىڭ تەركىبىدىكى ئىسسىقلىق مىقدارى بىلەن ياغنىڭ مىقدارى توخۇمنىڭكىدىن كۆپ . شاكىلى قىزغۇچ توخۇ تۇخۇمىنىڭ تەركىبىدىكى ئىسسىقلىق مىقدارى بىلەن ياغنىڭ مىقدارى ئاق تۇخۇمنىڭكىدىن كۆپ .
|