باش قېيىش، ئاغرىش خام تۇرۇپنى ئاقلاپ، ئۇششاق توغراپ، سىقىپ سۈيىنى چىقارغاندىن كېيىن ئازراق كامفول(بورنىئول) ئارىلاشتۇرۇپ، ئوڭدا يېتىپ بۇرۇنغا تېمىتسا دەرھال ئۈنۈمى بولىدۇ. بەل ئاغرىقى تاشپاقا قېپىدىن 100 گىرامنى يۇمشاق سوقۇپ قۇرۇق قازاندا سارغايغىچە قورۇپ، 500 گىرام ئاق ھاراققا چىلاپ، ئۈچ كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، يەتتە كۈندىن ئون كۈنگىچە كۈنىگە ئىككى قېتىمدىن ئىچىپ بەرسە ھەم يەرلىك ئورۇنغا سۈرۈپ بەرسە ئۈنۈمى بولىدۇ. ئۆت يەللىكى توۋارىيە(تىللا ئوت)دىن 50 گىرام، پاقا يوپۇرمىقىدىن 50 گىرام ۋە سەركىچۆپ يىلتىزىدىن 50 گىرامنى قوشۇپ سۇدا قاينىتىپ، سۈيىنى ئۇسسۇلۇق ئورنىدا ئىچسە ئۈنۈمى بولىدۇ. جىددىي خاراكتېرلىك بۆرەك يەللىكى گۈلبوغۇندىن 200 گىرام، سەركىچۆپ يىلتىزىدىن 200 گىرامنى قاينىتىپ، ئۇنى تۆتكە بۆلۈپ، ھەر تۆت سائەتتە بىر قېتىمدىن ئىچىپ بەرسە ئۈنۈمى بولىدۇ. بۆرەك يەللىكى ئون گىرام چاينى 500 گىرام ئەتراپىدىكى بىر تال تازىلانغان قارا بېلىقنىڭ قورسىقىغا سېلىپ سۇس ئوتتا بىر سائەت قاينىتىپ، گۆشىنى يەپ، سۈيىنى ئىچىپ بېرىشنى بىر ھەپتە داۋاملاشتۇرسا ئۈنۈمى بولىدۇ(بۇ مەزگىلدە تۇز ئىستېمال قىلىشقا قەتئىي بولمايدۇ). بۆرەك ئاجىزلىقى، ئېھتىلام بولۇش قوي بۆرىكىنى پارچىلاپ ئاق يەرلىرىنى چىقىرىۋېتىپ، سوھدىھىندى(قىياق)دىن بەش گىرامنى قوشۇپ ھۆل قەغەزگە ئوراپ ھوردا دۈملەپ پىشۇرۇپ يەپ بەرسە، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەپ ئېھتىلام بولۇشقا ئۈنۈمى بولىدۇ. زەكەر يىگىلەش، قايىم بولماسلىق خورازنىڭ ئۇرۇقدېنىدىن تۆت دانە، سازاڭدىن يەتتە تالنى 100 گىرام ئاق ھاراققا يەتتە كۈن چىلاپ ئۇخلاشتىن ئاۋۋال 25 گىرامدىن ئىچىپ بەرسە ئۈنۈمى بولىدۇ. مەنىي بالدۇر كېتىش كۈدە (جۈسەي)دىن 500 گىرامنى ئېزىپ سۈيىگە يوغان ئون تال سازاڭنى ئېزىپ ئارىلاشتۇرۇپ قىزىتىلغان ھاراق بىلەن ئىستېمال قىلسا ئۈنۈمى بولىدۇ. سۈيدۈك يولى يەللىكى سەركىچۆپ يىلتىزى ۋە مامكاپتىن 100 گىرامدىن ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ، سۈيىنى كۈندە ئۈچ قېتىمدىن بىر ھەپتە ئىستېمال قىلىپ بەرسە ئۈنۈمى بولىدۇ. مەزى بېزى يەللىكى قىزىل پۇرچاقتىن 25 گىرامنى 25 گىرام خاسىڭ مېغىزى بىلەن قوشۇپ سوقۇپ، يەتتە تال چىلان قوشۇپ ئېزىلگۈچە قاينىتىپ ئىستېمال قىلسا ئۈنۈمى بولىدۇ. ياشانغانلاردىكى سىزلام (پات – پات سۈيدۈك قىستاش) كېسىلى 100 گىرام غولپىيازنى 50 گىرام گۈڭگۈرت بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ سوقۇپ يۇمشاتقاندىن كېيىن، ئۇخلاشنىڭ ئالدىدا ھەممىسىنى كىندىكىگە چاپلىسا ئۈنۈمى بولىدۇ. ياشانغانلاردىكى كۆز تورلىشىش قوي جىگىرىدىن 100 گىرامنى يالپاقداپ توغراپ، شەپەرەڭ مايىقىدىن ئۈچ گىرامنى قوشۇپ كۈنجۈت يېغىدا قورۇپ يېسە، جىگەرنى تازىلاپ، كۆزنى روشەنلەشتۈرىدۇ.
|