ئوخشىمىغان بالىلارنىڭ زىيادە سېزىمچانلىقىنىڭ ئىپادىسىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. بەزىلەرنىڭ تېرىسىدە كۆرۈلسە، بەزىلەرنىڭ ئەزالىرىدا كۆرۈلىدۇ. چوڭراق بالىلار قەيىرىنىڭ قېچىشقانلىقىنى دېيەلىگەن بىلەن ، بۇۋاقلار قىمىرلاپ بەكمۇ بىئارام بولىدۇ. چىلان، ھەسەلنىڭ زىيادە سېزىمچانلىققا قارشى تۇرۇش ئۈنۈمى بار. ئادەتتە بالىلارغا كۆپرەك يېگۈزۈش كېرەك. شوخلا، سەۋزە قاتارلىق ۋىتامىن C مىقدارى يۇقىرى بولغان كۆكتاتلارنىڭمۇ زىيادە سېزىمچانلىققا قارشى تۇرۇش رولى بار. بالىلاردا زىيادە سېزىمچانلىق ئالامىتى كۆرۈلسە ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالىتىش كېرەك.
|