1. قان قەنتىنى تىزگىنلەش كېرەك . 2. ھەر كۈنى كەچتە پۇت قىسمى بىلەن پۇت بارمىقى ئارىسىدا قاپارتما بار – يوقلۇقىنى ، زەخمىلەنگەن ياكى تېرە بۇزۇلغان ئەھۋالنىڭ بار – يوقلىقىنى تەكشۈرۈپ تۇرۇش ، پۇتنىڭ قۇرغاقلىقىنى ساقلاش كېرەك . 3. پۇتقا قاداق چىقىپ قالسا ھەرگىزمۇ ئۆزىڭىز بىر تەرەپ قىلماستىن دوختۇرخانىدا بىر تەرەپ قىلىش كېرەك . 4. ئاياغ ، پايپاقلار يۇمشاق مۇۋاپىق كېلىشى كېرەك ، بەكمۇ چىڭ ، قاتتىق بولماسلىق كېرەك . 5. قىش پەسلىدە دىيابىت بىمارلىرى ئەگەر گىرىلكا توك كۆرپىسى قاتارلىقلارنى ئىشلىتىپ ئاستىنقى تەرەپ ياكى پۇت قىسمىنى ئىسسىتقان چاغدا ، ئەگەر تېمپېراتۇرا ھەددىدىن زىيادە يۇقىرى بولۇپ كەتسە ئاستنىقى تەرەپتە نېرىپلار پالەچتەك سېزىلىپ ئاسانلا كۆيۈپ يارىلىنىدۇ ، شۇڭا بۇ ئىشلارغا كۆپرەك دىققەت قىلىش كېرەك . 6. ئادەتتىكى ۋاقىتتا بىمار پۇت قىسمىنى كۆتۈرۈپ بېرىشكە دىققەت قىلسا ئاستىنقى تەرەپ قىسىمنىڭ قان ئايلىنىشىنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
|