ئېلېكتىر ماگنىت رادىياتسىيەسى – مۇھىتتىكى ئېلېكتىر، ماگنىتنىڭ ئۆزئارا رول ئوينىشىدىن ھاسىل بولغان ئېلېكتىر دولقۇنىنىڭ بوشلۇقتا تارقىلىشىدەك فىزىكىلىق ئەھۋالنى كۆرسىتىدۇ. ھازىرقى باسقۇچتا بارلىق ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى، ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى (مەسىلەن: مېكرو دولقۇنلۇق ئوچاق، يان تېلېفون، كومپيۇتېر، تېلېۋىزور قاتارلىقلار)نى ئىشلەتكەندە ئېلېكتىر ماگنىت رادىياتسىيەسى ھاسىل بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، مۇھىتتىكى ئىنفىرا قىزىل نۇر، ئۇلترا بىنەپشە نۇر ۋە كۆرىنىدىغان نۇر قاتارلىقلارمۇ ئېلېكتىر ماگنىت رادىياتسىيەسىنىڭ كاتېگورىيەسىگە كىرىدۇ. تەبىئىي مۇھىتتىكى ئېلېكتىر ماگنىت رادىياتسىيەسى تۆۋەن بولسا، سالامەتلىككە ناچار تەسىر يەتكۈزەلمەيدۇ. ئىنسانلار پائالىيىتى گەرچە مۇھىتتىكى ئېلېكتىر ماگنىت رادىياتسىيەسىنى نۇرغۇن ھەسسە ئاشۇرۇۋەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئادەتتىكى ئەھۋالدا، ساغلاملىققا ئانچە تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. ئەمما ئادەم ئېلېكتىر ماگنىت رادىياتسىيەسى نىسپىي يۇقىرى بولغان مۇھىتتا ئۇزاق ۋاقىت تۇرسا ، بەدىنىگە ناچار تەسىر كەلتۈرۈشى مۇمكىن. ئېلېكتىر ماگنىت رادىياتسىيەسىنىڭ ناچار تەسىرى، رادىياتسىيەنىڭ كۈچلۈكلۈكى، چاستوتىسى ۋە ئادەملەرنىڭ خاس پەرقى قاتارلىق ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. كۈچلۈك ئېلېكتىر ماگنىت رادىياتسىيەسى ئادەم ئورگانىزمىغا بىۋاسىتە زەخىم يەتكۈزىدۇ. ئۇزاق مەزگىل كۈچلۈك ئېلېكتىر ماگنىت رادىياتسىيەسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ناچار مۇھىت ئادەمنىڭ نېرۋا سىستېمىسى، ئىممۇنىتېت سىستېمىسى، قان ئايلىنىش سىستېمىسى، كۆپىيىش سىستېمىسىغا تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن. ئادەتتە بىر قەدەر كۈچلۈك دەرىجىدىكى ئېلېكتىر ماگنىت رادىياتسىيەسىگە ئۇچرىغان كىشىدە بېشى ئاغرىش، بېشى قېيىش، ئۇيقۇسىزلىق، كۆپ چۈش كۆرۈش، ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى ئاجىزلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بەزى كىشىلەر ئېلېكتىر ماگنىت رادىياتسىيەسىگە ئالاھىدە سەزگۈر بولىدۇ، بۇ مېدىتسىنادا ئېلېكتىر ماگنىت رادىياتسىيەسىگە زىيادە سەزگۈرلۈك كېسىلى، دەپ ئاتىلىدۇ. بەزى سۈنئىي داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى، مەسىلەن: سۈنئىي قۇلاق قۇلۇلىسى، يۈرەك قوزغاتقۇچ، ئاۋدىفون قاتارلىقلار سىرتقى مۇھىتتىكى ئېلېكتىر ماگنىت رادىياتسىيەسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشى مۇمكىن. بۇ تەسىرلەر ئېلېكتىر ماگنىت رادىياتسىيەسىنىڭ كۈچلۈكلۈك دەرىجىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلغاندا، ئېلېكتىر ماگنىت رادىياتسىيەسىدىن ساقلىنىشقا ۋە ئۇنى تۆۋەنلىتىشكە پايدىسى بولىدۇ: *ئائىلە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەتكەندە زىيادە مەركەزلەشتۈرۈۋەتمەسلىك ياكى بىرلا ۋاقىتتا ئىشلەتمەسلىك كېرەك. بولۇپمۇ تېلېۋىزور، كومپيۇتېر، توڭلاتقۇنى ياتاق ئۆيگە بىرگە قويماي رادىياتسىيەلىنىش خەۋپىدىن ساقلىنىش كېرەك. * ئائىلە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى، ئىشخانا ئۈسكۈنىلىرى، يان تېلېفون قاتارلىقلاردا ئىمكان قەدەر ئۇزاق ۋاقىت مەشغۇلات قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. مەسىلەن: تېلېۋىزور، كومپيۇتېر قاتارلىق ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى ئۇزاق ۋاقىت ئىشلىتىشكە توغرا كەلگەندە، بىر سائەتتە بىر قېتىم ئارام ئېلىش، يىراققا قاراش ياكى كۆزىنى يۇمۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق رادىياتسىيەنىڭ كۆزگە يەتكۈزىدىغان تەسىرىدىن ساقلىنىش كېرەك. * تۈرلۈك ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەتكەندە، بېخەتەر ئارىلىقنى ساقلاشقا دىققەت قىلىش كېرەك. مەسىلەن: كۆزنىڭ تېلېۋىزور بىلەن بولغان ئارىلىقى ئادەتتە ئېكران كەڭلىكىنىڭ بەش ھەسسىسى ئەتراپىدا بولۇشى كېرەك؛ مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاقنى ئاچقاندىن كېيىن، ئۇنىڭدىن بىر مېتىر يىراقلىقتا تۇرۇش كېرەك؛ ھامىلىدار ئاياللار ۋە كىچىك بالىلار ئىمكان قەدەر مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاقتىن يىراق تۇرۇشى كېرەك. *يان تېلېفوننى ئىشلەتكەندە، باشنى ئىمكان قەدەر يان تېلېفوننىڭ ئانتېنناسىدىن يىراقراق تۇتۇش كېرەك. ياخشىسى تىڭشىغۇچ بىلەن مىكروفونى ئايرىۋېتىلگەن تېلېفون ئىشلىتىش، تېلېفون ئۇلانغان ۋاقىتتا ۋە باتارېيەنى زەرەتلەۋاتقاندا سۆزلەشمەسلىك كېرەك. بۇ چاغدا تارقالغان ئېلېكتىر ماگنىت رادىياتسىيەسى ئەڭ چوڭ بولىدۇ. شۇڭا ياخشىسى تېلېفون سايراپ بىر – ئىككى سېكۇنتتىن كېيىن ياكى تېلېفوننىڭ ئىككى قېتىملىق قوڭغۇراق ئاۋازىنىڭ ئارىلىقىدىكى توختىغان ۋاقىتتا تېلېفوننى ئېلىش كېرەك. باتارېيەنى زەرەتلەۋاتقاندا تېلېفوننى ئالماسلىق كېرەك.
|