|
|
|
تەرگە مۇناسىۋەتلىك كېسەللەر ۋە ئۇلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش |
يوللىغان ۋاقىت:2011-04-12 ئاۋاتلىقى:262 |
|
|
|
تەر بەزلىرى تەر ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ. تەرنىڭ ئاساسلىق تەركىبى سۇ بولۇپ، ئۇنىڭدا يەنە ئاز مىقداردا ئانئورگانىك تۇز، ئۇرىيە، سۈيدۈك كىسلاتاسى قاتارلىقلار بار. تەرنىڭ ئاجرىلىپ چىقىش مىقدارى ئادەم بەدىنىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ۋە تاشقى مۇھىتنىڭ تېمپېراتۇرىسى بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ. ئۇ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەش رولىنى ئويناپلا قالماستىن، يەنە چىقىرىش (ھەيدەش) فۇنكسىيىسىگىمۇ ئىگە. تۆۋەندە دائىم ئۇچرايدىغان بىرقانچە خىل تەرگە مۇناسىۋەتلىك كېسەل ۋە ئۇلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرىمىز: تەر چىقماس كېسىلى تەر چىقماس كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەردىن چىقىدىغان تەر نورمال ئادەملەردە چىقىدىغان تەردىن ئاز بولىدۇ. ئۇ پۈتۈن بەدەن خاراكتېرلىك، قىسمەن خاراكتېرلىك، دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. قىسمەن خاراكتېرلىك تەر چىقماس كېسىلى كۆپرەك ئۇچرايدۇ. بۇنىڭدا ئاغرىقنىڭ تېرىسى قۇرغاقلىشىپ، يىرىكلىشىپ كېتىدۇ، ھەتتا تېرە يېرىلىپ كېتىدۇ. پۈتۈن بەدەن خاراكتېرلىك تەر چىقماس كېسىلىنى كۆپ ھاللاردا ئىچكى ئەزا كېسەللىرى، شىلىمشىق سۇلۇق ئىششىق ياكى نېرۋا سىستېمىسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. باشقا بىرقىسىم كېسەللەر، مەسىلەن: بېلىق قاسرىقىسىمان تېرە كېسىلى، تېرە قاتتىقلىشىش كېسىلى، ماخاۋ كېسىلى قاتارلىقلارمۇ پۈتۈن بەدەن خاراكتېرلىك ياكى قىسمەن خاراكتېرلىك تەر چىقماس كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تۇغما خاراكتېرلىك تەر چىقماس كېسىلى كلىنىكىلىق داۋالاشتا ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدۇ. تۇغما خاراكتېرلىك تەر چىقماس كېسىلىنى داۋالاشنىڭ ھازىرغا قەدەر ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى تېپىلمىدى. باشقا سەۋەبلەردىن كېلىپ چىققان تەر چىقماس كېسىلىنى داۋالاشتا بىرلەمچى كېسەللەرنى داۋالاش ئاساس قىلىنىدۇ. كۆپ تەرلەش كېسىلى كۆپ تەرلەش كېسىلى زىيادە كۆپ تەرلەش ئەھۋالىنى كۆرسىتىدۇ. كۆپ تەرلەشمۇ پۈتۈن بەدەن خاراكتېرلىك ۋە قىسمەن خاراكتېرلىك، دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. پۈتۈن بەدەن خاراكتېرلىك كۆپ تەرلەش بىر خىل غەيرىي فىزىئولوگىيىلىك ئىنكاس ياكى ئۇ مەلۇم كېسەل ئالامىتى بولۇشىمۇ مۇمكىن. مەسىلەن: يۇقۇملۇق كېسەل، قالقانبەز ھورمونىدىن زەھەرلىنىش كېسىلى، سېمىزلىك كېسىلى قاتارلىقلار. بۇنىڭدىن باشقا، تەم سېزىمى خاراكتېرلىك كۆپ تەرلەش بىلەن ئىرسىيەتكە ئالاقىدار تۇغما خاراكتېرلىك كۆپ تەرلەشمۇ بار. قىسمەن خاراكتېرلىك كۆپ تەرلەش ياشلار، ئۆسمۈرلەردە كۆپرەك كۆرۈلىدۇ، كۆپ ھاللاردا قولتۇق، ئالقان، پۇت پەنجىسى، ماڭلاي، مەقئەت ئەتراپىدىكى تېرىلەردە كۆرۈلىدۇ. كۆپىنچىسى روھىي ئامىل بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. مەسىلەن: جىددىيلىشىش، ھاياجانلىنىش قاتارلىقلار. كۆپ تەرلەش كېسىلىنىڭ ئالامەتلىرى مۇنداق بولىدۇ: كېسەل پەيدا بولغان جاي كۆپ تەرلەپ شەلۋەرەيدۇ. پۇتى كۆپ تەرلەيدىغانلارنىڭ پۇت پەنجىسى، پۇت بارماقلىرىنىڭ ئارىلىقلىرى تەرلەپ ئاقىرىپ كېتىدۇ، پۇرايدۇ. قولتۇق ۋە ئەۋرەتتىن سۇيۇقلۇق كۆپ چىققاندا، بۇ قىسىمنىڭ تېرىسى نېپىز بولغانلىقتىن، نەملىكتىن سۈركىلىپ شەلۋەرەپ، يەل تېشىپ كېتىدۇ، تۈك خالتىسى يەللىكى، چىقان قاتارلىق كېسەللەر ئاسان پەيدا بولىدۇ. كۆپ تەرلەش كېسىلىنى داۋالاشتا، روھىي جىددىيلىكتىن، ئارتۇقچە ھاياجانلىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك. دىئازېپام، لۇمىنال قاتارلىق دورىلارنى سىناپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. پۇت كۆپ تەرلىسە، %10 ~ %5 لىك فورمالىن ئېرىتمىسىنى ئىشلەتسە بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا پايپاقنى پات – پات ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش، سۈنئىي خۇرۇمدىن ئىشلەنگەن ئاياغلارنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئاز كىيىش كېرەك. سېسىق تەرلەش كېسىلى سېسىق تەرلەش كېسىلى تەر بەزلىرى ئاجرىتىپ چىقارغان سۇيۇقلۇقنىڭ ئالاھىدە سېسىق پۇرايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئادەم بەدىنىدىكى تەر بەزلىرى چوڭ – كىچىك، دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. كىچىك تەر بەزلىرى بەدەننىڭ ھەممە يېرىگە تارقالغان بولىدۇ، چوڭ تەر بەزلىرى قولتۇق، قورساق ئېرىقچىلىرى، ئۇرۇقدان خالتىسى، مەقئەت، سىرتقى جىنسىي ئەزا قاتارلىق جايلارغا جايلاشقان بولىدۇ. سېسىق تەرلەش ئىرسىيەت ئامىلى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن كېسەل. قولتۇق پۇراش ئاياللاردا كۆپ ئۇچرايدۇ. سېسىق تەرلەش كېسىلى ياشلىق دەۋرىنىڭ ئالدىنقى مەزگىلىدە ياكى ياشلىق دەۋرىدە باشلىنىدۇ. ياشلىق دەۋرى چوڭ تەر بەزلىرىنىڭ سۇيۇقلۇقنى ئەڭ كۆپ ئىشلەپ چىقىرىدىغان مەزگىلى بولغانلىقتىن، تەرنىڭ پۇرىقى ئىنتايىن قويۇق بولىدۇ، ئەمما قېرىغاندا تەر بەزلىرى كىچىكلەپ، ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان سۇيۇقلۇق ئازىيىدۇ، سېسىق پۇراقمۇ ئازىيىدۇ. ئىرسىيەت ئامىلىدىن باشقا، پۈتۈن بەدەن خاراكتېرلىك سېسىق تەرلەش كېسىلى تازىلىق ئادىتى ناچار كىشىلەردە كۆپ كۆرۈلىدۇ. بەزى يېمەكلىكلەرنى، مەسىلەن: غولپىياز، سامساق يېگەندە ياكى مەلۇم دورىلارنى، مەسىلەن: ئىپار قاتارلىقلارنى ئىچكەندە بەزى ئادەملەرنىڭ بەدىنىدە سېسىق تەر پەيدا بولۇشى مۇمكىن. سېسىق تەرلەش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر ئادەتتە تازىلىققا دىققەت قىلىشى، تەرلەيدىغان ئورۇننى ئەتىر سوپۇندا داۋاملىق يۇيۇپ تۇرۇشى، كىيىمىنى پات پات ئالماشتۇرۇپ، بەدەننىڭ قۇرغاق ھالەتتە تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى لازىم. سېسىق تەرلەش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار باكتېرىيىنى ئۆلتۈرۈپ، قىچىشىشنى توختىتىدىغان دورىلارنى بەدەن سىرتىدىن، مەسىلەن: %10 ~ %5 لىك فورمالىن ئېرىتمىسىنى ئىشلەتسە بولىدۇ. پۇتى پۇرىسا 5000/1 لىك مارگانسوپتا يۇسا بولىدۇ؛ قولتۇقى پۇرىسا جۇڭيى دورىسىدىن مەدەستان ياكى قولتۇق ئىپارى قاتارلىق گىرىم بۇيۇملىرىنى ئىشلەتسە بولىدۇ. كېسىلى ئېغىرلار يۈزەكى رېنتگېن نۇرى بىلەن داۋالاش ئۇسۇلىنى قوللانسا بولىدۇ. قولتۇق پۇراشقا قولتۇقنى قاتۇرغۇچى دورىلارنى ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇش، يۇقىرى چاستوتىلىق توك يىڭنىسى ئارقىلىق داۋالاش ۋە ئوپېراتسىيە قىلىش قاتارلىق داۋالاش ئۇسۇللىرىنى قوللانسىمۇ بولىدۇ. تەر قاپارتمىسى تەر قاپارتمىسى پۇت پەنجىسىدە كۆپ يۈز بېرىدۇ. بۇ كېسەل تەر نەيچىلىرى بىلەن مۇناسىۋەتسىز. بەزىلەر بۇ كېسەلنى بىر خىل ھۆل تەمرەتكىنىڭ ئىنكاسى ياكى باكتېرىيە، يېمەكلىك بىلەن دورىنىڭ ئەكس تەسىرىدىن، دەپ قارايدۇ. ئۇ كۆپ تەرلەش كېسىلى بىلەن بىر ۋاقىتتا يۈز بېرىدۇ. شۇڭا، كۆپ تەرلەشنى كونترول قىلىش تەر قاپارتمىسىنى ياخشىلاشقا پايدىلىق. بۇ كېسەل يازدا سەل ئەدەيدۇ. پۇت پەنجىسى ۋە پۇت – قول بارماقلىرىنىڭ يان تەرىپىدە كۆپرەك كۆرۈلىدۇ. گۈرۈچتەك چوڭلۇقتىكى تەر ئەسۋىسى يېرىم شار شەكلىدە تېرىدە سىممېترىك شەكىلدە سۈزۈك كېلىدۇ. كېيىن ئاستا ئاستا تۇتۇقلىشىدۇ. ئەتراپتىكى تەر قاپارتمىلىرى بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن پۇرچاقتەك ياكى ئۇنىڭدىنمۇ چوڭراق ھالەتكە كېلىدۇ، قىزىيدۇ ۋە قىچىشىدۇ. قاپارتما ئاسان يېرىلىپ كەتمەيدۇ، تەخمىنەن ئىككى ~ ئۈچ ھەپتىدىن كېيىن ئۆزلۈكىدىن سۈيى قېچىپ قۇرغاقلىشىدۇ. تېرە كېپەكلىشىپ چۈشىدۇ. ئەمما بۇنداق كېسەل ئاسان تەكرارلىنىدۇ. ئاز ساندىكى قاپارتمىلار تاتىلىغانسېرى يۇقۇملىنىپ، ئىششىپ كېتىدۇ، ئاغرىيدۇ. تەر قاپارتمىسىنى داۋالاشتا، پرىنسىپ جەھەتتىن پۇت – قول تەرلەيدىغان ئەھۋالنى ئازايتىپ، ھاياجانلىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك. مۇۋاپىق يوسۇندا دورا ئىشلىتىش، مەسىلەن: پۇراق يوقىتىش ۋە تىنچلاندۇرۇش دورىلىرىنى ئىشلەتسە بولىدۇ. كېسىلى ئېغىرلار ئەھۋالغا قاراپ پرېدىنزوننى ئىشلىتىش كېرەك، كېسىلى ياخشىلانغاندىن كېيىن، دورىنىڭ مىقدارىنى ئاستا – ئاستا ئازايتىپ، توختىتىش لازىم.
|
|
|
|