دوختۇرلار كېسەل كۆرگەندە، ھەمىشە بەزىلەرنىڭ ئاللىقاچان ئېغىر يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى، ھەتتا يۈرەك مۇسكۇلى تىقىلمىسىغا گىرىپتار بولۇش ئېھتىمالى بارلىقىنى، ئەمما ئاغرىقنىڭ ئۆزىنىڭ كېسەل بولۇپ قالغانلىقىنى تېخىچە بىلمەيدىغانلىقىنى بايقايدۇ ياكى بەزىلەر كېسىلىگە ئېنىق دىئاگنوز قويۇلغان چاغدا ئاندىن ئىلگىرى ئۆزىدە كېسەل ئالامىتى ياكى بېشارىتىنىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى، ئەمما ئۆزىنىڭ بۇنىڭغا ئېرەڭ قىلىپ كەتمىگەنلىكىنى ئېسىگە ئالىدۇ. شۇڭا كۈتۈلمىگەن ئەھۋاللارنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، يۈرەكنىڭ ساغلاملىق ئەھۋالىنى ھەر دائىم كۆزىتىپ تۇرۇشقا دىققەت قىلىش لازىم. يۈرەكنىڭ ساغلاملىق ئەھۋالىنى ئۆزى كۆزىتىپ ئېنىقلاشنىڭ ئاددىي ئۇسۇلىنى ئىگىلىۋالسا، يۈرەكنىڭ ساغلاملىق ئەھۋالىنى ھەردائىم چۈشىنىپ تۇرۇشقا، ھوشيارلىقنى ئاشۇرۇپ، يۈرەكتە كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى بالدۇر بايقاشقا ياردىمى بولىدۇ. 1. تومۇر سوقۇشقا ئاساسەن ئېنىقلاش ئۇسۇلى: ئالدى بىلەن، بەش مىنۇت جىم ئولتۇرۇپ، ئاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ھەر مىنۇتتىكى تومۇر سوقۇش قېتىم سانى ئۆلچەپ چىقىلىدۇ، ئاندىن كېيىن 30 قېتىم زوڭزىيىپ ئولتۇرۇش ھەرىكىتى قىلىپ، ئۆزىنىڭ ھەر مىنۇتتىكى تومۇر سوقۇش قېتىم سانى ئۆلچەپ چىقىلىدۇ، ئاندىن كېيىن بىر سائەت جىم ئولتۇرغاندىن كېيىن يەنە ئۆزىنىڭ ھەر مىنۇتتىكى تومۇر سوقۇش قېتىم سانى ئۆلچەپ چىقىلىدۇ. ھەرىكەت قىلغاندىن كېيىن ئۆلچەپ چىقىلغان تومۇر سوقۇش قېتىم سانىدىن ھەرىكەت قىلىشنىڭ ئالدى – كەينىدە ئۆلچەپ چىقىلغان ئىككى قېتىملىق تومۇر سوقۇش قېتىم سانىنىڭ ئايرىمىسىنى ئېلىۋېتىپ، چىققان ساننى ئونغا بۆلسەك، كېلىپ چىققان نەتىجە 5 ~ 1 بولسا، يۈرەك ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، ئەگەر كېلىپ چىققان نەتىجە 10 ~ 6 بولسا، يۈرەك ئەھۋالىنىڭ ئوتتۇراھال سەۋىيىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، ئەگەر كېلىپ چىققان نەتىجە 16دىن چوڭ بولسا، بۇ يۈرەك ئەھۋالىنىڭ ناچارلاشقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 2. پەلەمپەيدىن چىقىش ئارقىلىق ئېنىقلاش ئۇسۇلى: بۇنىڭدا ئادەتتىكى تېزلىكتە بىنانىڭ بىرىنچى قەۋىتىدىن تۆتىنچى قەۋىتىگە (ئەگەر بىنانىڭ قەۋىتى پاكارراق بولسا بەشىنچى قەۋىتىگە) چىقىش، ئارىلىقتا توختىماسلىق كېرەك. بۇ چاغدىكى يۈرەك سوقۇش قېتىم سانى مىنۇتىغا 100 قېتىمدىن ئاز بولسا، يۈرەك ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ؛ يۈرەك سوقۇش قېتىم سانى مىنۇتىغا 120 ~ 100 قېتىم بولسا، يۈرەك ئەھۋالىنىڭ ياخشىراق ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ؛ يۈرەك سوقۇش قېتىم سانى مىنۇتىغا 140 ~ 120 قېتىم بولسا، يۈرەك ئەھۋالىنىڭ ئوتتۇرا ھال دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ؛ يۈرەك سوقۇش قېتىم سانى مىنۇتىغا 140 قېتىمدىن كۆپ بولسا، يۈرەك ئەھۋالىنىڭ ناچارراق ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. 3. بەل، ساغرا ئايلانمىسىغا ئاساسەن ئېنىقلاش ئۇسۇلى: ئۆرە تۇرۇپ، رۇلېتكا ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭ ئەڭ كىچىك بەل ئايلانمىڭىز بىلەن ئەڭ چوڭ ساغرا ئايلانمىڭىزنى ئۆلچەپ، ئاندىن كېيىن ئىككىسىنىڭ نىسبىتىنى ھېسابلاپ چىقىڭ. نورمال ئەھۋالدا بۇ نىسبەت ئەرلەرنىڭ 0.9 دىن كىچىك، ئاياللارنىڭ0.8 دىن كىچىك بولىدۇ. ئەگەر بەل ئايلانمىڭىز بىلەن ساغرا ئايلانمىڭىزنىڭ نىسبىتى بۇ قىممەتتىن چوڭ بولسا، ئۇ ھالدا يۈرەك قان تومۇرى كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىنىڭ چوڭ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ، بۇ قىممەت قانچىكى چوڭ بولسا، يۈرەك قان تومۇرى كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى شۇنچە چوڭ بولىدۇ. 4. تومۇر سوقۇش قېتىم سانىنى سېلىشتۇرۇپ ئېنىقلاش ئۇسۇلى: بۇنىڭدا، ئالدى بىلەن، جىمجىت ھالەتتە تۇرغان چاغدىكى تومۇر سوقۇش قېتىم سانى ئۆلچەپ چىقىلىدۇ، تۇرغان جايىدا قولنى پۇلاڭلىتىپ، سەكرەپ ئىككى مىنۇت ھەرىكەت قىلىپ، ھەرىكەتنى توختاتقاندىن كېيىن دەرھال تومۇر سوقۇش قېتىم سانى ئۆلچەپ چىقىلىدۇ. ئاندىن كېيىن جىم ئولتۇرۇپ، تاكى تومۇر سوقۇشى ھەرىكەت قىلىشنىڭ ئالدىدىكى جىم تۇرغان چاغدىكىدەك نورماللاشقانغا قەدەر، ھەر مىنۇتتا بىر قېتىم تومۇر سوقۇش قېتىم سانى ئۆلچەپ چىقىلىدۇ. ھەر قېتىم ئۆلچەپ چىقىلغان تومۇر سوقۇش قېتىم سانى خاتىرلىنىپ، ھەرىكەت قىلغاندىن كېيىنكى تومۇر سوقۇشنىڭ نورماللىشىشىغا كېتىدىغان ۋاقىت ھېسابلاپ چىقىلىدۇ. 3 ~ 1 ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، بۇ تەجرىبە قايتا ئىشلىنىپ، ئالدى – كەينىدىكى ئىككى قېتىملىق تومۇر سوقۇشنىڭ تېزلىشىش دەرىجىسىدە ئۆزگىرىش بولغان – بولمىغانلىقى ۋە تومۇر سوقۇشنىڭ نورماللىشىشىغا كېتىدىغان ۋاقىتنىڭ قىسقارغان – قىسقارمىغانلىقى سېلىشتۇرۇلىدۇ. ئومۇمەن، تومۇر سوقۇشنىڭ تېزلىشىش دەرىجىسى قانچىكى كىچىك بولسا، تومۇر سوقۇشنىڭ نورماللىشىشىغا كېتىدىغان ۋاقىت شۇنچە قىسقا بولىدۇ، يۈرەكنى چېنىقتۇرۇشنىڭ ئۈنۈمىمۇ شۇنچە ياخشى بولىدۇ.
|