ياڭاق مېغىزى ، قارا كۈنجۈت ، ئۈجمە يوپۇرمىقى بىلەن ئۇيقۇسىزلىقنى داۋالاش ياڭاق مېغىزى ، قارا كۈنجۈت ، ئۈجمە يوپۇرمىقى50 گىرام ، بۇلارنى يانجىپ تالقان قىلىپ كومىلاچ ياسىلىدۇ ، ھەر بىر كومىلاچنىڭ ئېغىرلىقى 3 گىرام بولۇپ ، ھەر كۈنى ئىككى قېتىم ، ھەر قېتىمدا 9 گىرام ئىچىلىدۇ . ئۇۋۇلاش ئارقىلىق ئۇيقۇسىزلىقنى داۋالاش ئۇخلىمىغاندا ، بىر پۇتنىڭ ئالقىنىغا يەنە بىر پۇتنىڭ باش بارمىقىنى قويۇپ ، پۇتنىڭ ئالقىنى قىزىغىچە سۈركەپ ، ئاندىن يەنە بىر پۇتقا يۆتكەپ داۋاملاشتۇرۇپ بەرگەندە ، چوڭ مېڭىنىڭ دىققىتى پۇتقا مەركەزلىشىدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئادەم چارچاپ ھارغىنلىق ھېس قىلىدۇ–دە ، ئاسانلا ئۇخلاپ قالىدۇ . دولانا مېغىزى ، چوڭ چىلان ئۇيقۇسىزلىقنى داۋالايدۇ دولانا مېغىزىنى يۇيۇپ قۇرۇتقاندىن كېيىن ، سوقۇپ ئۇۋۇتۇپ ، ئۇنىڭدىن 40 گىرام ئېلىپ ، ئۇنىڭغا ئۇۋۇتىلغان چوڭ چىلاندىن يەتتە تال ۋە ئازراق شېكەر قوشۇپ ، ئۇلارنى 400 گىرام سۇغا سېلىپ 20 مىنۇت قاينىتىلىدۇ ، تەييارلانغان قايناتما ئۈچكە بۆلۈپ ئىچىلىدۇ ، ھەركۈنى كەچتە ئۇخلاشتىن يېرىم سائەت بۇرۇن ئىللىتىپ ئىچىپ بېرىلسە ، ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ . ياڭاق مېغىزى بىلەن ئۇيقۇسىزلىقنى داۋالاش مۇۋاپىق مىقداردىكى ياڭاق مېغىزىنى پوستى بىلەن ئېزىپ ، ئۇنىڭغا قارا شېكەر قوشۇپ تاماقتىن كېيىن ئىچىلىدۇ .
|