ماينى كونترول قىلىش . ئەرلەر ھاۋانىڭ ئىسسىشىغا ئەگىشىپ ، چېچىنىڭ مايلىشىپ ، چۈشۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى بايقايدۇ . بۇ ماينىڭ تۈك تۆشۈكچىلىرىنى توسۇۋالغانلىقى بولۇپ ، ئادەتتە چاچ سۇيۇقلۇقى ،چاچ يىلتىزىدىكى مايلارنى ئېرىتىپ تازىلىيالمايدۇ . بۇنداق ۋاقىتتا مەخسۇس ئىشلەنگەن ماينى كونترول قىلىش چاچ سۇيۇقلۇقىنى ئىشلەتسە ، ئۇ تېرىدىكى قاتتىق ماينى تولۇق ئېرىتىپ ، چاچنىڭ تۈك تۆشۈكچىلىرى توسۇلۇپ قېلىش سەۋەبىدىن ‹‹تۇنجۇقۇپ›› چۈشۈش كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ، يېتەرلىك ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ . ماينى كونترول قىلسىلا چاچ تېخىمۇ ساغلام بولىدۇ .
پۇراقنى يوقىتىش . چاچنى دائىم يۇيۇپ بېرىش كېرەك . چاچ سۇيۇقلۇقى پۇرىقىنىڭ رولىغا ھەرگىز سەل قاراشقا بولمايدۇ .
چاچنىڭ رەڭگىنى ئاسراش . پارقىراق چاچ ئەرلەرنى ساغلام كۆرسىتىدۇ . بويالغان چاچ يۇيۇنۇش ، سۇ ئۈزۈش جەريانىدا ھۆل بولۇپ ، چاچ يۈزىدىكى تۈك قاسراقچىلىرى %20 كېڭىيىپ ، رەڭ بوياقلىرى چىقىپ كېتىدۇ . مەخسۇس ئىشلەنگەن رەڭ ئاسراش مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەتكەندە ، چېچىڭىزنىڭ رەڭگىنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرىدۇ .