بىر تەرەپتىن، ياشانغانلارغا نىسپەتەن كۆپىنچە كىلىشمەسلىك يۇيۇنغان چاغدا كىلىپ چىقىدۇ. مۇتەخەسىسلەر مۇنداق دەيدۇ؛ ياشانغانلار تاماقتىن كىيىنلا يۇيۇنسا بولمايدۇ، قورساق ئاچقان چاغدا يۇيۇنسىمۇ بولمايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ياشلارمۇ ئەڭ ياخشىسى تاماقتىن كىيىن يۇيۇنۇش ئادىتىنى ئۆزگەرتىش كېرەك.
ئەمدىلا تاماقنى يەپ بولغاندا ، ھەزىم قىلىش سېستىمىسى خىزمىتىنى باشلىۋىتىدۇ، كۆپ مىقداردىكى قان ئاشقازانغا يىغىلىپ قالىدۇ، باشقا ئەزالار بولسا قان كەمچىل بۇلىدۇ. بۇ چاغدا يۇيۇنسا ، پۈتۈن بەدەندىكى قان تۇمۇرلار كېڭىيىپ، تېرە ۋە مۇسكۇلدىكى قان ئېقىمى يۇقىرىلايدۇ، ئاشقازاندىكى قان مىقدارى ئازلاپ ھەزىم قىلىشقا تەسىر يەتكۈزىدۇ. كۆپلىگەن ياشانغانلاردا يۈرەك ،مېڭە،قان-تۇمۇر كېسەللىكلىرى بۇلىدۇ، ئۇزاق ۋاقىت ئوكسىگىن كەمچىل مۇھىتتا تۇرغاندا بەك ئاسانلا يۈرەك مېڭىگە قان يىتىشمەسلىك كىلىپ چىقىدۇ، ھەتتا تۇيۇقسىز ئۈلۈپ كىتىش ھادىسىسى كىلىپ چىقىدۇ. قورساق ئاچقاندا يۇيۇنۇشمۇ ئىنتايىن خەتەرلىك قان شېكەر ماددىسى تۆۋەنلەپ ئاسانلا يىقىلىپ چۈشىدۇ.
كۆپچىلىك ئەڭ ياخشىسى يۇيۇندىغان ۋاقىتنى تاماق يەپ 1-2 سائەتتىن كىيىن ئورۇنلاشتۇرسا ئەڭ ياخشى، يۇيۇنغان چاقىت يېرىم سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا ، بەدىنى ئاجىزلارۋە ياشانغانلار قىشتا يۇيۇنغاندا چۈش ۋاقىتتا يۇيۇنسا ياخشى، مۇنچا ئىچىنىڭ تېمپىراتۇرىسى بەك سوغۇق ياكى بەك ئىسسىق بولسا بولمايدۇ نورمال بۇلىشى كېرەك، بۇنداق بولغاندا ئاسان زۇكام بۇلۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بۇلىدۇ.
ھاۋا سوغۇق چاغدا، كۆپىنچە كىشىلەر ھاراق ئىچىپ بەدىننى ئىسىتىشقا ئامراق. ھاراق ئىچكەندىن كىيىن باش قىسىمىدىكى قان تۇمۇرلار جىددى ھالەتتە كېڭىيىشكە باشلايدۇ، ئەگەر شۇ چاغدا يۇيۇنغاندا قان تۇمۇرلار دەرھاللا تارىيىدۇ، ئاسان باش قېيىش، كۆز قاراڭغۇلىشىش، كۆڭلى ئېلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ. نۆۋەتتە يۈرەك ،مېڭە ،قان- تۇمۇر كېسەللىكلىرىنىڭ قوزغىلىشى ئەڭ يۇقىرى بولغان ۋاقىت ، بۇ چاغدا باش قىسىمىنى چۇقۇم ئىسسىق ساقلاش كېرەك، ھاراق ئىچىپ بولغاندىن كىيىن سىرىتلاردا شامالداپ قالماسلىق كېرەك، ھاراق ئىچىپ بولغاندىن كىيىن يۇيۇنسا تېخىمۇ بولمايدۇ.