دۇفۇ بىز كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا دائىم ئۇچىرىتىپ تۇرىدىغان يىمەكلىك ، ئۇنىڭ بىلەن ھەرخىل سەيلەرنى قورۇشمۇ ئنتايىن ئاددى ھەم يىيىشلىك ، ئۇزۇقلۇق ماددىسىمۇ ئىنتايىن مول، دۇفۇنى ئۇزۇقلۇق ماددىسىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتىرىش ئۈچۈن قايسى خىل يىمەكلىك بىلەن تەڭشەپ ئىستىمال قىلىشقا بۇلىدۇ، ئۇنداق بولسا تۆۋەندە كۆرۈپ باقايلى.
سۈت قوشساق كالتىسى تۇلۇقلايدۇ،ئۆپكىنى قۇۋەتلەيدۇ. سۈت بولسا ئۈسۈملۈك ئاقسىلى ، دۇفۇ بولسا ھايۋانات ئاقسىلى ، ئىككىسى بىرلەشسە ئەڭ مۇكەممەل بىر يىمەكلىككە ئايلىنىدۇ. ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى.
تۇخۇم سېرىقى ئارلاشتۇرسىڭىز ئۇ چاغدا كالتىسى مىقدارى تېخىمۇ ئاشىدۇ.ئادەتتە كالتىسىيلىق دورىلارنى ئىستىمال قىلسىڭىز ۋىيتامىن Dتۇلۇقلىغانغا ئوخشاش، دۇفۇنىڭمۇ كالتىسى مىقدارى ئىنتايىن كۈچلۈك. دۇفۇ ئىستىمال قىلغاندا ۋىيتامىن Dبىلەن بىللە ئىستىمال قىلغاندا كالتىسىنىڭ سۈمۈرۈلىشى ۋە تۇلۇقلىنىشى تېخىمۇ تىز بۇلىدۇ.
تۇخۇم سېرىقى تەركىبىدىمۇ ۋىيتامىن D ئىنتايىن مول بۇلۇپ ، ئەگەردە دۇفۇ بىلەن بىرلەشتۈرۈلسە تېخىمۇ ياخشى بۇلىدۇ، ھايۋاناتلارنىڭ ئىچكى ئەزاسى بۇلۇپمۇ جىگەر تەركىبىدە ۋىيتامىن D ماددىسىمۇ ئىنتايىن مول، شۇڭا بۇلارنىمۇ دۇفۇ بىلەن بىللە ئىستىمال قىلغاندا ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بۇلىدۇ.
چىڭسەي ، مور ئارلاشتۇرۇلغان دوفۇ بولسا كېسەلگە قارىشى تۇرۇش كۈچى ئىنتايىن يۇقىرى، دۇفۇنىڭ گەرچە ئۇزۇقلۇق ماددىسى ئىنتايىن مول بولسىمۇ بىراق يىمەكلىك تالالىرى سەل كەمچىل ، دۇفۇنى ئايرىملا ئىستىمال قىلغاندا قەۋزىيەت قىلىپ قۇيىشى مۇمكىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە چىڭسەي ۋە مورنىڭ تەركىبىدە يىمەكلىك تالالىرى ئىنتايىن مول، بۇ دۇفۇنىڭ بۇ كەمچىلىكىنى تۇلۇقلايدۇ، چىڭسەي بىلەن مور يەنە ئادەم بەدىنىدىكى ئېمۇنىت ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتىرىدۇ، كېسەللىكلەرنىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارىشى تۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، ئەگەر دۇفۇ بىلەن بىللە ئىستىمال قىلغاندا ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بۇلىدۇ، كېسەلگە قارىشى تۇرۇش كۈچى كۈچىيىدۇ، دېققەت قىلىدىغىنىمىز بولسا پالەك، بۇغداش تەركىبلىرىدە چۆپ كىسلاتاسى ئىنتايىن يۇقىرى بۇلۇپ دۇفۇ بىلەن بىللە ئىشلەتكەندە سۇغا بىر بېسۋېتىپ ئاندىن ئىشلەتكەن ياخشى، بولمىسا دۇفۇنىڭ كالتىسىنى سۈمۈرۈش ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.
شۇڭىلاشقا ئەگەر دۇفۇنى ئىستىمال قىلغاندا ئاقسىللىق ماددا بىلەن بىللە ئىستىمال قىلسا ئۆز- ئارا تۇلۇقلاپ تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈمگە ئىگە قىلىدۇ، بىراق بۇ ئاقسىللىق يىمەكلىكلەر بولسا گۆش تۈرىدىكىلەردىن باشقىلىرى بۇلىشى كېرەك.
لامنارىيە بىلەن زىسەي ئارلاشتۇرۇلغان دۇفۇ يۇقىرى دەرىجىدە يود تۇلۇقلايدۇ. دۇفۇنىڭ پەقەت ئۇزۇقلۇق ماددىسى يۇقىرى بۇلۇپلا قالماستىن يەنە قان تۇمۇرلارنىڭ قېتىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان رۇلىمۇ بار شۇڭا دۇفۇ ئىستىمال قىلغاندا زىسەي بىلەن لامنارىيەنى بىرلىكتە ئىستىمال قىلسىڭىز ئۈنۈمى تېخىمۇ كۆرىنەرلىك بۇلىدۇ.

