
مېغىز ئادەتتە قان پىلازمىسىنىڭ ئۇيۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم ئۇرۇقچىسىمان مىۋە يەپ بەرگەندە يۈرەك كېسەللىكىگە گىرىپتار بۇلۇش خەۋىپىنى خېلىلا تۆۋەنلەتكىلى بۇلىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىندىغىنى بولسا ئۈرۈك مېغىزى.
نىلۇپەر ئۇرىقى مېغىزى.

نىلۇپەر ئۇرىقى مىېغىزى بولسا خولىتسىرىننى تۆۋەنلىتىدۇ، نىلۇپەر ئۇرۇقى سۇدا ئاسان ئىرىيدىغان تالالىق ماددىغا تەۋە بولغاچقا ، جىگەردىكى خولىتسىرىننى چىقىېىپ تاشلايدۇ،
قارا كۈنجۈت .

قاراكۈنجۈت بولسا قان تۇمۇر قېتىۋىلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، قان تۇمۇر ئېلاستىكىلىقىنى ساقلايدۇ.
سېرىق پۇرچاق .

سېرىق پۇرچاق بەدەندىكى خولىتسىرىننى تۆۋەنلىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە، سېرىق پۇرچاقنىڭ تەركىبىدە بەدەن ئېھتىياجلىق بولغان ئامىنو كىسلاتا بار بۇلۇپ ، بەدەنگە كىرگەندىن كىيىن ماي ۋە خولىتسىرىننىڭ ماددا ئالمىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
پالەك .

پالەك ئادەتتە يۈرەك قان تۇمۇر كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، پالەكنىڭ تەركىبىدە مول مىقداردا يۇپۇرماق كىسلاتاسى بار بۇلۇپ ، پالەك تەركىبىدىكى ھەرخىل ئۇزۇقلۇق ماددىلار يۈرەك قان تۇمۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
مور.

قان ئۇيۇشۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، تەتقىقايلارغا ئاساسلانغاندا مور تەركىبىدە قان ئۇيۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان 9 خىل ماددا بار ئىكەن. پىيازلار بىلەن بىللە ئىستىمال قىلغاندا ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بۇلىدىكەن.
كەرەپشە.

كەرەپشە ئاساسلىق قانبېسىمىنى تۆۋەنلىتىدۇ، كەرەپشە تەركىبىدە كەرەپشە ئىشقارى بار بۇلۇپ ، يۈرەك قانتۇمۇرلارنى قوغداش ئىقتىدارىغا ئىگە، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇپۇرمىقىدىكى ۋىيتامىن Cمىقدارى بىر قەدەر يۇقىرى.
قوناق.

قانبېسىمنى تۆۋەنلىتىدۇ، قان بېسىمنى تۇراقلاشتۇرىدۇ