بالىڭىزدىن ھەددىدىن زىيادە ئەنسىرەپ كەتمەڭ . مەسىلەن ؛ بالىڭىزنىڭ ئەسكى بالىلار بىلەن دوس بۇلۇپ قېلىشىدىن، ئۆيگە كەچ قايتىشىدىن، دەرىسلىكلىرىنى دەرىس سېتكىسى بۇيىچە ئالماسلىقىدىن ،

بالىڭىزنىڭ ئورنىدا بەك كۆپ يۈكنى ئۈستىڭىزگە ئېلۋالماڭ. مەسىلەن ؛ مەيلى يامغۇر ياغقان ئاپتاپ چىققان ۋاقىتتا بولسۇن بالىنى ئاپقىرىپ ئەكىلىش، بالىنىڭ سومكىسىنى كۆتۈرۈۋېلىش، بالىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئىشلىشىپ بېرىش.

ئاتا- ئانا بولغۇچى ئۆزى ئۇچىرىغان ئوڭۇشسىزلىقلارنى بالىنىڭ ئۈستىگە ئارتىپ قويماسلىق ، خوشال ئەمەس ياكى كەيپىياتى ياخشى ئەمەس چاغلاردا بالا بىلەن كارى بولماسلىق ، ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن قالايمىقان ۋارقىراپ -جارقىراش.

بالا ياخشى ئىش قىلغاندا ياكى ئىمتاھاندىن ياخشى نۇمۇر ئالغاندا ماددى جەھەتتىن بولسۇن ياكى مەنىۋى جەھەتتىن بولسۇن ھەددىدىن زىيادە ئاشۇرۋەتمەسلىك كېرەك، بولمىسا بالا يا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنى يا ئۆزىدىن مەغرۇرلىنىشنى بىلەلمەي قالىدۇ.

بالىنىڭ 1 بۇلۇش ئۈچۈن بالىنىڭ ئالدىغا ئۆگىنىش ماتىرياللىرىنى دۆۋلەپ، بالىنى چۇقۇم 1 بۇلۇشقا مەجبۇرلاش، بۇنداق بولغاندا بالىنىڭ بېسىمى ئېشىپ كىتىپ ، ئۆگەنگىنىنى ھەزىم قىلىپ بۇلالماي قالىدۇ.

ۋاقىت چىقىرىپ بالىڭىزنى چۈشۈنۈشكە تىرىشىڭ، ئۇنىڭ نىمىگە قىزىقىدىغانلىقىنى بىلۋېلىڭ.

ۋاقىت چىقىرىپ بالىڭىز بىلەن پاراڭلىشىڭ، تاپشۇرۇق، دەپتەر - كىتاپلىرىنى تەكشۈرۈپ تۇرۇڭ.

ئالدىراش خىزمەت قىلىپ ، ئالدىراش ئۆي ئىشلىرىنى قىلىپ جەمىئەت ئۇچۇرلىرىدىن خەۋەرسىز قالىسىز، شۇنىڭ بىلەن بالىڭىزنىڭ قىزىقىپ ئوينايدىغان ئويۇنى، ياختۇرۇپ ئاڭلايدىغان ناخشىسى، ھەتتا سىزدىن سورىغان سۇئاللىرىغا نىمىدەپ جاۋاپ بىرىشنىمۇ بىلەلمەي قالىسىز.

ئاتا -ئانا بالىغا نىسپەتەن مۇھاببىتى ۋە كۆڭۈل بۈلىشىنى ئېنىق ئىپادىلەپ قۇيىشى كېرەك، بولمىسا بالا ئۆزىنى باشقا بالىلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ ئۆزىنى يالغۇز ھېس قىلىپ قالىدۇ.

ھەمىشە بالىغا بىر خىل مۇئامىلىدە بولماڭ ،چۈنكى بالىڭىز بىر كۈندىن بىر كۈندىن ئۆسۈپ يىتىلىدۇ ئەمەسمۇ، بالىڭىز نەچچە يىل ئاۋالقى كىچىك بالا ئەمەس،
