ئاۋسترالىيەدىكى تەتقىقاتچىلار نەچچە ئون يىل ئېلىپ بارغان تەتقىقاتنىڭ نەتىجىسىنى يەكۈنلەپ مۇنداق دېيىشتى : ‹‹ يۈرەك ۋە قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە ئادەم بالىلىق چېغىدىلا ئۇرۇق سالغان بولىدۇ ، بېسىم پەيدا قىلىدىغان ئىنكاسنى پەسەيتىش يۈرەك ۋە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ قوزغىلىشىنى كېچىكتۈرۈش ، ھەتتا پۈتۈنلەي يوقىتىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك چارىسى . بالىلارنى مەكتەپكە پىيادە بېرىشقا ئىلھاملاندۇرۇش ئۇلارنىڭ يۈرەك رېتىمى بىلەن قان بېسىمىنى كونترول قىلىشقا پايدىلىق ، بۇ چارىنىڭ ئەڭ زور پايدىسى كېيىنكى كۈنلەردە يۈرەك ۋە قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولماسلىقتا گەۋدىلىنىدۇ ›› .
تەتقىقاتچىلار يەنە مۇنداق دېيىشتى : ‹‹ مەكتەپكە پىيادە بارغان ئوقۇغۇچىلارغا قارىغاندا ، ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ بارغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ شۇ كۈنى ئېلىنغان ئىمتىھان ۋاقتىدا قان بېسىمىنىڭ ئۆرلەش دەرىجىسى ئۈچ ھەسسە يۇقىرى بولىدىغانلىقى ، ھەتتا ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ مەكتەپكە بارغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ روھىي بېسىمىمۇ بىر ھەسسە ئېشىپ كېتىدىغانلىقى ئايان بولدى . مەكتەپكە پىيادە بېرىش ساغلاملىققا پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن ، يەنە ئوقۇش نەتىجىسىنىڭ ياخشى بولىشىغىمۇ پايدىلىق ئىكەن . زىيارەتنى قوبۇل قىلغان %90 ئوقۇتقۇچى بۇ ھەقتىكى تەكشۈرۈشكە : ‹‹ مەكتەپكە پىيادە كېلىش ئوقۇغۇچىلارغا تەييارلىق قىلىشقا تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت بېرىدۇ ، بۇنداق بالىلارنىڭ دىققىتىنى يىغىش كۈچى ئىنتايىن زور بولىدۇ ، سىنىپقا كىرگەن ھامال ئۆگىنىشكە بېرىلەلەيدۇ› ، دەپ جاۋاب بەردى ›› .