ئوت ياكى قايناقسۇدا كۆيۈپ قالغان كۆيۈك يارىسىنى داۋالاشتا : بىر نەچچە تال سازاڭنى شېكەر قويۇلغان تەخسە ئۈستىگە قويۇپ بەرسە ، سازاڭنىڭ ئۇياق-بۇياققا مېڭىشى بىلەن تەخسىدىكى شېكەر سۇيۇقلۇققا ئايلىنىدۇ ، بۇ سۇيۇقلۇقنى كۆيۈك يارىسىغا بىر قانچە قېتىم سۈركىسە يارا تېزلا ساقىيىدۇ . * تېرە تاسادىپىي كۆيۈپ قېلىپ قاپارتقۇ ئۆرلىگەندە دەرھال ئاق ئۇن بىلەن شىلىم ئېتىپ ، سوۋۇغاندىن كېيىن جاراھەتكە سۈرتسە بولىدۇ . تاڭمىسىمۇ ئاغرىق دەرھال توختايدۇ . بۇ ئۇسۇلدا بىر قانچە كۈن ئىچىدە قاپارتمىلار ئۆزلىكىدىن يېنىپ ، تېرە تەدرىجى ئەسلىگە كېلىدۇ . * كۆيگەن جايغا دەرھال خام كالا سۈتىنى ئۈستى-ئۈستىگە سۈرۈپ بەرسە ، 7-8 قېتىم سۈركىگەندىن كېيىنلا قىزىپ ئاغرىش توختايدۇ ھەن ھېچقانداق سۇلۇق قاپارتما پەيدا بولمايلا ساقىيىپ كېتىدۇ .
|