گۆش تەركىبىدىكى ۋىتامىن B1 ئىستېمال قىلىنغاندىن كېيىن بەدەندە ساقلىنىش ۋاقتى بەك قىسقا بولۇپ ، سۈيدۈك بىلەن چىقىپ كېتىدۇ . گۆش يېگەندە ئازراق سامساق يەپ بەرسىڭىز گۆش تەركىبدىكى ۋىتامىن B1 سامساق تەركىبىدىكى ئاللىكىن ماددىسى بىلەن بىرىكىپ ، ۋىتامىن B1 نى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇپلا قالماستىن ، سۇدا ئېرىيدىغان خۇسۇسىيەتكە ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ۋىتامىن B1 نىڭ بەدەندە ساقلىنىش ۋاقتىنى ئۇزارتىدۇ . بۇنداق بولغاندا ، قان ئايلىنىشنى ياخشىلاپ ، ۋىتامىن B1 نىڭ ئاشقازان ، ئۈچەيدە سۈمۈرۈلۈشىنى ئاشۇرىدۇ ھەمدە بەدەننىڭ قوبۇل قىلىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ ، ھارغىنلىقنى يوقىتىدۇ .
|