ئۇخلاش ئادىتىنىڭ بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە بولغان تەسىرىنى ئىگىلەش ئۈچۈن، ئامېرىكا ستانفورد تەتقىقات يۇرتىدىكى تەتقىقاتچىلار 8000 بالىنىڭ ئاتا – ئانىسىنى تېلېفوندا ئىككى قېتىمدىن زىيارەت قىلغان. بىرىنچى قېتىملىق تېلېفون زىيارىتى بالا توققۇز ئايلىق بولغاندا، ئىككىنچى قېتىملىق تېلېفون زىيارىتى بالا تۆت ياشقا كىرگەندە ئېلىپ بېرىلغان. تەتقىقاتچىلار كەينىدىنلا بالىلارغا ئوقۇش، يېزىش ۋە ماتېماتىكىلىق ئەقلىي ئىقتىدارنى سىناش سىنىقى ئېلىپ بارغان. نەتىجىدە، ئەقلىي ئىقتىدارىنى سىناش نەتىجىسىنىڭ ياخشى – يامان بولۇشىنىڭ بالىلارنىڭ ئۇخلاش ئادىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى بايقالغان. ئەگەر بالىلار تۆت ياشتا ياخشى ئۇخلاش ئادىتىنى يېتىلدۈرگەن ھەم ھەر كۈنى كەچتە 11 سائەتكە يېقىن ئۇخلاشقا ئادەتلەنگەن بولسا، ئۇلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنى سىناش نەتىجىسى ناھايىتى ياخشى بولغان؛ بىراق دائىم ۋاقتىدا ئۇخلىمايدىغان ھەم ئۇخلاش ۋاقتى 11 سائەتكە يەتمەيدىغان بالىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنى سىناش نەتىجىسى ياخشى بولمىغان. تەتقىقاتچىلار: بالىلاردا ياخشى ئۇخلاش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشتە، ئاتا – ئانىنىڭ تەربىيەسى ئىنتايىن مۇھىم، دېيىشتى.
|